ھازىر 40 ياشتىن تۆۋەن ئۇيغۇرلارنىڭ ساقال قويۇشى، ناماز ئوقۇشى، ئاياللارنىڭ ھىجاپ كىيىشى خىتاي دائىرىلىرىنى ساراسىمىگە سالماقتا.
35 ياشلىق ئابدۇراخمان ئابدۇرەھىمنىڭ قەشقەر كوناشەھەر مەسچىتىدە ئىمامدىن سوئال سورىشى بىلەن باشلانغان خىتاي خەۋپسىزلىك دائىرىلىرىنىڭ نەزەربەند قىلىشى، كۆزىتىشى، تەقىب قىلىشى خىتاينىڭ ئىچكى رايونىدىكى يىۋۇدىمۇ داۋاملاشقان.
كېيىن مالايشىيا ۋە مىسىرغا چىققاندىن كېيىنمۇ تەقىبگە ئۇچرىغان ئابدۇراخمان ئابدۇرەھىم، مەككىدىكى ھەج پەرزىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، ۋەتەنگە قايتىش ئۈچۈن ئانىسىغا، ئاتالمىش ئاپتونوم رايونلۇق تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى قۇربانغا، ئۆز يۇرتىدىكى ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇدىرىغا تېلېفون قىلىپ، يۇرتىغا قايتىشنىڭ يولىنى ئىزدىگەن بولسىمۇ، كېتىشكە جۈرئەت قىلالمىغان.
ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن بۇ تېلېفون سۆھبىتىنى ئاڭلىغان ۋاقتىڭىزدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي بېسىمىنىڭ قانچىلىك ئېغىر ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايسىز.