سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىدىكى پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇستازى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مەسلىھەتچىسى دوكتور سالىم ئەھمەد ساھابنىڭ قەلىمى بىلەن «شاڭگاڭ مەسىلىسى باشقا» دېگەن تېمىدا سەئۇدى ئەرەبىستاندا چىقىدىغان «ئەل مەدىنە» گېزىتىنىڭ 2014-يىلى12-ئۆكتەبىر سانىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان: «خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلىش، ئۇلارنى باستۇرۇش ۋە ئازابلاش دېگەندەك زۇلۇملىرىنى ئۇزۇن يىللاردىن بىرى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ۋە ئىجتىمائىي ھەق-ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قالغاننىڭ سىرتىدا، ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ئاددىي ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرىدىنمۇ مەھرۇم ياشىماقتا. بىر قانچە يىلدىن بىرى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلەر ۋە قولغا ئېلىنغانلار ئىنتايىن كۆپ. بۇنى ئاز دېگەندەك ئۇلارغا قۇرئان ئۆگىتىش ۋە ئۇنى ساقلاشمۇ مەنئى قىلىنغان. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى رامىزاندا روزا تۇرۇشتىن مەنئى قىلىش ۋە روزا تۇتقانلارنى ھۆكۈمەتكە مەلۇم قىلىشقا زورلاش دېگەندەك زۇلۇملار داۋام قىلىپ كەلمەكتە.»
ئۇيغۇرلار ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا ئۇچرىماقتا
دوكتور سالىم ئەھمەد ساھاب مەزكۇر ماقالىسىدە يەنە مۇنداق دەپ يازغان:«ھەممىگە مەلۇمكى، ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتى شەرقىي تۈركىستان نېفىت قاتارلىق يەر ئاستى بايلىقلىرىغا مول بىر يۇرتتۇر. ئەمما بۇ بايلىقلارنىڭ ھەممىسى بېيجىڭغا كېتىدۇ، ئۇيغۇرلار بولسا، موھتاجلىقتا ياشايدۇ. بۇنى ئاز دەپ يۈز مىڭلارچە خىتاي بۇددىستلىرى بۇ يۇرتقا يۆتكەپ كېلىنگەن بولۇپ، يۇرتنىڭ ئەسلى ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى يېزا-قىشلاقلاردا قالغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارشى ئۆزىنىڭ ئىرقىي ئايرىمىچىلىق سىياسىتىنى ئەنە شۇنداق ۋەھشىي شەكىلدە ئىجرا قىلماقتا. ئەپسۇسكى، ئۇ يەردە بۇ زۇلۇمغا قارشى بىرەر ئاۋاز ياڭرىيالمايدۇ ياكى بىرەر قەلەم تەۋرىتىلمەيدۇ ياكى بىرەر شىكايەت ئاڭلانمايدۇ. ئەمما ئاللاھ تائالا ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر، ئۇنىڭ ئىرادىسى ئەمەلگە ئاشىدۇ.»
بىر دۆلەتتە ئىككى خىل مۇئامىلە
دوكتور سالىم ئەھمەد ساھاب مەزكۇر ماقالىسىدە يەنە مۇنداق دەپ يازغان «ئەمدى شاڭگاڭ مەسىلىسىگە كەلسەك، شاڭگاڭدا بىر قانچە ھەپتە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىش بولدى. بىراق شاڭگاڭ باشقا ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭ ھەيۋىتى بار، خەلقئارادا نامى بار، ئىنگىلىزلارنىڭ كۆڭلىدە ئورنى بار. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقىنى شاڭگاڭدا ئېلىپ بارالمىدى. شاڭگاڭدا 28- سېنتەبىر كۈنى باشلانغان نامايىش باستۇرۇشقا ئۇچرىمىدى، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۇلارغا كۈچ ئىشلەتمىدى. يەنە تېخى نامايىشقا باشچىلىق قىلغان كىشى تېخى 17 ياشقا توشمىغان، ئۆزى تولۇق ئوتتۇرىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، شاڭگاڭ دائىرىلىرى بېيجىڭنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۇنى تۇتقۇن قىلماقچى بولغاندا، شاڭگاڭ خەلقى قوزغالغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى دەرھال قويۇپ بەردى. ئى ئاللاھ! شەرقىي تۈركىستاندىكى بىگۇناھ مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىنتىقامىنى بېيجىڭدىكى زالىملاردىن ئۆزۈڭ ئالغايسەن!»
دوكتور سالىم ئەھمەد ساھاب بۇ ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شاڭگاڭ بىلەن ئۇيغۇر ئېلىغا قارىتا تۇتقان ئوخشاش بولمىغان پوزىتسىيىسىنى ۋە ئىككى خىل مۇئامىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا تىرىشقان. ئوچۇقراق قىلىپ ئېيتقاندا، ماقالە ئاپتورى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ شاڭگاڭ خەلقى ئالەمنىڭ كۆزىدە بولغان، ئىلگىرى ئىنگىلىزلار مۇستەملىكە قىلغان ۋە دۇنيادا تونۇلغان مەشھۇر جاي بولغانلىقتىن، خەلقى ئالەمنىڭ ئەيىبلىشىدىن ياكى مەسىلىنىڭ چوڭىيىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكىنى، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىغا نىسبەتەن بۇنداق بىر ئەنسىرەش ياكى تەپ تارتىش دېگەنلەر بولمىغانلىقتىن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇسۇلمانلارغا خالىغانچە زۇلۇم قىلغانلىقىنى بايان قىلغان.