نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى خىزمەتلىرىنى داۋام قىلماقتا

0:00 / 0:00

نورۋېگىيەدىكى ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى 2012-يىلى 2-ئايدا نورۋېگىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ تەستىقىنى ئېلىپ، شۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش مەقسىتىدە قۇرۇلغان.

ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى قۇرۇلغاندىن باشلاپ، نورۋېگىيەدە خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان «ئۇيغۇر كومىتېتى» بىلەن بىرلىكتە خىزمەت ئېلىپ بېرىپ، نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ھەر يىلىدىكى ئىككى ھېيتتا ئۇيغۇرلارنى بىر يەرگە جەم قىلىپ ھېيت نامىزىنى ئوقۇش، شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرىدىكى دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر پەرزەنتلەرنىڭ ئانا تىل ۋە قۇرئان ساۋاتىنى چىقىرىشتا ئىزچىل خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە.

بىز ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىدە قانداق خىزمەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ھەم ئۇيغۇر مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئۆمەر ھاجىمنى زىيارەت قىلدۇق.

ئۆمەر ھاجىم ھازىر قىلىۋاتقان ئوقۇ-ئوقۇتۇش ھەققىدىكى خىزمەتلەر ئۈستىدە توختالدى. نورۋېگىيەدەك ياۋروپا دۆلەتلىرىدە مىللىي كىملىك ۋە دىنىنى ساقلاپ قېلىشتا پەرزەنتلەرنى مەكتەپ يېشىدىن باشلاپ تەربىيىلەشنىڭ مۇھىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئۇ سۆزىدە، نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىگە تەۋە بولغان بىر مەسچىتى بولۇشىنىڭ مۇھىملىقى، شۇنىڭ ئۈچۈن، نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى سەپەرۋەر قىلىپ بىر مەسچىت سېتىۋېلىش پىلانى بارلىقى، بۇنىڭغا دائىر خىزمەتلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختالدى.