كۆزەتكۈچىلەر خوتەندىكى روپاش ئاياللارغا قارىتىلغان كەمسىتىش سىياسىتىنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئەندىشە قىلماقتا
2013.06.11

ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرىنىڭ نۆۋەتتە خوتەن، قەشقەر قاتارلىق ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا دىنى بېسىمنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، پارتىيىنىڭ دىنى سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىشنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
بۇ ھەقتە رادىئومىزغا كەلگەن ئۇچۇردىن مەلۇم بولۇشىچە، خوتەندىكى يەرلىك دائىرىلەر يېقىندا مەخسۇس يىغىن چاقىرىپ، خوتەندىكى ياغلىق ئارتقان ئاياللار نىشان قىلىنغان بىر قاتار بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈپ چىققان. ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بۇ بەلگىلىمىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ئەركىنلىكىگە قىلىنغان ئېغىر تاجاۋۇزلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ئېغىرلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ياغلىق چىگىشى، يۈزىنى ئورىۋېلىشىنى شۇنداقلا ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ ساقال قويۇشىنى دىنىي رادىكاللىق بىلەن باغلاپ تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىپ، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى دىنى بېسىمنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم. يېقىندىن بۇيان خەلقئارادىكى دېموكراتىك ئەللەرنىڭ ۋە نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى دىنى بېسىمنى توختىتىش ھەققىدە قايتا-قايتا ئاگاھلاندۇردى. ئەمما بۇنىڭغا قارىماي، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سىياسىتىگە ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقانلىقى، ھەتتا ئۇنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. يېقىندا رادىئومىزغا ئۇيغۇر ئېلىدىن ئەۋەتىلگەن ئۇچۇردىن مەلۇم بولۇشىچە، 6-7-كۈنى خوتەن شەھەرلىك پارتكوم جىددىي يېغىن چاقىرىپ، پۈتكۈل ئىدارە-ئورگانلارنىڭ ئورتاق كۈچ چىقىرىپ خوتەن شەھىرى ئىچىدە روپاشلىق ئاياللار بولماسلىقتەك مەنزىرىنى يارىتىشنى ۋە بۇ نىشانغا يېتىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدىگەن. بۇ يىغىنغا خوتەن شەھەر باشلىقى ئادىل ئاخۇن يىغىندا قىلغان سۆزىدە خوتەندە ھازىر روپاشلىق ئاياللارنىڭ بارغانسېرى جىقلاپ كەتكەنلىكىنى ۋە بۇ كەيپىياتنى دەرھال يوقىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن.
يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە مۇزاكىرە قىلىنغان چارە-تەدبىرلەر ھەممىسى كىشىلىك ھوقۇق، كىشىلىك ئىززەت-ھۆرمەت ئىنتايىن ئېغىر دەپسەندە قىلىنىدىغان تەدبىرلەر بولۇپ، ئۇچۇردا ئېيتىلىشىچە دائىرىلەر مۇزاكىرە نەتىجىسىدە، سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورۇنلىرى ئۆزىنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىدىكى دۇكان-سارايلاردا روپاشلارنىڭ مال سېتىشىغا يول قويماسلىق، گەپ ئاڭلىمىغانلارنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى بىكار قىلىش، ئاممىۋى قاتناش قوراللىرىغا روپاشلارنى چىقارماسلىقنى، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ ماشىنىسىنى سولاپ قويۇش، ج خ ئورۇنلىرى يوللاردا ئۇچراتقان روپاش ئاياللارنىڭ ئادرېسىنى تىزىملاپ، نوپۇسى قاراشلىق ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرىغا يەتكۈزۈپ بېرىش، ئاھالە كومىتېت خادىملىرى ئۆز تەۋەلىكىدىكى روپاشلارغا قايتا-قايتا ئىدىيىۋى خىزمەت ئىشلەپ يۈزىنى ئېچىۋېتىشكە دەۋەت قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى بېكىتكەن. بۇلاردىن باشقا يەنە مەزكۇر بەلگىلىمىلەرگە ماسلاشمىغانلارنى سىياسىي مەكتەپنىڭ ئۆزگەرتىشىگە تاپشۇرۇپ بېرىش، ھەرقانداق ھۆكۈمەت ئورگانلىرى روپاش ئاياللارغا ئىش بېجىرىپ بەرمەسلىك ھەم ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا كىرگۈزمەسلىك، دۆلەت ۋە خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى دوختۇرخانىلار ھېچقايسىسى روپاش ئاياللارنىڭ كېسىلىنى داۋالىماسلىق ھەمدە دوختۇرخانا ئىچىگە قەتئىي كىرگۈزمەسلىككە ئوخشاش بىر قاتار چارە-تەدبىرلەر بەلگىلەنگەن
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق فوندىنىڭ خادىمى زۇبەيرە شەمشىدىن خانىم يۇقىرىدىكى بۇ بەلگىلىمىلەرنى ئۇيغۇر ئاياللىرىنى كەمسىتىش خاراكتېرىگە ئىگە، دەپ كۆرسىتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كىشىلىك ئىززەت-ھۆرمىتىگە قىلىنغان تاجاۋۇز قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
خوتەن، ئاقسۇ ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەتلەر تور بەتلىرىدە خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر خىتاي دائىرىلىرى بۇ ۋىلايەتلەردىكى ھەرقايسى ناھىيىلەردە «پارتىيىنىڭ دىنى سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىش، سۆزلەش» پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇپ، ناھىيە ۋە يېزىلاردىكى ھەر دەرىجىلىك ۋە ھەر مىللەت كادىرلارنى، مەكتەپ پارتكوم سېكرېتارلىرى ۋە مەكتەپ مۇدىرلىرىنى پارتىيىنىڭ دىنى سىياسىتىنىڭ مەزمۇنى، قانۇنسىز دىنى پائالىيەتلەرنىڭ زىيىنى، مىللەت ۋە دىن بىلەن پارتىيىنىڭ سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇش قاتارلىق تېمىلاردا تەربىيىلەشكە ئورۇنلاشتۇرغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، يىغىندا دىننى توغرا بىر تەرەپ قىلىش، پارتىيىنىڭ دىنى سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىگە ماسلىشىش، دۆلەتنى سۆيۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى سۆيۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى جون كېررىي بۇ يىللىق دىنى ئەركىنلىك دوكلاتى ئېلان قىلىنغاندا سۆزلىگەن نۇقتىدا «دىنىي ئەركىنلىك خەلقئارا ئۇنىۋېرسال قىممەت. بىر ئادەمنىڭ ئۆز ئېتىقادىنى ئاشكارا ئىپادىلىشى ۋە ئىبادەت قىلىشى ياكى دىنغا ئىشىنىش -ئىشەنمەسلىكى ۋە ياكى ئۆزىنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى ئۆزگەرتىشى ھەر بىر ئىنساننىڭ تۇغۇلۇشىدىن بار بولغان تەبىئىي ھوقۇقىدۇر» دەپ كۆرسەتكەن ئىدى. ئەمما ئەكسىچە، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرخىل سىياسەت-بەلگىلمىلەرنى بېكىتىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھەج قىلىش، روزا تۇتۇش، قۇرئان كەرىم ئۆگىنىش، مەسچىتكە كىرىپ ناماز ئوقۇشتەك ئەڭ نورمال پائالىيەتلىرىگىمۇ ئارىلىشىۋېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئالىم سېيتوف ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى دىنسىزلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ سەل قاراشقا بولمايدىغان جىددىي بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
خوتەن شەھىرىدىكى ياغلىق ئارتقان ئاياللارنى ياغلىقىنى ئېلىۋېتىشكە مەجبۇرلايدىغان تۈزۈملەر بېكىتىلگەن يۇقىرىدىكى يىغىندا يەنە، مۇشۇ ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ خۇپىيانە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، بېكىتىلگەن تۈزۈملەرنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى تەكشۈرىدىغانلىقىمۇ ئۇقتۇرۇلغان. ئۇنىڭدا ئەگەر دائىرىلەر خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈۋاتقاندا بەلگىلىمە بويىچە ئىش كۆرمىگەنلەرنى بايقىسا قاتتىق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي بېسىمى چەكتىن ئېشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىگە تاجاۋۇز قىلىشقا يېتىپ بارغانلىقى، بۇ خىل ۋەزىيەتنىڭ ئۇيغۇرلارنى تۈرلۈك قارشىلىقلارغا زورلىشى مۇمكىنلىكى كۆزەتكۈچىلەرنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان بىر مەسىلە. زۇبەيرە خانىممۇ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى كوچىغا چىقىش، ئىش بېجىرىش ۋە ھەتتا دوختۇرخانىغا بېرىپ سەھىيە خىزمەتلىرىدىن پايدىلىنىشىدەك ئەڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىدىغان، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھاياتلىق يولىنى توسىدىغان بۇنداق ھەرىكەتلەرنىڭ ياخشى ئاقىۋەت ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.