ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن 2015-يىلى ئۇيغۇر رايونىدا «دىنىي ئاشقۇنلۇق كەيپىياتى كۆرۈنەرلىك يۇمشىغانلىقى» نى 31-دېكابىر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش چاي زىياپىتىدە سۆزلىگەن نۇتقىدا تەكىتلىگەن.
ئۇ، سۆزىدە، ئۆتكەن بىر يىلدىن بۇيان رايوندا «ئەسەبىلىكنى تۈگىتىش چوڭقۇر يولغا قويۇلۇپ، دىنىي ئاشقۇنلۇق كەيپىياتى كۆرۈنەرلىك سۇسلاشتى» دېگەن.
جاڭ چۈنشيەننىڭ سۆزىگە بەزى مۇتەخەسسىسلەر ئىنكاس قايتۇردى. بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، جاڭ چۈنشيەننىڭ سۆزى ئۇيغۇر رايونى ۋەزىيىتىنىڭ نىسپىي كۆرۈنۈشىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئەمما ئۇ كەڭ مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئىپادىلىمەيدۇ.
ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق يىپەك يولى مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «شۈەنزاڭ» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى دوكتور قاھار بارات، خىتاينىڭ قاتتىق دىنىي كونتروللۇقىدا خەلقنىڭ دىنىي ئېتىقادىنىڭ كۆڭلىدە تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
قاھار بارات: بىز باستۇردۇق، سۇسلاشتۇردۇق، دېگەن بىلەن پاكىتقا قاراش كېرەك. 2015-يىلى ھەر تۈرلۈك دىنىي بايراقنى كۆتۈرۈپ چىققان ئىشلار ئاز ئەمەس. مۇشۇنداق بىر يىلنى دىنىي رادىكاللىقنى باستۇرغان ئەڭ ياخشى يىل دېسە، بەك تەتۈر گەپ قىلغان بولىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭكى كۆز ئالدىدىكى كۆرۈنۈشتە خەلقنىڭ دىنىي كۈچىنى باستۇرغان بولسا، ئۇ كۆز ئالدىدا باستۇرۇلغاندەك قىلىدۇ.
لېكىن 60-70 يىللىق تارىخنى سېلىشتۇرۇپ كەلسە پاكىت ئۇنداق ئەمەس. ئۇلارنىڭ سۇسلاشتۇردۇق، دېگىنى ناھىيە -شەھەرلەردە بىر تۇتاش بۇيرۇقلار بىلەن بېسىم قىلىپ، مەسچىتكە بارغۇزماي، روزا تۇتقۇزماي قىلغىنى كۆرۈنۈشتىكى ئەھۋال. لېكىن نېگىزدىن ئۇلارنىڭ ئىسلام دىنىغا بولغان قارشىلىقى، بېسىمى مەۋجۇت تۇرسا، بۇنى خەلق بىلىپ تۇرۇۋاتقان تۇرسا، ئۈنچىلا كۆپ ئەسكەرنى ئەكېلىپ قويسا خەلق جىم ئولتۇرىدۇ شۇ.
ئامېرىكا نيۇ يورك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر پروفېسسورى شيا مىڭ، ھەر قانداق دىنىي ئېتىقاد باستۇرۇلسا ئۇ ئۆزىنى ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەزىيەتنى كونترول قىلالىشى مۇمكىن، ئەمما ئۇ كىشىلەرنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى دىنىي تۇيغۇنى كونترول قىلالمايدۇ، دېدى.
شياڭ مىڭ: ئەگەر بىز جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ 70 يىللىق باستۇرۇشىغا قارىساق، ھەر خىل دىنلارغا ئېتىقاد قىلىدىغان گۇرۇھلار ئازايمىدى، بەلكى كۆپەيدى. ئەگەر ھۆكۈمەت دىنىي گۇرۇھلارنى كونترول قىلىمەن دېسە، ئۇلار ئىزچىل ئۆزىنىڭ ئېتىقاد پائالىيىتىنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، بۇ خىل كونتروللۇقتىن قېچىپ كەلگەن. فالۇنگوڭ بۇنىڭ بىر مىسالى. ئۇلار بۇرۇن ئائىلىلەرنى بىرلىك قىلغان دىنىي گۇرۇھ ئىدى. ھازىر ئۇلار تورلاشقان خەلقئارا گۇرۇھ.
خىتاي بارلىق دىندارلارنى كونترول قىلىپ ئۇرۇنۇپ كەلدى. بۇ ئەلۋەتتە شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۈچىنچىسى، سەن زەربە بېرىشكە ئۇرۇنغان ئۇ دىنلار خەلقئارا دىنلار. بۇددا دىنىي، خرىستىئان دىنىي كاتولىك، ئىسلام ياكى فالۇنگوڭ بۇلارنىڭ ھەممىسى دۇنياۋى دىنلار.
سەن ئۇلارغا قانداق زەربە بەرسەڭ بەر، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دىنىي جامائەتلىرىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتىنى كونترول قىلالىسىمۇ، ئەمما بۇ خىل كونتروللۇق شەكلەن ۋە ئۆز -ئۆزىنى ئالدىغانلىقتۇر،خالاس.
پروفېسسور شيا مىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھەقىقىي ۋەزىيىتىنى يوشۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇنىڭ يېقىندا فرانسىيەلىك ژۇرنالىست ئۇرسۇلا گاۋتيېرنى چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىشى بۇنى كۆرسىتىدۇ، دېدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى 31-دېكابىر فىرانسىيەلىك ژۇرنالىست ئۇرسۇلا گاۋتيېرنى چېگرىدىن قوغلاپ چىقارغان. ئۇرسۇلا گاۋتيېر، 18-سېنتەبىر باي كۆمۈر كان ۋەقەسى ھەققىدە ماقالە يېزىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى خىتاينىڭ قاتتىق قول ئۇيغۇر سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇرسۇلا خانىمنىڭ ماقالىسى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىغان ئىدى.
پروفېسسور شيا مىڭ مۇنداق دەيدۇ: ئەگەر بىز شىنجاڭ ۋەزىيىتىگە قارىساق، ئىككى نۇقتىنى كۆرەلەيمىز. بىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە شىنجاڭ ۋەزىيىتى ياخشىلىنىشقا قاراپ ماڭدى، شىنجاڭنىڭ سىياسىي تۇرمۇشى ناھايىتى مۇقىم، دېگەن قارىشى.
لېكىن چەتئەلنىڭ نۇقتىسىدىن قارىساق، مەسىلەن، فىرانسىيە مۇخبىرىنىڭ نۇقتىئىنەزىرىدىن قارىساق، ناھايىتى ئېگىز-پەس ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. بىز بۇ يەردە سورايدىغان نېگىزلىك مەسىلە شۇ، ئەگەر شىنجاڭ ۋەزىيىتى سەن دېگەندەك ئۇنداق ياخشى بولسا، ئۇنى يوشۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق.
ئەگەر سەن بىر چەتئەللىك مۇخبىرنى شىنجاڭ ۋەزىيىتىگە بولغان قارىشى سەۋەبلىك چېگرىدىن قوغلاپ چىقارغان بولساڭ، دېمەك ئۇ ھەقىقىي ئەھۋالىنى يوشۇرۇۋاتىدۇ، دېگەن گەپ. دېمەك، ئۇنىڭ ئۆزى مەسىلىنىڭ يىلتىزىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇ ھازىر ۋەزىيەتنى پەردازلاپ كۆرسەتسىمۇ، ئەمما مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى ئۇ يەردىكى مەسىلە ئېغىر. لېكىن دوكتور قاھار بارات، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھېچ بولمىسا، تۇڭگانلارغا بەرگەنچىلىك دىنىي ئەركىنلىك بېرىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، «خەلقنىڭ دىنىي زىتىغا تەگكەنلىك بۇ ئەڭ ئېغىر مەسىلە» دېدى.
قاھار بارات: ئۇيغۇرلارنىڭ كۆزى ئېچىلىپ كەتتى. ئۇيغۇرلار ئۆزگەردى. تۇڭگانلار شۇنداق بولۇۋاتقان چېغىدا ئۇيغۇرلار ئۆزگىرىدۇ. بۇ ۋەزىيەتنى بىلىشى كېرەك. مەسىلەن، تۇڭگانلارنى دېسەك ئۇلار بالىلىرىنى پۈتۈنلەي ئەرەب مەكتەپلىرىگە بېرىۋاتىدۇ. نىڭشيالاردا مەسچىتلەر ھازىر ئەرەبچە بولۇۋاتىدۇ. دىن جەھەتتىن شۇنداق قايناپ كېتىۋاتىدۇ. بۇنى ئۇنداق قىلماڭلار دېيەلمەيسەن. مېنىڭچە خىتاينىڭ تۇڭگانلاغا بولغان دىنىي سىياسىتى خېلى غەلىبىلىك سىياسەت.
ئۇيغۇرلارغا تۇڭگانلارچىلىك قىلغان بولسا، تىنچ يۈرۈۋېرەتتى. ھازىرقى ئىش ئۇلارغا قانچىلىك ساقال چىققىنى، ھىجاپ كىيگىنى ئەمەس، ئۇنىڭ بىلەن كارىمىز يوق. ئەمما خەلقنىڭ دىنىي زىتىغا تەگكەنلىك بۇ ئەڭ ئېغىر مەسىلە.
قاھار بارات خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي سىياسىتى ئېغىر تۇراقسىزلىق بارلىقىنى ئەسكەرتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدىكى بارلىق مۇقىمسىزلىق خىتاينىڭ بۇرۇنقى مىللىي سىياسىتىدىن ۋاز كېچىشى بىلەن باشلانغان.
قاھار بارات: بۇلار ھازىر ئۆزلىرى نېمە ئىش قىلىشنى ئۆزلىرى ئۇقمايۋاتىدۇ. بىر تۇرۇپ خۇيخاھلىق قىلىپ باقىدۇ. بولدى، بىز دىنىڭلارغا يول قويدۇق، دەپ يۇمشاپ قالارمىكى، دەپ. ئۇنى قىلاي دېسەك يەنە بۇ خەقنىڭ دىلىدىكى دىنيى نېمىسى باش كۆتۈرۈپ، پارتلاپ كېتىپ بارغان.
ئۇنى باستۇرسا يەنە مۇنداق بولۇۋاتقان. ئىشقىلىپ ئۇيغۇرلارغا بولغان سىياسىتى خىتاينىڭ ئۆز ئىچىدىن ئېلىپ ئېيتساق، بىرىنچىسى ئۇيغۇرلارغا بولغان مىللىي سىياسەتتىن ئۆزلىرى يۈز ئۆرۈدى. ماۋ زېدوڭ، جۇدې تىكلەپ بەرگەن مىللىي سىياسەتكە خائىنلىق قىلدى. چۈ تامادې، دەپ تاشلىۋەتتى. ھەممە ئىش ئاشۇ يەردىن باشلاندى.
جاڭ چۈنشيەننىڭ قەيت قىلىشىچە، 2015-يىلى «ئاكتىپ ھۇجۇم قىلىش، زەربە بېرىش بىلەن مۇداپىئەنى بىرلەشتۈرۈش، زوراۋان تېررورچىلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، يۇقىرى بېسىملىق ۋەزىيەتنى ئىزچىل ساقلاش، ھەر خىل تەدبىرلەرنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈش، جەمئىيەت باشقۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ئىقتىدارىنى داۋاملىق يۇقىرى كۆتۈرۈش نەتىجىسىدە ئومۇمىي ئىجتىمائىي ۋەزىيەت داۋاملىق مۇقىملىقنى ساقلىغان.»
0:00 / 0:00