خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى بارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن باستۇرۇشى نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مىللىي مەۋجۇتلۇقنى ساقلاپ قېلىشتا ئېغىر سىناقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.
ئۇيغۇر تور بەتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنسىزلاشتۇرۇش سىياسىتى نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان ئۇيغۇرلاردىكى ئەخلاق كرىزىسى ۋە ئەيدىزنىڭ كەڭ يامرىشى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىكەن.
ئۇيغۇر تور بەتلىرىدىكى ئىنكاسلاردا ئۇيغۇرلار بۇ كرىزىسقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن دىنىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشقا چاقىرىلغان.
ئەمما، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئوز دىنىي كىملىكىنى ساقلايدىغان ھەر بىر ئىمكانىيەتتىن مەھرۇم قالدۇرۇش ئۈچۈن ئىسلام ئەقىدىلىرى بويىچە ساقال قويۇپ، ياغلىق چىگكەنلەرنى باستۇرۇپلا قالماي، ئۆيمۇ-ئۆي ئاختۇرۇپ «قۇرئانى كەرىم» ۋە «ناماز قائىدىلىرى» قاتارلىق دىنىي كىتابلارنىڭ ئائىلىلەردە بولۇشىنىمۇ چەكلەۋاتقانلىقى، ۋە بۇ كىتابلارنى ساقلىغۇچىلارنى قاماققا ئېلىۋاتقانلىقى رادىئو خەۋەرلىرىمىزدىن مەلۇم.
ئۇيغۇرلار ئىسلام دىننى ئەقىدىسىنى ساقلاپ قالالامدۇ ۋە بۇنىڭ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشتا قانداق مۇھىم ئەھمىيىتى بار؟ بىز بۇ توغرىدا ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئالەم قاتنىشى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن سىدىق بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.
دوكتور ئەركىن سىدىق، يېقىندىن بېرى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىشى توغرىسىدا ئىزدىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇ بۇ توغرىدا بەزى ماقالىلەرنى يېزىپ ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا ئېلان قىلغان ئىدى.