ساقچى: «ھۆكۈمەتنىڭ مائاشىنى ئالىدىغانلا بولسا، دىنىم ئىسلام دېيىشكە بولمايدۇ»

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2017.01.03
charlash-uyghur-saqchi.jpg كوچا چارلاۋاتقان ئۇيغۇر ساقچى. 2015-يىلى 17-ئاۋغۇست، ئاقسۇ.
AFP

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي ئېتىقاد چەكلىمە سىياسەتلىرىنىڭ دائىرىسى بارغانچە كېڭىيىپ يەنىمۇ قاتتىق تەدبىرلەر بىلەن مەجبۇرىي ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئىلگىرى ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ روزا تۇتۇش، ناماز ئوقۇشقا ئوخشاش ئادەتتىكى دىنىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشى چەكلەنگەن بولسا، ئەمدىلىكتە دائىرىلەر پارتىيە ئەزاسى ياكى دۆلەت مەمۇرلىرىلا ئەمەس، ھەر قانداق مائاشلىق ئىشچى، خىزمەتچىلەرنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىشىنى چەكلىگەن، بۇ ھەقتە يېقىندا ئىگە بولغان ئۇچۇرلاردىن، ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا نوپۇس دەپتىرىدىكى دىنىي ئېتىقادى دېگەن كاتەكچىگە «ئىسلام» دەپ تولدۇرغان ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ ئاۋارىچىلىك، سورۇقچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى مەلۇم.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يىللاردىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان دىنىي سىياسەتلىرىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرىنىڭمۇ تۈرلۈك قاتتىق تەدبىرلەر ئارقىلىق چەكلەنگەنلىكى، بولۇپمۇ دىننى سۇسلاشتۇرۇش نامىدىكى ھەرىكەتلەردە بولسا، ئۇيغۇر كادىر ۋە ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ تېخىمۇ قاتتىق دىنىي بېسىمغا ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقى ھەممىگە مەلۇم. يېقىندا يەنە رادىيومىزغا قەشقەردىن بىر ئۇيغۇرنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، دائىرىلەر بىر ئاي ئىلگىرى مەخسۇس ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، دۆلەتنىڭ مائاشىنى ئالىدىغان ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ نوپۇس جەدۋىلىدىكى «دىنى» دېگەن كاتەكچىسىنى بوش قالدۇرۇشى كېرەكلىكى، ئەگەر ئىلگىرى بۇ كاتەكچىگە ئىسلام ياكى مۇسۇلمان دەپ تولدۇرغانلار بولسا، ئۇنى ئۆچۈرۈپ تۈزىتىش كىرگۈزۈشى كېرەكلىكى، ئەگەر بەلگىلىگەن مۆھلەت ئىچىدە ساقچىخانا ۋە مەھەللە كومىتېتلىرى ئارقىلىق تەلەپ بويىچە نوپۇسقا ئۆزگەرتىش كىرگۈزمىگەنلەرنىڭ مائاشى تۇتۇپ قېلىنىدىغانلىقى، ئېغىر بولغانلارغا چارە قوللىنىدىغانلىقى ئاگاھلاندۇرۇلغان. بۇ ئىنكاس قىلغۇچىنىڭ ئېيتىشىچە يەنە، نۆۋەتتە ساقچىخانىلار ۋە ھەر قايسى مەھەللە كومىتېتلار نوپۇسىنى ئۆزگەرتىش رەسمىيىتى بېجىرىش ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولسا، ئىدارە، ئورگانلاردا نوپۇسىغا دىنىم ئىسلام ياكى مۇسۇلمان دەپ يېزىلغانلار ئۆزلىرىنى تەكشۈرۈشكە مەجبۇر قالماقتا ئىكەن.

بىز بۇ ئۇچۇرنى دەلىللەش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن قەشقەر شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئەرزىيەت ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق، تېلېفوننى ئالغان نۆۋەتچى خادىم ئىشچى، خىزمەتچىلەرنىڭ نوپۇسىنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ۋە نوپۇس جەدۋىلىدىكى دىنىي ئېتىقادى دېگەن كاتەكچىگە ئۆزگەرتىش ئىشلىرىنى ھۆكۈمەت تارماقلىرى ئەمەس، بەلكى جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى مەسئۇل بولۇپ باشقۇرۇۋاتقانلىقىنى دېگەن بولسىمۇ، بۇ ئۇقتۇرۇشنى چۈشۈرگەن ۋاقىت ۋە سەۋەبلەر ھەققىدە سورىغان باشقا سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

بىز يەنە، خوتەن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ سىياسىي باشقارمىسى بىلەن ئالاقىلەشتۇق:
-ھازىر ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ نوپۇس جەدۋىلىنىڭ دىنىي ئېتىقادى دېگەن يېرىگە ئىسلام دەپ يېزىلغان بولسا، ئۇنى ئۆزگەرتىش شەرت بولدىمۇ ھازىر؟

-ھە توغرا، ئىشقىلىپ، دۆلەت مائاشىنى ئالىدىغان ھەر قانداق ئادەمنىڭ نوپۇسىنىڭ ئۈستىگە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىمەن دەپ يېزىۋالغان بولسا ئۆزگەرتىش كېرەك، ئاشۇنداق ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈكلۈك، ئەگەر ھۆكۈمەتنىڭ مائاشىنى ئالىدىغانلا ئادەم بولسا، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىمەن دەپ يازماسلىقى كېرەك، ئۇ يەر ئاق قېلىشى كېرەك. شەخسى شىركەت ئۇنىڭ سىرتىدا.

بىز ساقچىدىن بۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ قاچان چۈشكەنلىكى ۋە نوپۇسنى تەلەپتىكىدەك ئۆزگەرتىپ بولۇش ئۈچۈن قانچىلىك مۆھلەت بېرىلگەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، بۇ ساقچىنىڭ سەزگۈرلۈكى ئېشىپ«سىز نېمە دېمەكچى، مەن سىزنىڭ ئارتۇق سوئاللىرىڭىزغا جاۋاب بېرەلمەيمەن ماقۇلمۇ...» دېگىنىچە تېلېفوننى ئۈزدى.

ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن كانادادىكى كۆزەتكۈچى مەمەت توختى ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تەدبىرىگە قارىتا كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ، «ئەگەر ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى بولغان بولسا، ھېچقانداق بېسىمغا ئۇچرىمىغان بولسا، خىتاينىڭ بۇ تەدبىرى دىققەت قوزغىمىغان بولاتتى، چۈنكى باشقا دىنىي ئەركىنلىك بار دۆلەتلەردە ئىنسانلارنىڭ كىملىكىگە دىنىي ئېتىقادى كىرگۈزۈلمەيدۇ، ئەمما خىتاينىڭ دىننى توسۇۋاتقانلىقىنى بىلگىنىمىز ئۈچۈن، بۇ سىياسەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتمىلىقى بار، شۇنداقلا بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنسىزلىق تەشۋىقاتىنىڭ ئۇزارتمىسى دەپ قارايمىز» دېدى.

مەمەت توختى يەنە «خىتاينىڭ بۇ خىل سىياسەتلىرى، دىنسىزلاشتۇرۇش سىياسىتىدىنمۇ ھالقىپ كەتكەنلىك، دىنغا ئۇرۇش ئاچقانلىقى، دىننى دۈشمەن كۆرگەنلىك ھېسابلىنىدۇ. بۇ مەسىلە دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىدىن ھالقىپ كەتتى، چۈنكى خىتاي ئىسلام دىنىنى دۈشمەن كاتېگورىيەسىگە قويۇپ، پۈتۈن دۆلەت ئاپپاراتى، زۇلۇم مېخانىزمىنى ئىشقا سېلىپ، ئىسلامىيەتكە ئۇرۇش ئېلان قىلماقتا، شۇڭا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىمۇ بۇ مەسىلىگە قارىتا ئىنكاسى تېخىمۇ يۈكسەك ۋە سەزگۈر بولۇشى كېرەك» دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىدىكى دىنىي كىملىكىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى بۇيرۇق بىلەن ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى دەلىللەنگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىلىرىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ۋە ھەل قىلىش يوللىرى ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ ئۇچۇردىن مەلۇماتى بار-يوقلۇقىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنى زىيارەت قىلدۇق، دىلشات ئەپەندى بۇ ئۇچۇردىن ئۆزىنىڭمۇ يېقىندا خەۋەردار بولغانلىقىنى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭمۇ بۇ مەسىلىگە جىددىي قاراۋاتقانلىقىنى، بۇنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تازىلاش ھەرىكەتلىرىنىڭ داۋامى دەپ بىلىدىغانلىقىنى، خىتاي ئۆزىنىڭ ۋە خەلقئارانىڭ قانۇنلىرىغا خىلاپ ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ خىل دىنىي ئېتىقادنى چەكلەش تەدبىرلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىدارە قىلىشتا ئىشەنچسىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دىلشات رىشىت ئەپەندى يەنە «ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى، خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ئەمەس، ئېتىقاد پۈتۈن دۇنيادا ھۆرمەتكە ئىگە بولۇشى كېرەك، ئېتىقاد خىتاينىڭ ئىچكى مەسىلىسىمۇ ئەمەس، بەلكى دۇنياۋى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسى، شۇڭا خەلقئارا جەمئىيەت بۈگۈنكى كۈندە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي ئېتىقاد چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشى ئۈچۈن جىددىي سىگنال بېرىشى ۋە بېسىم خاراكتېرلىك قانۇن لايىھىلەرنى چىقىرىشى كېرەك» دەپ مۇراجىئەت قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.