دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىدا 2016-يىللىق ھەج قىلغۇچىلارنى سىياسىي ئۆگىنىشكە ئورۇنلاشتۇرغان

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016.07.21
hej-siyasiy-oginish-xoten.jpg خوتەن ۋىلەيەتلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسى 2016-يىلى خوتەندىن ھەج سەپىرىگە ماڭىدىغان ھاجىلارنىڭ بىر ھەپتىلىك سىياسىي ئۆگىنىشكە قاتنىشىشىنى تەلەپ قىلىپ چىقارغان ئۇقتۇرۇشى.
Social Media

خوتەن ۋىلايەتلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسى 2016-يىلى خوتەندىن ھەج سەپىرىگە ماڭىدىغان ھاجىلارنىڭ بىر ھەپتىلىك سىياسىي ئۆگىنىشكە قاتنىشىشىنى تەلەپ قىلىپ ئۇقتۇرۇش چىقارغان. يەرلىكتىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ھۆكۈمەت خادىمى ۋە ئۇيغۇرلار بۇ يىللىق كۇرسنىڭ ئېچىلىش ۋاقتى ۋە كۇرسنىڭ مەقسىتى ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى. چەتئەللەردىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دىنىي زاتلار ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىمۇ مەزكۇر كۇرس ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈردى.

ئاڭلىغۇچىلىرىمىز تەرىپىدىن، رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىگە ئەۋەتىلگەن، خوتەن ۋىلايەتلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خوتەن ۋىلايىتىدىن 2016-يىللىق ھەج سەپىرىگە رۇخسەت قىلىنغان 155 كىشىنىڭ 25-ئىيۇلدىن 28-ئىيۇلغىچە خوتەن ۋىلايەتلىك سوتسىيالىستىك ئىنستىتۇتتا 4 كۈنلۈك كۇرسقا قاتنىشىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.

ئۇقتۇرۇشتا يەنە كۇرس ھەققىدە ئىزاھات بېرىلىپ، مەزكۇر كۇرسنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دىنىي ئىشلار ئىدارىسى تارقاتقان «2016-يىللىق ھەج سەپىرىگە ماڭغۇچىلارنى تەربىيىلەش ئۇقتۇرۇشى» نامىدىكى 2016-يىللىق 102-نومۇرلۇق ھۆججەتنىڭ روھىغا ئاساسەن چىقىرىلغانلىقى، خوتەن ۋىلايەت تەۋەسىدىن ھەج سەپىرى ئىلتىماسى تەستىقلانغان 127 نەپەر ئەر ۋە 28 نەپەر ئايالنىڭ 24-ئىيۇل يەكشەنبە كۈنى كېلىپ تىزىمغا ئالدۇرۇشى، كۇرس ئاياغلاشقاندىن كېيىن 29-ئىيۇل كۈنى كۇرسانتلارغا گۇۋاھنامە تارقىتىلىپ ئاندىن ئۆيلىرىگە قايتۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

بىز مەزكۇر ئۇقتۇرۇش ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي ئەھۋال ئىگىلەش ئۈچۈن خوتەن ۋىلايەتلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسىگە تېلېفون قىلغىنىمىزدا، تېلېفونىمىز جاۋابسىز قالدى.

ئەمما ئاڭلىغۇچىلىرىمىز تەرىپىدىن تەمىنلەنگەن خوتەندىن ھەج سەپىرىگە ماڭىدىغانلارنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇشى ئۈچۈن بېرىلگەن تېلېفون نومۇرى، خوتەن شەھەرلىك نۇرباغ ساقچىخانىسىنىڭ كېچىلىك نۆۋەتچى خادىمىغا ئۇلاندى.

مەزكۇر خادىم بايانىدا، خوتەندىن ھەج سەپىرىگە ماڭىدىغانلارنىڭ ئۆگىنىش كۇرسىغا قاتنىشىدىغانلىقىدىن خەۋىرى بارلىقىنى ۋە ھەج سەپىرىگە ماڭغۇچىلارنىڭ ئۆزى تۇرۇشلۇق جايلاردىكى ساقچى ئىدارىلىرىگە كېلىپ تىزىملىتىشى تەلەپ قىلىنغانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى بىلىدىغان بولسىمۇ، ئەمما كۇرسقا دائىر باشقا تەپسىلاتلارنى بىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر نەپەر ھۆكۈمەت خادىمى بۇ خىل كۇرسلارنىڭ ھەر يىلى ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھەرقايسى ۋىلايەت،ناھىيىلەرگە بېرىلگەن سانغا ئاساسەن ھەج ئىلتىماسى تەستىقلانغانلارنىڭ ئۆزى تەۋە جايلاردا بىر ھەپتىلىك ياكى ئۇنىڭدىن ئۇزۇن بولغان كۇرسلارغا قاتناشتۇرۇلىدىغانلىقى ۋە بۇ كۇرسلاردا ھەج سەپىرىدە دىققەت قىلىدىغان مەسىلىلەر توغرىلىق كۇرسانتلارغا مەخسۇس تەربىيە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭدىن ھەج قىلغۇچىلار قاتناشتۇرۇلىدىغان كۇرسلاردا قانداق مەزمۇنلاردىكى تەلىم-تەربىيە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، بۇ كىشى كۇرسانتلارغا ئەڭ ئاۋۋال «جۇڭگو پۇقراسى بولۇش سۈپىتى بىلەن كومپارتىيىنىڭ رەھبەرلىكىنى ھىمايە قىلىپ، جۇڭگونىڭ بىرلىكىنى قوغداش، ھەج پائالىيىتى مەزگىلىدە دۆلەتنىڭ قانۇن-تۈزۈملىرىگە خىلاپ سۆز-ھەرىكەتلەردە بولماسلىق، ھەج جەريانىدىكى بارلىق پائالىيەتلەردە ھەج ئۆمىكىدىكى مەسئۇل كادىرنىڭ يېتەكچىلىكىدە كوللېكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىش قاتارلىق ئىنتىزام مەسىلىلىرى توغرىلىق ساۋات بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

قانداق كىشىلەرنىڭ ھەج سەپىرى ئىلتىماسى تەستىقلىنىدىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ ئۆز رايونىدىكى ئەھۋالنى بىلدۈرۈپ، ئادەتتە ھەج سەپىرىگە كېتىدىغان بارلىق چىقىملارنى ئۈستىگە ئالالايدىغان، ئائىلىسىدە ئارتۇق ھېچقانداق ئىقتىسادىي يۈكى بولمىغان، يېشى 60تىن ھالقىغان، سىياسىي جەھەتتە ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپ قىلمىشلاردا بولغانلىقى ھەققىدە قانۇن ئورۇنلىرىدا ئىسمى يوق كىشىلەرنىڭ ھەج سەپىرىگە ئىلتىماس قىلسا بولىدىغانلىقى، ئەگەر ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئىچىدە«سىياسىي مەسىلىسى بار» دەپ قارالغان كىشىلەر بولسا، ئۇلار مەلۇم مەزگىل كۆزىتىش، تەربىيە بېرىش ۋە ئۆگىنىش كۇرسلىرىغا قاتناشتۇرۇلغاندىن كېيىن ئاندىن ئىپادىسىگە قاراپ ھەج ئىلتىماسى تەستىقلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىمۇ 2016-يىللىق ھەج سەپىرى خىزمىتى ھەققىدە خەۋەر بېرىلگەن. خىتاي ئىسلام جەمئىيىتى تورىدا ئېلان قىلىنغان «2016-يىللىق ھەج يېتەكچى خادىملىرى ۋە دىنىي يېتەكچى خادىملارنى تەربىيىلەش كۇرسى نىڭشانىڭ ۋۇجۇڭ شەھىرىدە ئېچىلدى» دېگەن خەۋەردە، 12-ئىيۇل كۈنى، خىتاينىڭ نىڭشا تۇڭگان ئاپتونوم رايونىنىڭ ۋۇجۇڭ شەھىرىدە مەخسۇس يىغىن ئېچىلىپ، خىتايدىكى 15 ئۆلكە ئاپتونوم رايون شەھەردىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا ھەج سەپىرىگە بارىدىغان ئۆمەك مەسئۇللىرىدىن بۇ يىلقى ھەج سەپىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئېلىپ بېرىش تەلەپ قىلىنغانلىقى توغرۇلۇق مەخسۇس توختالغان.

دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان دىنىي سىياسىتى ئۇزۇندىن بېرى خەلقئارا دىنىي جەمئىيەتلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، پائالىيەتچىلىرى ۋە ئۇيغۇرلاردىن چىققان دىنىي زاتلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا قارىتا ھەر خىل بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىپ ئۈزلۈكسىز ھالدا چەكلەش سىياسىتى قوللىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەنقىدلەپ كەلمەكتە.

دائىرىلەرنىڭ بۇ يىللىق ھەج سەپىرىگە ماڭىدىغانلار ئۈچۈن مەخسۇس كۇرس ئۇيۇشتۇرۇشى يەنە بىر قېتىملىق دىققەت نۇقتىسى بولدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دىنىي ئىشلار مۇدىرى، گېرمانىيەدىكى دىنىي زات تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، دائىرىلەرنىڭ بۇ يىلقى ھەج سەپىرىگە ماڭغۇچىلارغا ئورۇنلاشتۇرغان كۇرسى ۋە يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان دىنىي چەكلىمىلەر ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مىسىر ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنى تاماملىغان دىنىي ئۆلىما تۇرغۇنجان ئەپەندى بايانىدا، دائىرىلەرنىڭ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرەمگە بېرىپ ھەج قىلىشىغا قارىتا ھەر خىل بەلگىلىمە-شەرتلەرنى يولغا قويۇپ، ھاجىلار سانىنى چەكلەش، ھۆكۈمەت تەلەپ قىلغان شەرتلەنى ھازىرلاپ ھەرەمگە بېرىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ھاجىلارنى سەپەردىن ئىلگىرى مەخسۇس سىياسىي كۇرسلارغا قاتناشتۇرۇش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىشى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى چەكلەش تەدبىرلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ خىل ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى كېرەكلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ئىگە بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

تۇرغۇنجان ئەپەندى يەنە، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ھەج ئىلتىماسىغا قارىتا بەلگىلىگەن «60 ياشتىن يۇقىرى بولغان، ئىقتىسادىي يۈكى بولمىغان ۋە سىياسىي جەھەتتىن ساغلام بولغانلار ھەج قىلىش ئىلتىماسى يوللىسا بولىدۇ» دېگەن شەرتىگە قارىتا ئۆز قارىشىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەج قىلىشتىن ئىبارەت مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي مەجبۇرىيىتىگىمۇ سىياسىي شەرتلەرنى قوشۇۋېلىشىنىڭ دىنغا نىسبەتەن ئەڭ ئېغىر دەرىجىدىكى ھۆرمەتسىزلىك ۋە ئىنساننىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا تاجاۋۇزچىلىق سىياسىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇ قىلمىشلارنى قوبۇل قىلىش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان دىنىي ئېتىقادنى چەكلەش سىياسىتىنى شەرتسسىز توختىتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.