ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىسلامىي تەربىيە ئۆگىنىش كۇرسىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى

0:00 / 0:00

17-سېنتەبىردىن 19-سېنتەبىرگىچە، ياپونىيەنىڭ ياماناشى ئۆلكىسىنىڭ كاۋاگۇچىكو ساياھەت رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىسلامىي تەربىيە ئۆگىنىش كۇرسىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئاڭلىتىلغان.

توكيودىكى ئوتسۇكا ئىسلام مەركىزىدىن ئىگىلىشىمىزچە، مەزكۇر مەركەزنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان 14-قېتىقلىق ئوتسۇكا مەسچىتى ئىسلامىي تەربىيە ئۆگىنىش كۇرسىنىڭ پائالىيىتىدە ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىم كۇرسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنىدىكى پائالىيەتتە بىر سائەتكە يېقىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئومۇمىي سىياسىي ۋەزىيىتىدىن تەپسىلىي دوكلات بەرگەن.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىم بۇ ھەقتە توختالدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپون مۇسۇلمانلىرىدىن نىشى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلات ھەققىدە توختىلىپ: «دوكلاتتىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامىي ئېتىقادلىرىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە خىتاي كومپارتىيىسى تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىدىن خەۋەردار بولۇپ، خىتاي كومپارتىيىسىگە بولغان نەپرىتىمىز تېخىمۇ ئاشتى» دېدى.

تۇرمۇھەممەت ھاشىم دوكلاتىدا يەنە خىتايدىكى دىنىي زۇلۇمدىن قېچىپ بىر قىسىم دۆلەتلەرگە پاناھلىق تىلەپ چىققان ئۇيغۇرلارنى شۇ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي نەپنى كۆزلەپ خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكى توغرىسىدىمۇ قىسقىچە توختالغان.

ئىسلامىي تەربىيە كۇرسىغا قاتنىشىۋاتقان تەيۋەن مۇسۇلمانلىرىدىن مۇستافا تۇرمۇھەممەت ھاشىمنىڭ دوكلاتى ھەققىدە توختىلىپ: «مەن تەيۋەن مۇسۇلمانلىرىدىن. بۈگۈن مەن دىنىي قېرىندىشىم بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ دىنىي زۇلۇملىرىغا ئۇچراتقانلىقىدىن خەۋەردار بولدۇم. مەن ئۇيغۇرلارنىڭ تېزرەك زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن دۇئا قىلىمەن. شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ زۇلۇمىغا قارشى ھەرىكەتلەردۇر» دېدى.

تۇرمۇھەممەت ھاشىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ دوكلاتىدىن كېيىن بىر قىسىم ئاڭلىغۇچىلار ئىسلام دۇنياسىغا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى تارتىۋاتقان زۇلۇملارنىڭ تەپسىلىي ئاڭلىتىلماسلىقىنىڭ سەۋەبلىرى توغرىسىدا كۆپلىگەن سوئاللارنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە ئۆزلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر داۋاسىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر ئىسلامىي تەربىيە كۇرسىنىڭ مەسئۇللىرىدىن پاكىستانلىق قۇرەش ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن شەخسەن شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەھۋالىنى تولۇق بىلگەنلىكىم ئۈچۈن دائىم ئۇلارغا دۇئا قىلىپ كەلدىم. بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتتىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت بۇ پاجىئەدىن ئىسلام دۇنياسىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ نېمە ئۈچۈن خەۋەرسىز قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا كۆپلىگەن بەس-مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلدى. ئىنشاللا ئىشىنىمەنكى بۇنىڭدىن كېيىن بىز بارلىق مۇسۇلمانلار ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئىسلام دۇنياسىغا ئاڭلىتىشقا تىرىشىمىز».

توكيودىكى ئوتسۇكا مەسچىتىدىن ئىگىلىشىمىزچە، مەزكۇر مەسچىت ھەر يىلى كۈز پەسلىدە ياپونىيەنىڭ ياماناشى ئۆلكىسىنىڭ كاۋاگۇچىكو ساياھەت رايوندىكى مەخسۇس ئىجارىگە ئېلىنغان مېھمان-سارايدا ياپونىيە مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن ئۈچ كۈنلۈك ئىسلامىي تەربىيە ئۆگىنىش كۇرسى پائالىيىتى ئېلىپ بارىدىكەن. بۇ كۇرستا ئىسلام نەزەرىيىسى، ئىسلام دۇنياسى، ئىسلام غايىسى توغرىسىدا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن تەكلىپ قىلىنغان ئىسلام ئالىملىرى ۋەز-نەسىھەت سۆزلەيدىكەن ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدا ئىلمىي بەس-مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.