ئۇيغۇر دىنىي زاتلار: رۇخسەت قىلىنىۋاتقان «تەرىقەت يىغىلىشى» خىتاينىڭ مەنپەئەتىگە باب كېلىدۇ
2016.05.13

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىپ يۈرگەن بىر قىسىم سىن ماتېرىياللىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىسلام دىنىغا دائىر ئېتىقاد پائالىيەتلىرى قاتتىق تەقىب قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار دىيارىدا «سۇفىزم» نامىدىكى كوللېكتىپ دىنىي يىغىلىش پائالىيەتلىرى بۇ خىلدىكى چەكلىمىلەرنىڭ دەخلىسىگە ئۇچرىمىغان ھالدا مەۋجۇت بولماقتا. بۇ خىل زىددىيەتلىك ئەھۋالنىڭ سوئال ئىشارەتلىرى بىر قىسىم دىنىي زاتلارنى ئويلاندۇردى ھەمدە ئۇلار بۇنىڭدىكى مەقسەت ئېھتىماللىقى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.
نۆۋەتتە مەلۇم بولۇۋاتقان سىن ماتېرىياللىرىدا ئەكس ئەتكەن مەزمۇنلاردىن ئەڭ گەۋدىلىك بولۇۋاتقان بىرى، ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ جەنۇبىدىكى قەشقەر، يەكەن ۋە خوتەن تەۋەسىدە يېڭىدىن يامراشقا باشلىغان «سۇفىلىق» شەكلىدىكى دىنىي يىغىلىش پائالىيەتلىرىنىڭ ئەۋج ئېلىشىدۇر. ئىسلام دىنىدىكى تۈرلۈك مەزھەپلەرنىڭ ئۇيغۇرلار رايونىدا تارىختىن بۇيان مەۋجۇت بولغانلىقى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئەسىر ۋە يېقىنقى، ھازىرقى زامان تارىخىدىكى بىر قاتار ۋەقەلەرنىڭ سەۋەبكارى بولغانلىقىمۇ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا سىر ئەمەس.
تۈركىيەدىكى دىنىي ئۆلىمالاردىن دوكتور ئالىمجان بوغدا ئەپەندى بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ مىلادى 16 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى باشلانغان «ئاق تاغلىق» ۋە «قارا تاغلىق» خوجىلار توقۇنۇشىنىڭ «سۇفىلىق» ياكى «تەسەۋۋۇپ» نامىدا ئوتتۇرىغا چىققان تەپرىقىچىلىك ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى ئالغا سۈردى.
ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، «سۇفىزم» ئەسلىدە ئىنسان بىلەن ئاللاھ ئوتتۇرىسىدىكى مۇكەممەل دىل رىشتىسى ۋە ئىچكى بىردەكلىكنى نىشان قىلغان گۈزەل بىر ئىلىم سىستېمىسىدۇر. ئەمما، ئۆزلىرىنىڭ خۇسۇسىي مەنپەئەتىنى دىندىن يۈكسەك ئورۇنغا قويۇۋالغان «دىنىي زات» سىياقىدىكى بىر تۈركۈم ئىنسانلار ھەقىقىي «سۇفىلىق» ياكى «تەرىقەت» نىڭ شەكلەن ھادىسىلىرىگە مەنسۇپ بولغان جەندە كىيىش، ھالقا بولۇپ ھۆكمەت ئوقۇش قاتارلىق تاشقى ئالامەتلەرنى «سۇفىلىق» دەپ چۈشىنىۋالغان ھەمدە ئۇنىڭ ئەسلى پرىنسىپلىرىدىن ئۇزاقلىشىپ كەتكەن. ئۇ ئۆز سۆزىدە بۇ نۇقتىلارنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈردى.
ئاشكارا ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلار رايونىدا دائىرىلەرنىڭ «دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى خەلق ئۇرۇشى قوزغاش» چاقىرىقى ئاستىدا خىتاي ئاساسىي قانۇنىدا قانۇنلۇق ئىكەنلىكى بەلگىلەنگەن بەزى دىنىي ئەركىنلىك تۈرلىرى «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت» دەپ بېكىتىلگەن. بۇ ئەھۋاللار دىنىي پائالىيەتلەرگە قارىتىلغان چەكلىمىنىڭ قايسى دەرىجىگە بارغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان ئەڭ جانلىق مىسال تەرىقىسىدە قوللىنىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر جامائەت ئەربابلىرىدىن ئەھمەد مۆمىن ھاجى يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان دائىرىلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادقا مايىل بولغان ياشلارنى «ھېجرەتچى» ياكى «جىھاد ئىدىيىسىگە چېتىشلىق» دېگەندەك ناملاردا جازالاۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ھازىر ھەممىدىن بەك ئەنسىرەيدىغان نۇقتا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرىدە «جىھاد» ئىدىيىسىنى سىڭدۈرۈۋېلىشى ئىكەن.
ھازىرقى ئالاقىدار ئۇچۇرلاردا قەيت قىلىنىشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ قاتناشقۇچىلىرى بىردەك «ئازادلىق ئۈچۈن جىھاد قىلىش» غايىسىدە بولۇۋاتقان ياشلار ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلار ئىكەن.
ئەمما ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا «سۇفىلىق» نامىدا ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان ئىسلام دىنىغا يات بۇ خىلدىكى قىلمىشلار بىردەك ئىسلام دىنىدىكى بىر مۇھىم ئەھكام بولغان «جىھاد» چۈشەنچىسىنى ئىنكار قىلىدىكەن.
بىز ئۇنىڭدىن ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال دىنىي ئەقىدىسىگىمۇ چەك قويۇۋاتقان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن «ھۆكمەت ئوقۇش» شەكلىدىكى خەلق يىغىلىشىغا يول قويۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ مۇشۇ نۇقتىنى ئالاھىدە شەرھلىدى.
ئەھمەد مۆمىن ھاجىنىڭ ئېيتقانلىرى غەرب دۇنياسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىدىكى ئۆلىمالارنىڭ «جىھاد» چۈشەنچىسى ۋە «سۇفىزم تەرىقىتى» نىڭ زورلۇق كۈچنى ئىنكار قىلىشتەك خاراكتېرى ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە.
بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان دوكتور ئالىمجان بوغدا بۇ خىلدىكى «سۇفى يىغىلىشى» غا يول قويۇش خاھىشىنىڭ يەنە بىر ياقتىن دۇنيا مەتبۇئاتلىرىغا «ئۇيغۇرلار تولۇق دىنىي ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولماقتا» دەپ جاكارلاشقا تولىمۇ ماس كېلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
ئۇنىڭ قارىشىچە، ھازىرقى خەلقئارا ۋەزىيەت خىتاينى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ۋە باشقا ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلىشتا ئەيىبلەۋاتقان بولۇپ، خىتاي ھاكىمىيىتىگە ھېچقانداق سىياسىي خەۋپ ئېلىپ كەلمەيدىغان بۇ خىلدىكى ساختا «سۇفىزم» خىتاي ئۈچۈن دۇنيانى ئالداشتا ناھايىتى ياخشى ۋاسىتە بولالايدىكەن.
ئالاقىدار ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدا «جىھاد» ئىدىيىسى ھەققىدىكى ھەرقانداق چۈشەنچە ياكى بۇيۇم مەنئى قىلىنىدىغان بولۇپ، بۇنىڭغا چېتىشلىقى بارلىقى بايقالغان مۇسۇلمانلار ھامان قاتتىق جازالىنىپ كەلمەكتە.