بەزى ئۇيغۇر ھاجىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بالدۇرراق زاۋال تېپىشىنى تىلەپ دۇئا قىلغان

0:00 / 0:00

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل خىتاي ھەج ئۆمىكى قاتارىدا ھەرەمگە كەلگەن ئۇيغۇر ھاجىلار ھەرخىل چەكلىمىلەرگە ئۇچرىغان. بۇ خىل چەكلىمىلەرگە ئۇچرىغان ھاجىلارنىڭ شىكايىتىنى ئاڭلىغان مەككىدىكى ئابدۇراخمان ھاجىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھەجىگە كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمانچە كىيىم سېتىۋېلىشىغىمۇ يول قويۇلمىغان. ھەتتا بىر قىسىم ئۇيغۇر ھاجىلار بۇ سەۋەبتىن ئۆمەك باشلىقلىرىنىڭ ھاقارىتىگە ئۇچرىغان.

بۇ ئىشتىن غەزەپلەنگەن ھاجىلارنىڭ بەزىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بالدۇرراق زاۋال تېپىشىنى تىلەپ دۇئا قىلغان.

ھەر يىلى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ھاجىلار كېلىپ مەككىگە توپلىشىدۇ ۋە ئۇلار بۇ جايدا «ئاللانىڭ ھۆرمەتلىك مېھمانلىرى» دېگەن چىرايلىق نام بىلەن ئاتىلىدۇ ۋە شۇنداق ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىدۇ. ھاجىلارنى سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى ۋە ئۆزلىرى تەۋە بولغان دۆلەتنىڭ ھەج ئۆمەك مەسئۇللىرى ئالاھىدە ھۆرمەتلەيدۇ، ئۇلارغا خىزمەت قىلىدۇ ۋە ئۇلارنى قەتئىي رەنجىتمەيدۇ.

پەقەت ئۇيغۇر ئېلىدىن كېلىدىغان ئۇيغۇر ھاجىلارنىڭ قىسمىتى باشقىچە بولۇپ، ئېيتىشلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر ھاجىلارنىڭ ئۆزلىرىنى باشلاپ كەلگەن ھەج ئۆمىكىنىڭ كادىرلىرى تەرىپىدىن تارتمىغانلىرى قالمىغان، تەھدىتلەر ۋە قورقۇتۇشلار ئاستىدا تۇرىدىكەن. سومكىلىرىنى خالىغانچە ئاختۇرۇش، ھاقارەتلەش ۋە ھەر خىل تەھدىتلەر بىلەن قورقۇتۇش دېگەنلەر ئۇيغۇر ھاجىلىرىنىڭ ئورتاق قىسمىتى بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، بۇ يىل ئۇنىڭدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن، ئۇلارنىڭ قارا رەڭلىك رەخت ۋە ئاق كۆڭلەك سېتىۋېلىش مەنئى قىلىنغان.

مەككە مۇكەررەم شەھىرىدە ئۇزۇن ۋاقىتتىن بىرى ھاجىلارغا خىزمەت قىلىش، ئۇلارغا تەلىم بېرىش ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇپ كېلىۋاتقان ئابدۇراخمان ھاجىمغا بۇ ھەقتە ئاڭلىغانلىرىنى بايان قىلدى.