كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، مۇبارەك رامىزان چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىناقلىق، بەرىكەت، ئىبادەت ئېيى بولغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر ئىلىدىكى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن خارلىق، زۇلۇمنىڭ كۈچەيگەن دەۋرى بولغان.
لۈكچۈن، سېرىقبۇيىدىكى قانلىق توقۇنۇشلاردىن كېيىن كەلگەن بۇ يىللىق رامىزاندا ئۇيغۇرلار ھەر يىلقىدىنمۇ بەكرەك ئازاب تارتقان.
مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ روزا تۇتۇش، ساقال قويۇش، رومال ئارتىشقا قارشى يەرلىك دائىرىلەرنىڭ قولى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتى ئۇيغۇر ئىلىدا كۆپ قېتىم قانلىق توقۇنۇشلارنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولغان ئىدى. يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان، بۇ خىل مىللىي كەمسىتىش ۋە ھاقارەتلەر چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ئىنكاسىنى قوزغاپلا قالماي، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ زور نارازىلىقلار پەيدا قىلماقتا.
ئۇيغۇر ئىلىدىن تارالغان ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، 23-ئاپرېل سېرىقبۇيا ۋەقەسى، 26-ئىيۇن لۈكچۈن ۋەقەسى ۋە ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن ۋىلايەتلىرىدە بۇ يىل ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن ھەر تۈرلۈك قانلىق توقۇنۇشلاردىن كېيىن، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىلىدا يولغا قويغان دەرىجىدىن تاشقىرى قاتتىق باستۇرۇش، قاتتىق باشقۇرۇش، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، ھەركىم مەجبۇرىي سىياسىي ئۆگىنىشلەرگە قاتنىشىش ھەرىكەتلىرى ئەۋجىگە چىققان بىر مەزگىلدە يېتىپ كەلگەن رامىزاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇش، ئىبادەت قىلىش، مەسچىتلەردە جۈمە نامازلىرى ۋە خۇتبىلەرنى ئوپچە ئوقۇشلىرى چەكلىمىلەرگە ئۇچراپلا قالماستىن، ئىپتارلىق پائالىيەتلەرنى ئىجازەت ئالماي توپلىشىپ ئۆتكۈزۈشمۇ چەكلەنگەن.
خەلقئارا جەمئىيەت شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن بۇيان، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ بارغانسېرى ناچارلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزانلىق پائالىيەتلىرىنىڭ ئېغىر چەكلىمىلەرگە ئۇچرىغانلىقىنى، خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتىنىڭ تېخىمۇ ئەشەددىيلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەشمەكتە ئىدى. بۇ يىل رامىزان ئېيىدا ۋەتەندىكى ئۇيغۇر توربەتلىرى ۋە چەتئەلدىكى ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ توپلىشىپ ئىپتار قىلىش ھەمدە مىسكىنلەرگە ئىپتارلىق بېرىش پائالىيەتلىرىنىڭ توسقۇنلۇقلارغا ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدا ئىنكاسلار ئېلان قىلىندى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ يىل ئۇيغۇر ئىلىدا توپلىشىپ ئىپتار قىلماقچى بولغانلار ياكى غېرىپ-غۇرۋالارغا ئىپتارلىق بەرمەكچى بولغانلارغا چوقۇم شۇ جايدىكى ساقچى، مەھەللە كومىتېتىنىڭ ئىجازىتىنى ئېلىش شەرت قىلىنغان.
ئۇيغۇر ئىلى ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان د ئۇ ق دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇنھاجىم خىتاينىڭ بۇ يىلقى رامىزاندا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىگە قارىتا دەرىجىدىن تاشقىرى قاتتىق بېسىم يۈرگۈزۈپ كەلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
«ۋەتەندىكى رامىزان» ناملىق بىر خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئۈرۈمچىدىكى ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىغا داۋالانغىلى كەلگەن، ئەمما پۇلى يوقلۇقى سەۋەبىدىن ياتاقتا ياتالماي، كېچىلەرنى تالادا كارىۋات قويۇپ ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولغان نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلار رامىزانلىق ئىبادەتتە كۆپ قىينالغان. ئاتوم رادىئاتسىيىسىدىن زەھەرلىنىپ ھەرخىل كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلىقى تىلغا ئېلىنغان بۇ ئۇيغۇرلار ئەتىگىنى زولۇق يېيىش، كەچتە ئىپتار قىلىش شارائىتى بولمىغانلىقى سەۋەبلىك ھەرەج تارتقان بولسىمۇ، ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئەقىدىگە بولغان ساداقىتى تۈپەيلى روزىنى تەرك ئەتمىگەن. بەزى ساخاۋەتلىك ئۇيغۇرلار ئۇلارنىڭ زولۇق ۋە ئىپتارلىق يېمەكلىكلىرى ئۈچۈن ھىممەت قوللىرىنى سۇنغان، بىراق ئاخىرىدا «ھۆكۈمەتتىن ئىپتار بېرىش ئىجازىتى ئالمىغان» لىقى تۈپەيلى، ئۆز قېرىنداشلىرىغا ئادەمگەرچىلىك قىلىش، دىنىي مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىش ھوقۇقىدىنمۇ مەھرۇم بولغان.
خەۋەرلەردە، بۇ يىللىق رامىزاندا يەنە ساقال قويغان، رومال ئارتقان ئۇيغۇرلارغا بېسىم ئىشلىتىش، ھەتتا قارشىلاشقانلارنى تۇتۇپ سولاش ھەرىكەتلىرىنىڭمۇ ئەۋج ئالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. خىتاي دائىرىلىرى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ۋە قانۇنلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ساقال قويۇش، رومال ئارتىش، ئىبادەت قىلىشتەك مىللىي ۋە دىنىي ئادەتلىرىگە قارشى سىياسىتى يوقلۇقىنى تەكىتلىسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ئىلىدىكى ھەربىر شەھەر، ناھىيە، يېزا، كەنتلەرگىچە ساقال قويغانلارغا، رومال ئارتقانلارغا، ئىبادەت بىلەن شۇغۇللانغانلارغا قارشى ئىچكى سىياسىتىنى ئەشەددىيلىك بىلەن يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقى ئىسپاتلانماقتا. ئۇيغۇر ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇر ئىلىنىڭ مەلۇم شەھەر ياكى ناھىيىسىدىكى «بۇلاقسۇ يېزىسى» نىڭ ساقال قويغان، رومال ئارتقانلار ئۈستىدىن مەخسۇس ئارخىپ تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقىغا ئائىت ماتېرىيال بۇنىڭ دەلىلى.
قولىمىزدىكى «بۇلاقسۇ يېزىسى»نىڭ ئىككى دانە ئانكىتىنىڭ بىرى؛ «بۇلاقسۇ يېزا 10-كەنتتىكى روپاش ئاياللارنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى» ناملىق ئانكىت بولۇپ، بۇنىڭدا رومال ئارتقۇچىنىڭ كىملىكى ھەققىدىكى تەپسىلىي مەلۇمات، ئۇنىڭ ئالاقە دائىرىسىدىكى ئۇرۇق-جەمەتى ۋە دوستلىرىنىڭ تىزىملىكى، كىملەردىن، قاچان، قەيەردە دىنىي بىلىم ئالغانلىقى، يولدىشىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنغانلىق ئەھۋالى قاتارلىقلار توغرىسىدا ئارخىپ تۇرغۇزۇشنى مەقسەت قىلغان. يەنە بىرى؛ «بۇلاقسۇ يېزا 10-كەنتتىكى 40 ياشتىن تۆۋەن ساقال قويۇۋالغانلارنىڭ تەكتىنى ئېنىقلاش ئارخىپى» بولۇپ، ئاساسىي مەزمۇنى يۇقىرىقىلارغا ئوخشاش بولسىمۇ، بۇنىڭدا ساقال قويغۇچىنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش تارىخى ۋە ئۇنىڭ ساقال قويۇش سەۋەبى، ھازىرقى ئىدىيىۋى ئەھۋالى، پوزىتسىيىسى قاتارلىقلار توغرىسىدىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش مەقسەت قىلىنغان. ساقال ۋە رومالغا قارشى بۇ ھەرىكەت ئۇيغۇر ئىلىدىكى خىتايلارنىڭ نىسبىتى كۆپرەك بولغان شەھەر، ناھىيىدە ئەمەس، بەلكى بىر يېزىنىڭ كىچىك بىر كەنتىدە ئۆز ئالدىغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سىياسىي ھەرىكەتتۇر.