ياغلىق چىگىشنى چەكلەش ئەمەلىيەتتە ئۆرپ-ئادەتنى چەكلەش

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە زەربە بېرىش ھەرىكىتى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدا چېكىدىن ئاشقان، قانۇنغا خىلاپ، كۆپ خىل شەكىللەردە ئېلىپ بېرىلماقتا.

بۇ خىل چەكلەش ھەتتا ئەرلەرنىڭ ساقال، بۇرۇت قويۇشىنى، قىز، ئاياللارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي يوسۇندا كىيىنىشى ۋە ياغلىق ئارتىشىنى چەكلەشكە قەدەر يەتتى. 22-ماي ئەتىگەندە ئاتۇش 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ قىز ئوقۇغۇچىلىرى نامايىش قىلىپ دەرس تاشلاپ، دائىرىلەرنىڭ ياغلىق ئارتىشنى چەكلەش ھەرىكىتىگە ئېتىراز بىلدۈرگەن. مەزكۇر خەۋەر ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە تارقالغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلاردا جىددىي ئىنكاسلارنى قوزغىماقتا، گەرچە ئاتۇش دائىرىلىرى بۇنداق بىر ۋەقەنىڭ بولغانلىقىنىمۇ ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، ئەمما تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا بۇ ۋەقەنىڭ راست يۈز بەرگەنلىكى دەلىللەندى.

ياغلىق چىگىش ئۇيغۇر قىز، ئاياللار ئۈچۈن مىللىي ئۆرپ-ئادەت، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ناھىيە، يېزىلاردا قىز، ئاياللار بېشىغا ياغلىق ئارتىش ئادىتىنى ھازىرغىچە ساقلاپ كەلگەن، ياغلىق بىر باش كىيىمى سۈپىتىدە كىيىنىش ئادىتىگە سىڭىپ كەتكەن، ئەمما يېقىنقى يىللاردا رايوندا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن كۈچەيتىپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قاتتىق چەكلەش دائىرىسىگە كىرگۈزگەن ياغلىق تۈرلىرى دىنىي تۈستىكى نىقاب، چۈمبەل، ھىسام قاتارلىقلاردىن ھالقىپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئەنە شۇ كىچىكىدىن بېشىدىن ئالماي كېلىۋاتقان باش ياغلىقىمۇ قاتتىق باستۇرۇش چەكلەش ئوبيېكتى بولۇپ قالماقتا. بولۇپمۇ، ئىشچى، خىزمەتچى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياغلىق ئارتىشى قاتتىق چەكلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئۇيغۇر بىز تورىنىڭ 22-ماي خەۋىرىدە كۆرسىتىشىگە قارىغاندا، قىزىلسۇ ئوبلاستلىق بىرىنچى ئوتتۇرا مەكتەپ دائىرىلىرى يېقىندا مەخسۇس ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياغلىق ئارتىشىنى چەكلەش توغرىلىق مەخسۇس بەلگىلىمە چىقارغان، مەزكۇر بەلگىلىمە قىز ئوقۇغۇچىلاردا كۈچلۈك نارازىلىق قوزغىغان، نەتىجىدە 22-ماي ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ دائىرىلىرىنىڭ ياغلىق چەكلىگەنلىكىگە قارشى دەرس تاشلاپ نامايىش قىلغان. مەزكۇر خەۋەر ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق تارالغاندىن كېيىن زور غۇلغۇلا قوزغىدى.

چارشەنبە كۈنى جۇڭگو مۇسۇلمانلار تورىنىڭ مۇنازىرە بېتىدە ئاتۇش 1-ئوتتۇرا مەكتەپتىكى قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ دائىرىلىرىنىڭ ياغلىق چىگىشنى چەكلەشكە دائىر بەلگىلىمىسىگە قارشى نامايىش قىلىپ غەلىبە قىلغانلىقىغا دائىر ئۇچۇر چاپلانغاندىن كېيىن، بۇ ۋەقە خىتايدىكى تۇڭگان قاتارلىق باشقا مۇسۇلمان تور قوللانغۇچىلىرىدىمۇ جىددىي ئىنكاس قوزغىغان، ئۇلار بىردەك، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقى، دىنىي ئەركىنلىكى ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن مىللىي ئۆرپ-ئادەت ۋە دىنىي ئېتىقادىنى قوغداشقا دائىر قانۇنلارنى كۆزگە ئىلماي ئۆز ئالدىغا بەلگىلىمە چىقارغان مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ قانۇنىي جازاغا تارتىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە پىكىر بايان قىلىشقان.

بىز بۇ ۋەقەنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئاتۇش 1-ئوتتۇرا مەكتەپكە كۆپ قېتىم تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، بۇ ھەقتە زىيارەت قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىدى، ئەمما مەكتەپ يېنىدا ئاشخانا ئاچىدىغان بىرەيلەن، ئاتۇش 1-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ ئاشخانىسىدىن تاماق يەيدىغانلىقىنى، قىز ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ياغلىق ئارتىدىغان، ئارتمايدىغانلىرىنىڭمۇ بارلىقىنى، ئوقۇغۇچىلاردىن شۇنداق بىر ۋەقەنىڭ بولغانلىقىنى ئاڭلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز 1-ئوتتۇرا مەكتەپنى باشقۇرۇش دائىرىسىگە ئالغان تەڭرىتاغ يولى ئىش باشقارمىسىغا تېلېفون قىلدۇق، بىر خىتاي خادىم، بۇنداق بىر ۋەقەنى ئاڭلىمىغانلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن، ياغلىق ئارتىشنىڭ رايوندا چەكلەنمەيدىغانلىقىنى تەپسىلىي تەكىتلەپ «18 ياشتىن تۆۋەنلەرنىڭ دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشى چەكلەنسىمۇ، ئەمما ياغلىق ئارتىش چەكلەنمەيدۇ، ئۇ دېگەن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادىتى تۇرسا» دېدى.

ئىلگىرى قەشقەردىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئايال كادىر، دائىرىلەرنىڭ ياغلىق چىگىشنىمۇ چەكلىشىنى زۆرۈرىيەتسىز بىر تەدبىر، دەپ تەنقىد قىلغان ئىدى.

ئەمما، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ياغلىق چەكلەشكە دائىر، يەرلىك تارماقلارنىڭ چىقىرىۋاتقان تۈرلۈك بەلگىلىمىلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي ئۆرپ‏-ئادەتلىرىگە، كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ياغلىق ئارتقان قىز -ئاياللارنى ئاممىۋى سورۇنلارغا كىرگۈزمەسلىك، ئۇلارنى كۆرگەن يەردە مەجبۇرىي ياغلىقىنى ئېلىۋېتىش، جەرىمانە قويۇش ھەتتا تۇتۇپ قېلىشقا ئوخشاش چېكىدىن ئاشقان كەمسىتىش قىلمىشلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى بارغانچە كۈچەيتمەكتە ۋە تۈرلۈك نارازىلىق، قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە سەۋەب بولماقتا.