خەلقئارالىق تەشكىلاتلار خىتاينى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي چەكلىمە سىياسىتىدە ئاگاھلاندۇردى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2013.05.30
uaa-xitay-diniy-cheklime-yighin.jpg ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ رايبورن سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات بېرىش يىغىنىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2013-يىلى 29-ماي، ۋاشىنگتون.
RFA

ئۇيغۇرلار، دۇنيادىكى كوممۇنىزم تۈزۈمىدە ياشاۋاتقان ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچى ئەڭ چوڭ گۇرۇپپا ھېسابلىنىدۇ، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئەڭ قاتتىق دىنىي باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقان خەلقتۇر «ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى چەكلەش، خىتاينىڭ ئۇيغۇر كىملىكىنى يوقىتىش ئىستراتېگىيىسىدىكى ھالقىلىق سىياسىتىنىڭ بىرى.» بۇ، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى تەتقىقاتچىسى ھېنريك سزادزئېۋسكىنىڭ چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئېچىلغان «خىتاينىڭ تۆمۈر مۇشتى ئاستىدىكى ئۇيغۇر دىنىي ئەركىنلىكى» ناملىق دوكلات بېرىش يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان بايانى، يىغىندا سۆز قىلغان باشقا خەلقئارالىق تەشكىلات مەسئۇللىرى بىردەك خىتايغا ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي چەكلىمە سىياسىتى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.

29-ماي، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ رايبورن سارىيىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالى ھەققىدە مەخسۇس بىر يېرىم سائەتلىك دوكلات بېرىش يىغىنى ۋە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى قارمىقىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى تەتقىقاتچىلىرى تەرىپىدىن ماينىڭ بېشىدا ئېلان قىلىنغان «بۇلغانغان مۇقەددەس ھوقۇقلار، خىتاينىڭ تۆمۈر مۇشتى ئاستىدا دەپسەندە قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر دىنىي ئەركىنلىكى» ناملىق دوكلات ئاساسىدا ئېچىلغان مەزكۇر مۇزاكىرىگە، يىغىن ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇن ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى ۋە ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لويىسا گرېۋيى خانىم رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىنغا ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى، ئەركىنلىك سارىيى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى ۋە بىر قىسىم خەلقئارالىق ئاخبارات ئورۇنلىرىدىن بولۇپ 50 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى ئىشخانىسىدىن ھېنريك سزادزئېۋسكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنىڭ باستۇرۇلۇشقا ئۇچراش ئەھۋالى ھەققىدە بەرگەن دوكلاتىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىنىڭ، بولۇپمۇ 2005 -يىلىدىن كېيىن خىتاينىڭ رايوندا يۈرگۈزگەن يېڭى دىنىي سىياسەتلىرى بىلەن يەنىمۇ كەسكىنلەشكەنلىكىنى، خىتاي ئۆزىنىڭ ئاساسىي قانۇنى ۋە خەلقئارالىق قانۇنلارغا خىلاپ ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇش، ناماز ئوقۇش، ھەجگە بېرىش، مەۋلۇت ئۆتكۈزۈش، قۇرئان ئۆگىتىش قاتارلىق قانۇنلۇق دىنىي پائالىيەتلىرىنىمۇ جىنايەت كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈپ باستۇرغاندىن سىرت، ھەتتا ساقال، بۇرۇت قويۇش، ياغلىق ئارتىش، ئۆرپ-ئادەتلىرى بويىچە كىيىنىشىگە چەكلىمە قويۇش ھەققىدىكى بەلگىلىمىلەرنى يولغا قويۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى بىلەن تەڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنىمۇ دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى پاكىتلىق مىساللار بىلەن كۆرسەتتى.

ئۇ يەنە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا، خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىن قاتتىق سىياسەت يۈرگۈزۈشىدىكى سەۋەب ھەققىدە توختىلىپ، «ئىسلام دىنىي ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنىڭ مۇھىم بىر پارچىسى، شۇنداقلا ئۇلارنى خىتايدىن ئايرىپ تۇرىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل، شۇڭا خىتاي بۇنى بىر تەھدىت ۋە ئۇيغۇر ئېلىنى كونترول قىلىشتا بىر توسالغۇ دەپ قارايدۇ، ئەمما خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي بېسىمى چەكتىن ئېشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىگە تاجاۋۇز قىلىشقا يېتىپ بارغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ۋەزىيەت ئۇيغۇرلارنى تۈرلۈك قارشىلىقلارغا زورلىماقتا، خىتاي خەلقئارالىق تېررورچىلىققا قارشى كۈرەشنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، بۇ خىل چەكتىن ئاشقان باستۇرۇش سىياسەت تەدبىرلىرى ئارقىلىق ئۇلارنى تېررورلۇققا مەجبۇرلىماسلىق كېرەك» دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.

يىغىندا مەخسۇس سۆزگە تەكلىپ قىلىنغانلاردىن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋاشىنگتون شۆبە مەسئۇلى ت. كۇمار ئەپەندى بايانىنى «بىز خىتاينى خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشنى سۇيىئىستېمال قىلماسلىققا قايتا ئاگاھلاندۇرىمىز» دەپ قەتئىي تەلەپپۇزدا ئاخىرلاشتۇردى.

ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى مەسئۇلى سوفىيە رىچاردسون خانىم بولسا «بۈگۈنكى دوكلاتتا كۆرسىتىلگەندەك، خىتاينىڭ دىنغا قارىتىلغان چەكلىمىلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتىدىكى ئەڭ نېگىزلىك بولغان ئېتىقادقا قارىتىلغان چەكلىمە، بۇ خىل چەكلىمىلەر ئارقىلىق خىتاي ئۆزىنىڭ قانۇنى ۋە خەلقئارا قانۇنلارغا ئېغىر خىلاپلىق قىلماقتا. بۇ خىل چەكلىمىلەرنىڭ ئاقىۋەتلىرىنى مۆلچەرلىمەك تەس، بۇ ۋەزىيەت مۇشۇ يوسۇندا داۋاملىشىۋەرسە، ئۇيغۇرلار ئۆز يۇرتىنى تەرك ئېتىپ، باشقا دۆلەتلەردىن پاناھلىق تىلەشكە مەجبۇر بولۇشىمۇ مۇمكىن....» دېگەن ئەندىشىلىرىنى بايان قىلدى.

يىغىندىن كېيىن ئاقسارايدا يەنە بىر يىغىنغا مېڭىش ئالدىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ سىياسەت ۋە تەتقىقات ئىشلىرى مەسئۇلى دوكتور سكوت فىلىپس مۇنداق دېدى:
-مەن بۈگۈن ئاقسارايدا خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويماقچى، كېلەر ھەپتە پرېزىدېنت ئوباما خىتاي رەئىسى بىلەن كۆرۈشىدۇ، مېنىڭچە، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىك مەسىلىسى ئۇلارنىڭ سۆھبىتىدە مۇھىم مەسىلە قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشى زۆرۈر، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى مەسىلىسى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى، يېقىندا ئېلان قىلىنغان دوكلاتىمىزنىڭ خىتايغا قارىتىلغان قىسمىدا، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارغا ئائىت مەزمۇنلارمۇ كۆپ، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى دوكلاتىدىمۇ دىنىي ئېتىقادقا دائىر نۇرغۇن مەسىلىلەر يورۇتۇلغان، مەن بۇ قېتىم ئاقسارايدا ئوتتۇرىغا قويىدىغان مەسىلىلەر، ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن بولغان سۆھبەت جەريانىدا قايسى نۇقتىلارنى ئوتتۇرىغا قويۇش ھەققىدە بولىدۇ.

ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى لۇئىسا گرېۋ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە بارا-بارا تونۇلۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ:
‏-خىتاي تۈرلۈك بېسىم سىياسەتلىرىنى داۋام قىلماقتا، دىنىي ئېتىقاد بىر خەتەرلىك ئىشلا بولۇپ قالماستىن، بۇ ھەقتە نارازىلىقنى ئىپادىلەشمۇ ئىنتايىن خەتەرلىك، ئەمما شۇنداقتىمۇ ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئۇچراۋاتقان دىنىي بېسىملارنى سۆزلەشكە بىر قانچە ئادەم جۈرئەت قىلالىغان بولسا، بۇ ھەقتە تېخىمۇ تولۇق دوكلاتلارنى تەييارلاشقا ۋە بۇنى خەلقئارالىق جەمئىيەتكە تونۇتۇشقا پايدىلىق بولغان بولاتتى، ئەلۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش مۇمكىن ئەمەس، خىتاي سۆز ۋە ئىنتېرنېت، ئاخبارات ئەركىنلىكىنى بوغۇۋاتقان بىر پەيتتە، مەن خەلقئارالىق ئاخبارات ئورۇنلىرى ۋە تەشكىلاتلارنى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن مەسىلىلەر ھەققىدە خىتاي تارقاتقان تەشۋىقاتلارغا تايانماسلىققا، بۇ ھەقتە يەنىمۇ كەڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشكە ئاگاھلاندۇرىمەن ۋە يەنىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ، داڭلىق شەخس، ئاپتور ۋە باشقىلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىلىرىنى توغرا تونۇپ تەشۋىق قىلىشىنى، بولۇپمۇ خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان بېسىم ۋە خىتاي سىياسەتلىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ توغرا تونۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى ئىشخانىسىدىن ھېنريك سزادزئېۋسكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىك ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە بولغان ئۈمىدىنى ئىپادىلەپ:
‏-ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى بويىچە دىنىي ئېتىقادىنى ئەركىن ھالدا داۋام قىلالايدىغان، بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچرىمايدىغان بولۇشىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقادىنى بىر تەھدىت ئەمەس، بەلكى ئۆز-ئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى بىر كۈچ دەپ تونۇپ يېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شۇنداق بولغاندا، نۆۋەتتىكى جىددىيلىك ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنىڭ پەسىيىشىگە تۈرتكە بولغان بولاتتى، دېدى.

يىغىن ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى نۆۋەتتە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالاشقان بىر مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنى، دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىنىڭ بولسا، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان مەسىلىلەر ئىچىدە ئەڭ يادرولۇق مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

چارشەنبە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسى ھەققىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان مەزكۇر دوكلات بېرىش يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى، يىغىن ئەھلى دوكلاتتا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىك مەسىلىسى ھەققىدە نۇرغۇن تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلگەنلىكىنى باھالاشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.