مۇسۇلمانلارنىڭ مۇبارەك رامىزان ئېيىدا ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلارمۇ روزا تۇتۇش، تاراۋى ئوقۇش، دىنى سۆھبەت ۋە قۇرئان تىلاۋەت قىلىش دېگەنگە ئوخشاش ئىبادەتلەر بىلەن مەشغۇل بولماقتا.
مۇبارەك رامىزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر ئىپتار زىياپىتى بېرىلدى، ئىپتاردا «ئۈرۈمچى ۋەقەسى»دە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ياد ئېتىلىپ، ئۇلارنىڭ روھىغا دۇئا ئوقۇلدى.
زەيتىنبۇرنۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىسى ئىچىدىكى چوڭ مەيدانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىپتار زىياپىتىگە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەر-ئايال بولۇپ 1000 غا يېقىن كىشى قەدەم تەشرىپ قىلدى.
ھەم ئىپتار زىياپىتى ھەم ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە تۈرمىگە قامالغان ۋە شېھىت بولغانلارنى خاتىرىلەش، روھىغا دۇئا قىلىش يىغىنىدا ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆز قىلدى.
ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئالدى بىلەن ئىپتار زىياپىتىگە قەدەم تەشرىپ قىلغانلارنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى، ئاندىن كېيىن رامىزان ئېيىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا ۋە 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە توختالدى.
ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: خىتاي ئۇيغۇرلارغا ئېغىر زۇلۇم قىلىشنى داۋام قىلىۋاتىدۇ، مۇشۇ بىر ئاي ئىچىدە كۆپ ساندا ياشلىرىمىز شېھىت قىلىندى. شۇنىڭ ئۈچۈن قېرىنداشلار ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىنى، دۇنياغا كېلىشتىكى غايە-مەقسەتلىرىمىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك، مەيلى دۇئا بىلەن بولسۇن مەيلى ئەمەلىيىتىمىز بىلەن بولسۇن ھەر زامان ئاجىز مەزلۇم قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېنىدا تۇرىدىغانلىقىمىزنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ھەم دۇئا ھەم سۆز-ھەرىكەت ھەم ئەمەلىيىتىمىز ئارقىلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك.
كېيىن جەمئىيەتنىڭ باش تەپتىشى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم سۆز قىلىپ رامىزاننىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى ۋە ئىپتار زىياپىتىنى تەشكىللىگەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىكىگە ۋە ئىپتارغا قەدەم تەشرىپ قىلغان ئەر-ئايال پۈتۈن ھەمشەھەرلەرگە تەشەككۈر ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ئىپتار زىياپىتىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ جەم بولۇش ئارقىلىق قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتنىڭ كۈچىيىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: بۇ ئىپتار زىياپىتى قارىماققا ئىپتار قىلىپ تارقىلىپ كېتىدىغان بىر سورۇندەك ھېس قىلىنغان بىلەن ئەمەلىيەتتە، ئايلارچە ھەتتا يىللارچە ئۇچرىشالمىغان قېرىنداشلار بىر ئورۇنغا جەم بولدۇق، ھەمنەپەس بولدۇق، دىدار كۆرۈشتۇق، دىدار غەنىيمەت، پۇرسەت غەنىيمەت قېرىنداشلىرىم، مۇشۇ ئارقىلىق ئۆز- ئارا قېرىنداشلىق كۈچىيىدۇ، بۇنىڭ نۇرغۇن پايدىلىق، ھېكمەتلىك تەرەپلىرى بار، ئۆز-ئارا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مۇناسىۋەتلەر بىلەن پات-پات ئۇچرىشىپ تۇرۇشىمىز لازىم، شۇنىڭ بىلەن بىز ھەر زامان باشقا قېرىنداشلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا تەييار تۇرىدىغان بىر روھقا ئىگە بۆلىشىمىز كېرەك.
ئاخىرىدا كۆپچىلىك بىردەك دۇئا قىلدى.