خىتاي مىقياسىدا قانات يايدۇرۇۋاتقان پارتىيە ئىستىلى ۋە پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ياخشىلاش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئومۇميۈزلۈك كۆزىتىپ سېلىشتۇرغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدا بۇ كۈرەشنىڭ چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا قارىتىلماي، بەلكى ئاز سانلىق مىللەت پارتىيىلىك كادىرلارنىڭ سىياسىي مەيدانىنى نازارەت قىلىش ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش پوزىتسىيىسىنى ئاشكارىلاپ، قاتتىق جازالاشقا قاراتقانلىقىنى كۆرەلەيمىز.
خىتاي خەلق تورى 2-ئۆكتەبىر سانىدا، خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بىر قىسىم ئاز سانلىق مىللەت پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلىقى، سىياسىي سەزگۈرلۈكىنىڭ ئاجىزلىقى ئېنىقلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. كۆزەتكۈچىلەر بۇ، «مىللىي كادىرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي ھېسسىياتى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەندىشىسى بولۇپ قالغانلىقىنى ئاشكارىلايدۇ» دەپ مۇلاھىزە قىلماقتا.
خەۋەرگە قارىغاندا، خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەت باشقۇرۇش ئىدارىسى، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى، خەلق ئىشلىرى نازارىتى ۋە شىنجاڭ گېزىتى قاتارلىق ئورۇنلاردىن بەش تارماق تەكشۈرۈش ئەترىتى تەشكىللەپ بۇ يىل 5-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان ئىككى ئاي ئىچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ خىزمەت ئىستىلى، سىياسىي مەيدانى، تۆتنى تونۇش تەربىيىسى، پاكلىق قۇرۇلۇشى قاتارلىق تەرەپلىرىنى نىشان قىلىپ مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. شۇنداقلا بايقالغان ئەڭ چوڭ مەسىلىنىڭ بىرى «بىر قىسىم ئاز سانلىق مىللەت پارتىيە، ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىشى، سىياسىي سەزگۈرلۈكىنىڭ ئاجىز بولۇشى» دەپ يەكۈن چىقارغان. ئەمما ئاتالمىش دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلىقى ئاشكارىلانغان كادىرلارنىڭ سانى ۋە نام شەرىپىنى خەۋەردە ئاشكارىلىمىغان.
دائىرىلەر ئۇيغۇر ئاپتونوم دائىرىلىرىنى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىكى، مۇرەككەپلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئىچىدىكى مەسىلە كۆرۈلگەن كادىرلارغا قەتئىي پوزىتسىيە، كۈچلۈك تەدبىر ئارقىلىق يەنىمۇ ئۈزۈل-كېسىل زەربە بېرىپ، جىددىي تۈزەپ ۋاقتىدا دوكلات قىلىپ تۇرۇش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.
خىتايدا ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا پارتىيە ئىستىلى ۋە پاكلىق قۇرۇلۇشىنى، چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە قەتئىي پوزىتسىيە تۇتۇشنى يەنە بىر قېتىم جاكارلىدى. پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش 85 مىليوندىن كۆپرەك پارتىيە ئەزاسى بار، 1 مىليارد 300 مىليون نوپۇسقا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاي كومپارتىيىسىگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم ئەلۋەتتە. ھالبۇكى، ئۇيغۇر ئېلىدا پارتىيە ئىچىدىكى چىرىكلىك مەسىلىنىڭ ئىنتايىن ئېغىرلىقى تىلغا ئېلىنىۋاتقان بولسىمۇ، دائىرىلەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مۇقىملىقتىن ئىبارەت 1-مەسئۇلىيەت، 1-سىياسىي ۋەزىپىنى ھەقىقىي ئادا قىلىش پرىنسىپى بويىچە كادىرلارغا تەلەپ قويۇپ كەلدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۈرلۈك شەكىللەردە قاتتىق بېسىم بىلەن ناھايىتى كەسكىن داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.
خىتاي دائىرىلىرى ئىدېئولوگىيە ساھەسىنى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيىسىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر دەرىجىلىك كادىرلاردا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنىڭ «ئالدىنقى بازىسى ۋە ئاساسىي جەڭ مەيدانى» لىق ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسىي سەگەكلىك ۋە خەۋپ ئېڭى، ئاخىرقى چەك تەپەككۇرىنى باشتىن-ئاخىر ساقلاپ، مۇقىملىقنى ساقلاشقا دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ۋەزىپە قىلدى. «ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش» تىن ئىبارەت تەشۋىقات-تەربىيەنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشتا چىڭ تۇرۇشنى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلماقتا.
ئامېرىكىدىكى سىياسىي مۇلاھىزىچىلەردىن ئېلشات ھەسەن ئەپەندى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا قاراتقان بۇ خىل پەقەت مۇقىملىقنىلا نۇقتا قىلغان، ئۇيغۇر كادىرلارنى باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ، ئەكسىچە خىتاي پارىخور كادىرلارنىڭ چىرىكلىشىشىگە يول ئاچقانلىقىنى كۆرسەتتى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئېلان قىلىشىچە، ھازىر ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوندىكى كادىرلار ئومۇمىي سانىنىڭ 51.25% نى، ئاز سانلىق مىللەت كەسىپ-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى ئاپتونوم رايوندىكى ئىختىساسلىقلار ئومۇمىي سانىنىڭ 56% ئىنى ئىگىلەيدىكەن.
خىتاي «ئاساسىي قانۇن» نىڭ 36-ماددىسىدا: «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىرى دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىكىگە ئىگە»، «دۆلەت نورمال دىنىي پائالىيەتلەرنى قوغدايدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن، مانا بۇ، ئاساسىي قانۇننىڭ پۇقرالارغا ئاتا قىلغان ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى بولۇپ، ھەر بىر پۇقرا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇش بىلەن بىللە، جەزمەن باشقىلارنىڭ دىنغا ئىشىنىش-ئىشەنمەسلىكى، قايسى دىنغا ئېتىقاد قىلىش ياكى ئېتىقاد قىلماسلىقىنى تاللاشقا ھۆرمەت قىلىشى ۋە ئۇنىڭغا ئارىلاشماسلىق مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ئەمما پارتىيىلىك كادىرلارنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىشى بولسا، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئۇلارنىڭ سىياسىي مەيدانىنىڭ تۇراقسىزلىقى، ھەتتا ئەسەبىيلىكنىڭ يىلتىزى، «ئۈچ خىل كۈچ» كە قارشى تۇرۇش كۈچىنىڭ ئاجىزلىقىنىڭ ئىپادىسى دەپ قارىلىپ جازالانماقتا.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قىسىم ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ ئىنكاسلىرىغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرقى ۋەزىيەتتە، پارتىيىلىك ئۇيغۇر كادىرلار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلار باشلامچى بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، تىل، مىللىي ھېسسىيات جەھەتتىكى ئەۋزەللىكلەرنى، ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى نوپۇزى ھەم ئۇيغۇرلار بىلەن ھەر زامان، ھەر جايدا پىكىرلىشەلەيدىغان ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر خىل سورۇنلاردا، ئۇرۇق-تۇغقان، دوستلار يىغىلىشلىرى، تۈرلۈك ئەلئارا، مىللىي ئۆرپ-ئادەت تۈسىنى ئالغان پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۆز مىللىتىگە سىياسەتلەرنى ياخشى تەشۋىق قىلىش، ھەر ۋاقىت تەكىتلەپ تۇرۇش، ھەر ۋاقىت ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، مۇقىملىقنى ساقلاشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم خىزمەتنى ھەر ۋاقىت چىڭ تۇتۇش كېرەك.، نادانلىقتىن، ئىدىيە چۈشىكىدىن قۇتۇلۇپ، ئەسەبىيلىك ئىدىيىسىنىڭ زەھىرىدىن يىراقلىشىش كېرەك» دېگەندەك تەلەپلەرنى ئاشكارا قويۇۋاتقان بولۇپ، بۇ خىل پەۋقۇلئاددە كەسكىن مۇقىملىق ۋەزىيىتى ۋە پەۋقۇلئاددە كەسكىن خىزمەت ۋەزىپىسى ئالدىدا مىللىي ۋە دىنىي ھېسسىياتقا ئىگە بىر قىسىم كادىرلار بەلگىلىك روھىي ۋە پسىخىكىلىق بېسىملارغا دۇچ كەلگەن.
بۇ ھەقتە توختالغان ئېلشات ھەسەن ئەپەندى، ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئەڭ ئېغىر روھىي بېسىمغا، قاتتىق زەربىگە ئۇچرايدىغانلارنىڭ دەل مىللىي ۋە دىنىي ھېسسىياتلىرى تېخى ئۆلمىگەن ئۇيغۇر كادىرلار ئىكەنلىكىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇقىملىق ئىستراتېگىيىسىدە يەنىلا شۇ خىلدىكى مىللىي كادىرلارنى تازىلاشنى ئۇزۇن مەزگىللىك نىشان قىلىدىغانلىقىنى مۇلاھىزە قىلىپ ئۆتتى.