خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىدىن ھەربىي تەلىم-تەربىيە ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
2014.09.22

خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» دۈشەنبە كۈنى خەۋەر ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئىلىدىن چەتئەلگە قېچىپ چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ قايتىپ كېلىپ، خىتايغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ئىراق-شام ئىسلام دۆلىتىدىن«تېررورلۇق تەلىم» ئېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئىلگىرى بەزى تاراتقۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى جىھادچىلارنىڭ سېپىدە ئۇرۇش قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، بىراق بۇ قېتىم خىتاي ھۆكۈمەت ئاخباراتىنىڭ تۇنجى رەت ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى مەزكۇر رادىكال سەلەفىي قوراللىق گۇرۇھنىڭ تەركىبىدە ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ خىتايغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن «تېررورلۇق تەلىمى» ئېلىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلىشىدۇر.
«يەر شارى ۋاقتى گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە ئىسمى ئاشكارىلانمىغان بىر خىتاي «ئانتى تېررورلۇق خادىمى»نىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۇلار تېررورلۇق ماھارىتى ئۆگىنىشنى ئىستەپلا قالماي، ئەمەلىي ئۇرۇشقا قاتنىشىش ئارقىلىق خەلقئارا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى كېڭەيتىپ، جۇڭگوغا قارشى تېررورلۇق ھەرىكەتلەرنى كۈچەيتىش ئۈچۈن قوللاشقا ئېرىشمەكچى بولۇۋاتىدۇ، دېگەن.
كۆزەتكۈچىلەر ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرغانلىقىنى رەت قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى تېررورچىلىق بىلەن ئەيىبلىسىمۇ، بىراق ئىجتىمائىي تەڭسىزلىك، سىياسىي زوراۋانلىق، مەدەنىيەت، تىل، دىنىي جەھەتتىكى باستۇرۇش ئۇيغۇرلارنى رادىكاللىشىشقا، ھەر خىل رادىكال ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، باستۇرۇشقا تاقابىل تۇرۇشقا مەجبۇر قىلغان.
«يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دۆلەتلەر خەلقئارا ئىتتىپاق قۇرۇپ، ئىراق-شام ئىسلام دۆلىتىگە قارشى ھەرىكەتكە ئۆتكەن بىر مەزگىلدە، شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنى ئىراق-شام ئىسلام دۆلىتى سېپىدىن ئورۇن ئېلىش بىلەن ئەيىبلىگەن.
ئامېرىكا خادسون ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى خەن ليەنچاۋ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئۇيغۇرلارنى ئىراق-شام ئىسلام دۆلىتىگە باغلاپ، بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى ناھەق باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى يوللۇق ھەم قانۇنلۇق قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتىدۇ.
ئۇ: ئۇلارنىڭ بۇنداش دېيىشى ۋە بۇنداق قىلىشىدىكى مەقسىتى، بۇرۇنقىغا ئوخشاش 11-سېنتەبىردىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقىنى ئەلقائىدىگە باغلىغاندەك، ھازىر خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتى ئىراق-شام ئىسلام دۆلىتىگە مەركەزلەشتى. ئامېرىكا مەزكۇر ئورگاننى يوقىتىشقا كىرىشپ، ئۇنىڭغا زەربە بېرىشكە باشلىغاندا، خىتاي ئۇيغۇرلارنى ئۇنىڭ بىلەن باغلاپ كۆرسەتتى. بۇ يەردىكى مەقسەت ناھايىتى ئېنىق، يەنى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا زەربە بېرىش، باستۇرۇشىدىن يىراقلاشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ بىگۇناھ پۇقرالارنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى قوللىغۇزۇش. بۇ ئۇلارنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى. مەن ئىراق-شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ جۇڭگوغا تەھدىت پەيدا قىلغانلىقىنى كۆرۈپ يىتەلمىدىم، دېدى.
«يەر شارى ۋاقتى گېزىتى»نىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇرلار ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئىراق ھەم سۈرىيەدىكى ھەرىكىتىگە قاتنىشىپلا قالماي، ئۇلار يەنە ئىسلام دۆلىتىنىڭ شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى شۆبىلىرىنىڭ پائالىيىتىگە قاتناشقان. «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» بۇ پىكرى يېقىندا ھىندونېزىيە دائىرىلىرىنىڭ گۇمانلىق 4 ئۇيغۇرنى قولغا ئېلىپ، ئۇرلارنىڭ ئىراق-شام ئىسلام دۆلىتى بىلەن بولغان ئالاقىسى تەكشۈرۈۋاتقانلىق خەۋىرىگە ئاساسلانغان. ھالبۇكى، ھىندونېزىيە تەرەپ ئۇلارنىڭ ئىراق-شام ئىسلام دۆلىتى بىلەن ئالاقىسى بارلىقىغا دائىر ھېچقانداق پاكىت تېپىلمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق يىپەك يولى مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى دوكتور قاھار باراتنىڭ قارىشىچە، ئىراق-شام ئىسلام دۆلىتى بىر خەلقئارا رادىكال ھەرىكەت. ئۇيغۇرلار بىر مۇسۇلمان خەلق بولۇش سۈپىتىدە بىرەر يېرىم ئادەمنىڭ مەزكۇر ھەرىكەتكە قاتنىشىپ قېلىشى نورمال ئەھۋال. بۇ ھەرگىز پۈتۈن ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ ھەرىكەتكە قاتناشقانلىقىنى ياكى ئۇنى قوللىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ.
قاھار بارات مۇنداق دېدى: خىتاي 11-سېنتەبىردىكى ۋەقەدىن كېيىن، بوز قوزغىغان تېررورلۇققا قارشى كۈرەشكە يوقىلاڭ يەردىن (ئۇيغۇرلارنى) قوشۇۋېلىپ، يوق تېررورنى بار قىلىپ، ئۆزىگە بىرمۇنچە ئىش تېرىۋالدى. ئەگەر بۇ دورەم يەنە ئۇيغۇرنى ئىراق-شام ئىسلام دۆلىتىگە باغلاۋەرسە، چاتاقنىڭ چوڭىنى تاپىدۇ. بۇ تۆھمەتنىڭ ئۈستىگە تۆھمەتنى ئارتىۋەرگەنلىك. ئۇيغۇرلار ئون نەچچە مىليونلۇق بىر خەلق. بىزدە ھازىر يۈز مىڭلاپ ئۇيغۇر ھەممە يەردە يۈرىدۇ. ئۇ مۇسۇلمان خەلق. ھازىر دۇنيادىكى مەيلى ئافغانىستان، مەيلى ئىراق، مەيلى سۈرىيەدە بولسۇن، مۇسۇلمانلار ساپ بىر مىللەت بىر ئىش قىلغىنى يوق. ئىراقتىكى سوقۇشۇۋاتقانلارنىڭ 70% چەتئەللىك پىدائىيلار. بۇنداق ئەھۋالدا 4-5 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ قېلىشى ھېچقانداق ئىش ئەمەس. ئەگەر ئۇنىمۇ تۆھمەت قىلىپ ئارتسا، ئۇ ھالدا ۋەزىيەت تېخىمۇ يامانلىشىدۇ. ئۇ چاغدا بىزگە يەنە بىر يېڭى تۆھمەت قوشۇلىدۇ. بوز قوزغىغان تېررورلۇققا قارشى كۈرەشكە ئۇيغۇرلارنى ئىتتىرىپ ئەكىرىپ، بۇنچىۋالا مەسىلە چىقاردى. ئەمدى ئىراق-شام ئىسلام دۆلىتىگە ئىتتەرسە، ئوخشاش خاتالىق سادىر قىلىدۇ، بەرىبىر ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدۇ.
ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى 20 يىللىق سىياسىتى ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتايلار بىلەن ئورتاق ياشاش ئىمكانلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان. ئۇ مۇنداق دېدى: ئەگەر سەن بىر ئاز سانلىق مىللەتنى باشقۇرىمەن دېسەڭ، ئالغاننى ئاز دەپ، ئۇنىڭ ئۆزىنى ئۇنداق خارلىساڭ ئۇ تۇرمايدۇ. خىتاي مەدەنىيەت جەھەتتىن ئۆز ئالدىغا ئالاھىدە بىر دۆلەت. بۇ دۆلەتتە ئىككىلا يول بار، يا ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ تۈگەيسەن، يا ئايرىلىسەن. باراۋەر ياشاش ئىشى يوق. ئەسلى ئاز سانلىق مىللەتنى باشقۇرىمەن دېسەڭ، سەن خەقتىن ئالغاندىن كېيىن خەققىمۇ بەر. كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز ئۆزبېكىستان، قازاقىستانلارنى رۇسىيە قانداق قىلغانلىقىنى. بىزنىڭكىدە بەك ئىنسانسىزلىق بولۇپ كەتتى، ئەمدى ئۇيغۇر خەلقى چىدىمايدۇ. ئىككىنچى، ئاز سانلىق مىللەت تىلى، دىنى باشقا بىر يات مىللەت. شۇڭا، ئۇلارغا ئەقەللىيسى بىر ھۆرمەت بولۇشى كېرەك. مەن بېسىۋالدىم، دەپ ئۇنداق سەت زومىگەرلىك قىلىپ، ئايروپىلان، تانكا، قۇرۇقلۇق ئارمىيە بىلەن بۇنداق ھۇجۇمغا ئۆتسەڭ، خەلق قانداق چىدايدۇ. ئەمدى خىتايلار بىلەن قانداق بىرگە ياشايدۇ. شۇڭا، ئۇنىڭ ھازىرقى ئىدىيەسىدە بىزنىڭ خىتاي بىلەن ياشىغۇدەك يېرىمىزنى قويمايۋاتىدۇ.
«ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى»دە 19-سېنتەبىر ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى تېررورلۇق ئۇرۇشى ئىسلامغا قارشى ھۇجۇمغا ئايلانغان. ماقالىدە، رامزان ئېيى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن روزا تۇتۇپ، زاكات بېرىدىغان، ئىبادەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاي بولسىمۇ، بىراق بۇ، ئۇيغۇر ئىلىنىڭ جەنۇبىدىكى نۇرغۇن يېزا-بازارلاردا قورقۇش، باستۇرۇش ۋە زوراۋانلىق ئېيىغا ئايلانغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ماقالىدە كۆرسىتىشىچە، «ئۇيغۇر ئىلىدا قارشىلىقنىڭ باشقا شەكىللىرىگە ئىمكانىيەت بولمىغاچقا، دىن رايوندىكى خىتاي ھۆكۈمرانلىقىغا «قارشىلىق قىلىشنىڭ سىمۋولى» بولۇپ قالغان.
خەن ليەنچاۋ ئەپەندى، ئىسلامغا قارىتىلغان بۇ خىل بۇزغۇنچىلىق ئىسلام دۇنياسىنىڭ نارازىلىق ۋە قارشىلىقىنى قوزغايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ: مېنىڭچە، بۇ چوقۇم ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئىنكاسىنى قوزغايدۇ. چۈنكى، سەن پۈتۈن بىر ئىسلام دىنىغا قارا چاپلىساڭ، بۇنىڭ قاتتىق نارازىلىق قوزغايدىغانلىقى چوقۇم. بۇ، چوقۇم مۇسۇلمانلارنىڭ رادىكاللىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ھازىرقى ئۇسۇلى ئىسلام دىنىدىكى بەزى مۆتىۋەر دىنىي زاتلارنىڭ كىشىلەرنى ئىسلام دىنىي قائىدىسىگە ئاساسەن ھەقىقىي يىتەكلىشىگە يول قويمايلا قالماي، قۇرئان كۇرسى ئېچىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دىنىي پائالىيەتلەرنى چەكلەۋاتىدۇ. بىراق دىنىي رادىكاللىقنى زەربە بېرىش ئارقىلىق باستۇرۇش ئۇسۇلى ھەرگىز ياخشى ئۇسۇل ئەمەس. بەلكى، بۇنداق ئۇسۇل دىندارلارنى تېخىمۇ رادىكاللىشىشقا مەجبۇرلايدۇ. بۇ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان بىر ئەھۋال. دىنىي رادىكاللىق مەۋجۇت بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇ زوراۋانلىق قىلمىغۇچە ئۇنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا چېقىلماسلىق كېرەك. شۇنداق قىلغاندا مەسىلىنى دىئالوگ، سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىش ئىمكانىيىتى تۇغۇلىدۇ، دېدى.