پاكىستان راۋالپىندى شەھىرىدىكى ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەقپى ئۇزۇندىن بۇيان ئۆزىنىڭ تۈرلۈك سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرى بىلەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە تونۇلۇش بىلەن بىرگە، ھەر يىلى رامىزان ۋە قۇربان ھېيت بايراملىرىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان خەيرى ساخاۋەت يەتكۈزۈش پائالىيىتى بىلەنمۇ پاكىستاندىكى جۈملىدىن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشمەكتە.
ئىگىلىشىمىزچە، 13-سېنتەبىردىن باشلاپ پاكىستاننىڭ راۋالپىندى شەھىرىدىكى ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەقپى قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇرلارغا خەيرى ساخاۋەت يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى باشلىغان بولۇپ، ئۇلار ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى پاكىستاننىڭ تاغلىق رايونى بولغان گىلگىت شەھىرىدىكى ۋە ئافغانىستاندىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارغا ئۆزلىرىنىڭ قۇربان ھېيتلىق مېھرى ساخاۋىتىنى يەتكۈزگەن.
قۇربان ھېيتنىڭ ئىككىنچى كۈنىدىكى خەيرى ساخاۋەت پائالىيىتىگە جىددىي تەييارلىق كۆرۈۋاتقان ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ مەسئۇلى ئۆمەرجان زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ھېيت - بايراملاردا بۇ خىلدىكى خەيرى ساخاۋەت پائالىيىتىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق ھالدا ئېلىپ بارىدىغانلىقى توغرىسىدا توختالدى.
پاكىستاندىكى ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ بۈگۈنكى بۇ پائالىيىتىگە ئىشتىراك قىلىۋاتقان مەمەتجان ئەپەندى پائالىيەت ھەققىدە توختالدى.
ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ خادىملىرىدىن ئەكبەر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ تۈركىيەنىڭ ئى خ خ ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىنىڭ ماددىي ياردىمى بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خەيرى ساخاۋەت پائالىيىتىنىڭ پاكىستاندا يالغۇز ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس، بەلكى يەرلىك خەلقلەرگىمۇ ئورتاق ھالدا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ۋە شۇنداقلا بۇ پائالىيەتنىڭ يەنە بىر قانچە كۈن داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان راۋالپىندىدىكى ئۇيغۇرلاردىن مەمەت تۇرسۇن ئەپەندى ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ بۇ خىلدىكى ساخاۋەت پائالىيىتىدىن پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تولىمۇ مەمنۇن بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
مەلۇم بولۇشىچە، پاكىستاندىكى ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەقپى يېقىندا ئافغانىستاننىڭ مازار شەرىف شەھىرىدە مەخسۇس ئىشخانا تەسىس قىلىپ، ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىنى ئۆگىنىشىگە ۋە ئۇلارنىڭ تۈرلۈك مەدەنىي پائالىيەتلىرىگە ياردەملەردە بولۇشقا باشلىغان.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.