4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ئىسلام دىنىدىكى مۇبارەك ئۈچ ئاينىڭ باشلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن گېرمانىيەنىڭ دۇئىسبۇرگ شەھىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئېنفورماتسيون مەركىزىدە سېرىقبۇيا ۋەقەسىدە شېھىت بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان ئوقۇتۇلدى.
بۇ پائالىيەتكە دۇئىسبۇرگ شەھەرلىك ھۆكۈمەت تارمىقىدىكى ئۇيۇم پارلامېنتىنىڭ باشلىقى شەۋكەت ئاۋجى ئەپەندى ۋە بۇ شەھەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈرك ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشقان. ئۇيۇم پارلامېنتى يانى كۆچمەنلەر پارلامېنتى باشلىقى شەۋكەت ئاۋچى ئەپەندى سېرىقبۇيا ۋەقەسىگە قاتتىق ئېچىنغانلىقىنى، پارلامېنت باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىدىن سەۋىر تىلەيدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ ئاخىرىدا ئابدۇجېلىل قاراقاشنىڭ تەلەپلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن قولىدىن كەلگەنچە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۆۋەندە، بۇ ھەقتە ئابدۇجېلىل قاراقاش ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنى ئاڭلاڭلار.
0:00 / 0:00