ياپونلار: خىتايدا ئۇيغۇرلارنىڭ قۇرئان ئوقۇشى تېررورلۇق، تۇڭگانلارنىڭ دىنىي پائالىيەت
2013.04.10
ياپونىيەدە ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ماقالىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە تۇڭگانلارغا ئىككى خىل دىنىي سىياسەت قوللىنىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ماقالىدە قۇرئان ئۆگەنگەن ئۇيغۇرلارنىڭ جازاغا تارتىدىغانلىقى، ئەمما تۇڭگانلارنىڭ بولسا نورمال دىنىي پائالىيەت شۇغۇللانغۇچى سۈپىتىدە مۇئامىلە ئۇچرايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
بۇ قاراشلار يېقىندا نەشر قىلىنغان «خىتاي كومپارتىيەسى ۋە ئىسلام» ناملىق ماقالىدە ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
ماقالە ياپونىيەدىكى «خىتايدىكى ئىسلام دىنىنى تەتقىق قىلىش جەمئىيىتى» نىڭ يىتەكچىلىكىدە تەتقىق قىلىنىپ رەتلەنگەن، «ئاكايىشى شوتەن» نەشرىياتى تەرىپىدىن كوللېكتىپ نەشرگە تەييارلانغان.
مەزكۇر ماقالىدە خىتايدىكى ئىسلام دىنىنىڭ ئەھۋالى شۇنداقلا خىتاي كومپارتىيەسى قۇرۇلغاندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە بولغان ئارىلىقتا كومپارتىيەنىڭ خىتايدىكى مۇسۇلمانلارغا ئېلىپ بارغان تۈرلۈك باستۇرۇش ھەرىكىتى ۋە سىياسەتلىرى ئەتراپلىق ئىزدىنىپ تەتقىق قىلىنغان.
ماقالىدە مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ماركىسىزم، لېنىنىزمنى تەرغىپ قىلىدىغان سوتسىيالىستىك بىر دۆلەت. خىتاي كومپارتىيەسى 1921-يىلى قۇرۇلغاندىن بېرى خۇداسىزلىقنى تەرغىپ قىلىپ، دىن بىلەن سىياسەتنى ئايرىپ كەلگەن. كومپارتىيە 1934-يىلىدىن باشلانغان ئۇزۇن سەپەردە گەنسۇ، نىڭشادا مۇسۇلمان كوتۇڭگان ئەسكەرلىرىگە يولۇقۇپ ئۇلارنىڭ ھۇجۇمىدا كۆپلىگەن قىزىل ئارمىيە ئەسكەرلىرى يارىلانغان. مۇشۇ سەۋەبتىن كومپارتىيە غەربىي شىمالدا ياشايدىغان كوتۇڭگانلارغا ئىسلام دىنىغا يېقىن سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈشكە باشلىغان. كومپارتىيە ئۇزۇن سەپەردىن كېيىن شەنشى، نىڭشا، گەنسۇدىكى ئاخۇن، سوپىلارنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەن. مەسىلەن: 1936-يىلى 5-ئايدا كوتۇڭگانلارغا ئۆز تەغدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى بېرىشكە ۋەدىلەشكەن. 10-ئايدا ئاپتونومىيە قۇرۇشقا قوشۇلغان. كومپارتىيە كوتۇڭگانلارغا دوستلۇق مۇئامىلىسىدە بولۇپ، سوتسىيالىستىك ئىنقىلابتا كوتۇڭگانلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشمەكچى بولغان. 1936-يىلىدىكى پارتىيە قۇرۇلتىيىدا ماۋ زېدۇڭ ئوتتۇرىغا قويغان «يېڭى قەدەم» نەزىرىيىسىگە مىللەتلەر تۈزۈمى قوشۇلۇپ،1941-يىلى 5-ئايدا ئاپتونوم رايون ھوقۇقى بېكىتىلگەن.
ئاپتورلار خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دىنىي سىياسىتىدە خىتاي دۆلىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن مۇسۇلمانلارغا تۈپتىن قارشى بولغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەنلىكىنى مۇنداق تەسۋىرلىگەن: خىتاي كومپارتىيەسى باشچىلىقىدىكى دۆلەت قۇرۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەغدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى تامامەن يوق قىلىنغان. مۇسۇلمانلارغا بېرىلگەن دىنىي ئەركىنلىك سىياسەتلىرىنىڭ ھەممسى ئاخىرلاشقان. 1950-يىلىنىڭ بېشىدا زەربە بېرىش باشلىنىپ، بۇنىڭدا ئىسلام دىنىنىڭ رەھبەرلىرىنى ھۇجۇمنىڭ نىشانى قىلغان.1957-يىلى ئوڭچىلارغا قارشى ھەرىكەت باشلىنىپ،مەسچىت ئىماملىرىنى تۇتۇپ ئۆلتۈرگەن. ئىسلام قانۇنىنى ئىجرا قىلغۇچى قازىخانىلار،مەسچىتلەر، مەدىرىسلەر تاقالغان. 1966-يىلى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى باشلىنىپ، مۇسۇلمانلارغا يەنە قايتىدىن زۇلۇم سېلىش باشلانغان، مەسچىتلەر چېقىلىپ،ئىسلام دىنى ئۆلۈمالىرى تۈرمىگە سولىنىپ، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىشتەك قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغان. مۇسۇلمانلارنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىملىرى، ئۆرپ-ئادەتلىرى، ۋاپات بولغان ئىنساننىڭ جەسىتىنى تۇپراققا كۆمۈشتەك دىنىي ئادەتلىرى ئىنقىلابقا، كومپارتىيەگە قارشى دەپ قارالغان. 1978-يىلى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى ئاخىرلىشىپ، ئىشىكنى ئېچىۋىتىش سىياسىتى باشلانغان. 1980-يىلىنىڭ بېشىدا يېڭىچە دىنىي سىياسەت يولغا قويۇلۇپ، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى قانۇندا بېكىتىلگەن.
ئاپتورلار ماقالىسىدە مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق بايان قىلغان: 1989-يىلى «تيەنئەنمېن ۋەقەسى» دىن كېيىن يەنى 1990-يىلى، دىنىي ئىشلار ئىدارىسى ۋە ئۇنىڭ ئاستىدا ئىسلام جەمئىيىتى دېگەندەك جەمئىيەتلەر قۇرۇلۇپ ئىسلام دىنىنى باشقۇرۇش كۈچەيتىلدى. 1980-يىلى غەربىي شىمالدا يۈز بەرگەن خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى دىنىي قىرغىنچىلىقنى باستۇرۇشقا قاتناشقان كومپارتىيە ئەزاسى بولغان مۇسۇلمانلارمۇ، ئەكسىچە شۇ قېتىمقى دىنىي قىرغىنچىلىقنى باستۇرماستىن، بەلكى ئۆزلىكىدىن دىندارلار توپىغا قوشۇلۇپ كەتكەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ ۋەقەدىن كېيىن، خىتاي كومپارتىيەسى ئىسلام دىنىي ۋە خىتايدىكى مۇسۇلمانلار توغرىسىدا قايتا ئويلىنىپ، ئۇلارغا قايتىدىن دىققەت قىلىشقا باشلىغان. 2004-يىلى 11- ئايدا خىتاي كومپارتىيەسى ئىسلام دىنىنى باشقۇرۇش يېڭى تۈزۈمى بېكىتىپ، مەسچىتلەرنى دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا باشقۇرۇپ كەلگەن. مەسچىتلەرنىڭ ئىماملىرىنىڭ ھەممىسى دىنىي ئىشلار ئىدارىسى، ئىسلام دىنىي جەمئىيىتى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن، مەسچىتلەردە بالىلارنى ئەنئەنىۋى دىنىي ئۇسۇلدا ئوقۇتۇش چەكلىنىپ، مەدىرىس ئېچىشقا يول قويۇلمىغان. 18 ياشتىن تۆۋەن مۇسۇلمان پەرزەنتلىرىنىڭ مەسچىتگە كىرىشى چەكلەنگەن.
ھازىر سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە شەھىرىدە ياشاۋاتقان ژۇرنالىست سىراجىدىن ئەزىزى بۇ ھەقتە توختالدى.
ئاپتورلار ماقالىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق بايان قىلغان: خىتايدىكى مۇسۇلمانلار ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى باشقىچە. ئۇيغۇرلار خىتاي تارىخىدىكى قەدىمىي كىتابلاردا تۈرلۈك ناملاردا يەنى «خۇيخې» دېگەندەك ناملاردا ئاتىلىپ كەلگەن، ئۇلار قەدىمىي ئاتلىق، چارۋىچى، تۈركىي مىللەت،«ئۇيغۇر» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى ئىتتىپاقلاشماق دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇلار تارىم بوستانلىقىدا قەدىمدىن تارتىپ ياشاپ كەلگەن خەلق. ئۇلار ھەر دەۋىردە ئۆزىگە خاس نام بىلەن دۆلەت قۇرۇپ كەلگەن مىللەت. 1930-يىللىرى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى، 1940-يىللىرى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرغان. كېيىن بۇ جۇمھۇرىيەتلەر تۈرلۈك سىياسىي سۇيىقەستلەر سەۋەبىدىن ۋەيران قىلىنىپ، 1955-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان. شۇندىن ئىتىبارەن ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، دىنىي خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىش سىياسىتىگە ئۇچراپ كەلمەكتە.1950-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا خىتاي كومپارتىيسى ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق ئىسلام دىنىي ئۆلىمالىرىنى ئۆلتۈرۈپ تۈگىتىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇپ،دىنسىزلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنغان. 1950-يىلى قۇرۇلغان شىنجاڭدىكى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى يەنى بىڭتۇەنگە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كۆپلەپ كۆچمەن يۆتكەش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى ئازلىتىپ، ئۇلارنى تارقاقلاشتۇرۇپ خىتاي كۆچمەنلىرى بىلەن بىللە ئارىلىشىپ ياشاشقا مەجبۇرلىغان. 1990-يىللارغىچە ئۇيغۇرلار تۇپرىقىدا كۆپلىگەن ئاتوم بومبىسى سىناقلىرىنى ئېلىپ بارغان. خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىدا دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىكى يولغا قويۇلغان، مەسچىتلەر ئېچىۋىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما 2001-يىلىدىن باشلاپ ئامېرىكا باشلىق دۆلەتلەرنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش شۇئارىدىن پايدىلانغان خىتاي كومپارتىيەسى، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان پىدائىيلىرىنى تېررورغا باھانە قىلىپ جازالاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق دىنىي ھەرىكەتلىرىنى تېررورلۇق ھەرىكەت دەپ ھېسابلاپ، ئۇلارنى جازالاشنى يولغا قويغان. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئادالەتسىزلىكى، خىتاي جەمئىيىتىدىكى ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن ئىقتىسادى پەرقلەر ۋە تۈرلۈك سىياسىي بېسىملار تۈپەيلىدىن 2009-يىلى ئۈرۈمچدە «ئۈرۈمچى ۋەقەسى» يۈز بەرگەن.
ماقالىنى ئاپتورلار تۆۋەندىكىدەك ئاخىرلاشتۇرغان: خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەيلى يالغۇز ۋە ياكى كوللېكتىپ ھالدا قۇرئان ئوقۇشى تېررورلۇق ھەرىكەت دەپ قارىلىدۇ. كوتۇڭگانلارنىڭ قۇرئان ئوقۇشى دىنىي پائالىيەت ھېسابلىنىدۇ. بۇ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بىر دۆلەتتىكى ئوخشاش دىندىكى مۇسۇلمانلارغا تۇتۇۋاتقان ئايرىمىچىلىق دىنىي سىياسىتى. بۇ يەردىكى مەسىلە شۇكى، خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇپراق ماجىراسى بار. كوتۇڭگانلار بولسا ئەكسىچە.