خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش نامى ئاستىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەتلىرى دۇنيادىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغاپ كەلمەكتە.
بۇ ھەقتە چەتئەللەردە ئېلان قىلىنىۋاتقان مۇلاھىزىلەردە بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا تۈرلۈك دىنىي زۇلۇملارنى يۈرگۈزۈشى نەتىجىسىدە كېلىپ چىقىۋاتقان ئاقىۋەتلەرنى دىنىي رادىكاللىققا ئارتىپ قويۇش ئارقىلىق دۇنيانىڭ كۆزىنى بويىماقچى بولۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان دىنىي بېسىم دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە ۋەزىيەت كۆزەتكۈچىلىرى دىققەت قىلىۋاتقان بىر مەسىلە بولۇپ، ھازىر بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنىۋاتقان خەۋەرلەر كۈندىن-كۈنگە كۆپەيمەكتە. «يېڭى كېرالا» ناملىق گېزىتنىڭ خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى يېقىندا ئېلان قىلغان «خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى دۆلەت تېررورىزمى ئاشكارىلانماقتا» ماۋزۇلۇق ماقالە ئەنە شۇلارنىڭ بىرى. ماقالە «باشقا دۆلەتلەر ئۆز ئىچىدىكى رەقىبلىرى بىلەن ئاخبارات ئالدىدا ئوچۇق-ئاشكارا كۈرەش قىلىدۇ، ئەمما خىتاي ئۆزىنىڭ سىياسىي مەسىلىلىرىنى ئۇستىلىق بىلەن يوشۇرۇپ كېلىۋاتقان بىردىن-بىر دۆلەتتۇر» دېگەن جۈملە بىلەن باشلانغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئىشتا قانچىلىك دەرىجىدە ئۇستىلىقى دەل ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ۋەھشىيلىكىنى قانداق يوشۇرۇۋاتقانلىقىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ، دېگەن.
ماقالىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمان تۈركىي مىللەت ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك تۈرلۈك ئېنىقسىز جىنايەتلەر بىلەن قارىلىنىپ تۈرمىگە تاشلىنىۋاتقانلىقى، ھەتتا ئۆتكەن يىلى مايدا 55 كىشىنىڭ ئىنتايىن قەبىھ بولغان ئوچۇق مەيدان سوتى ئارقىلىق نەچچە مىڭ كىشىگە سازايى قىلىنغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى ۋە كادىرلارنى روزى تۇتۇشتىن چەكلەيدىغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادلىرىنى بەجا كەلتۈرۈشىگە چەكلىمە قويۇدىغانلىقى قاتارلىقلارنى بايان قىلىپ ئۆتكەن ۋە مۇنداق دېگەن: «ئىشنىڭ قىزىق يېرى، ھازىر خىتاينىڭ غەربىي رايونى دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ زېمىن ئەسلىدە تارىختا خىتاي ئىمپېراتورلۇقىغا تەۋە ئەمەس ئىدى. خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى 1949- يىلىغا كەلگەندە بۇ زېمىننى مەجبۇرىي ئۆزىگە قوشۇۋالغان. ئۇيغۇرلار بولسا ھازىر ئىسيانچىلار، دەپ ئاتىلىدۇ. خىتاي بۇ يەرنى ئىشغال قىلغاندا ئىنچىكىلىك بىلەن پىلانلاپ تۇرۇپ ھەرىكەت قىلغان، ئۇلار ئالدى بىلەن بۇ زېمىننىڭ نوپۇس ئالاھىدىلىكىنى بۇزۇش ئۈچۈن رايونغا زور مىقداردا خىتاي يۆتكىگەن. ئۇيغۇرلار ئۇلارنى «سىرتتىن كېلىپ، زېمىنىنى مەجبۇرىي بېسىۋالغانلار» دەپ تونۇيدۇ. ئۇيغۇرلار بولسا بۈگۈنكى كۈندە زېمىننىڭ بايلىقلىرىدىن ۋە دۆلەتنىڭ مۇھىم ئاپپاراتلىرىدىن چەتتە قالدۇرۇلماقتا.»
ماقالىنىڭ داۋامىدا، رايوندا خىتايلارنىڭمۇ ئۇيغۇرلارغا ئۆچمەنلىك قىلىدىغانلىقى، ئەمما سانائەت ئۈچۈن سېلىنىۋاتقان مىلياردلارچە دوللار مەبلەغدىن خۇشال ئىكەنلىكى يېزىلغان ۋە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ مۇنازىرىسىنىڭ خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى پەيدا قىلغان زىددىيەتنى يوقىتىش ئۈچۈن يېتەرلىك ئەمەسلىكى ئەسكەرتىلگەن. ئۇنىڭدا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاينىڭ خۇددى تىبەتنى بېسىۋالغاندەك، ئۇيغۇر ئېلىنىمۇ مەجبۇرىي بېسىۋېلىشى ۋە بۇنىڭغا دۇنيانىڭ سۈكۈت ئىچىدە قاراپ تۇرۇشى قوبۇل قىلىش قېيىن بولغان بىر ئەھۋال. ھازىر بۇ رايونلار خىتاينىڭ ئىستراتېگىيىلىك ۋە ئىقتىسادىي پىلانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قوللىنىلماقتا. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ رايوندا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىم سىياسىتىدىن كېلىپ چىققان دېيىشى ھەرگىزمۇ ئورۇنسىز ئەمەس. خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان يىرگىنچلىك سىياسەتلىرىنى ئاز دەپ، ئۇ يەردىكى نارازىلىقلارنى «بۆلگۈنچىلىك»ۋە تېخىمۇ ئېچىنىشلىقى «تېررورلۇق» بىلەن ئەيىبلەۋاتىدۇ. خىتاي شۇنى تونۇپ يېتىشى كېرەك، خىتاي ھەرگىزمۇ دۇنيانى ئۇيغۇرلار بىر قانچە قەبىھ موللىلارنىڭ كەينىگە كىرىپ كاشىلا چىقىرىۋاتىدۇ، دېگەنگە ئىشەندۈرۈپ ئەخمەق قىلالمايدۇ. ھەرگىزمۇ يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى «تېررورلۇق» دەپ كۆرسىتەلمەيدۇ، ئىنسانلارنى جازالاش ئارقىلىق ئۆزلىرى يۈرگۈزۈۋاتقان دۆلەت تېررورلۇقىنى يوشۇرالمايدۇ.»
ماقالە ئاخىرىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى رازى قىلماي تۇرۇپ، ئۇلار بىلەن مۇرەسسەلەشمەي تۇرۇپ، ھەرگىزمۇ تىنچ ھالدا پۈتۈنلىشىشنى، بىرلىكتە ياشاشنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
بۇنىڭدىن سىرت، يېقىندا يەنە «دۇنيا دىن خەۋەرلىرى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەر ماقالىسىدە، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ خىتايدا بارغانسېرى يېيىلىۋاتقان ئىسلام دىنى ۋە خرىستىئان دىنىغا قارىتا باستۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئېلىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ رامزان مەزگىلىدە روزى تۇتۇشىنى چەكلەيدىغانلىقى، بۇ سەۋەبلىك ئۇيغۇر ئېلىدا ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرى يۈز بېرىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان. مەزكۇر ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي كومپارتىيىسى خرىستىئان چېركاۋلىرىغا قەرەللىك ھالدا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئۇنىڭ يېيىلىشىنى چەكلەشكە تىرىشىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتايدا كاتولىك ۋە پروتېستانت دىنىغا ئىشىنىدىغانلار سانى سۈرئەت بىلەن كۆپىيىپ، 1991- يىلىدىكى 8 مىليوندىن ھازىرقى 100 مىليونغا يەتكەن. يەنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق چەكلىمىلىرىگە قارىماي، خىتايدىكى مۇسۇلمانلار ۋە خرىستىئانلار سانى ھازىر ئۈزلۈكسىز كۆپەيمەكتىكەن.