ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەت ئۈستىدە غەرب مەتبۇئاتلىرىدا نۇرغۇن مۇلاھىزىلەر ئېلان قىلىنماقتا. بەزى مۇلاھىزىلەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى سىرتلارغا قېچىشقا، بولۇپمۇ دىنىي ئەركىنلىكنى ياقا يۇرتلاردىن ئىزدەشكە مەجبۇر قىلىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە قاراتقان چەكلىمە ۋە بېسىملىرىنى قاتمۇ-قات كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ دىننىڭ ئەڭ ئاددىي شەرتلىرىنى ئادا قىلىشىغىمۇ توسالغۇلۇق قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ ساقال قويۇشى، ئاياللارنىڭ ياغلىق چىگىشىنىمۇ دىنىي رادىكاللىقنىڭ ئىپادىسى، دەپ قاراپ بۇ كىشىلەرنى جەرىمانە قويۇش ۋە ھەتتا قولغا ئېلىش بىلەن جازالىدى. يېقىندا يەنە دائىرىلەر «دىنىي رادىكاللىقنىڭ 70 خىل ئالامىتى» نى ئېلان قىلىپ، مۇشۇنداق ئالامەتلەر بايقالغان كىشىلەرنى ساقچى ئورگانلىرىغا مەلۇم قىلىشنى بۇيرۇدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۆيىگە كۆپ مېھمان كېلىدىغانلار، كۆپ نەرسە-كېرەك سېتىۋالىدىغانلار، ئۆيىدە زاپاس يېمەكلىك ساقلايدىغانلار ياكى يەر-جاي، مال-مۈلۈكلىرىنى، قوي-كالىلىرىنى سەۋەبسىز ھالدا سېتىۋېتىدىغانلار ھەممىسى گۇمانلىق دىنىي ئۇنسۇرلار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن ئىدى. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل بەلگىلىمە-سىياسەتلىرىنى كىشىلىك ھوقۇققا قىلىنغان ئېغىر دەپسەندىچىلىك ۋە چېكىدىن ئاشقانلىق، دەپ قارىماقتا.
غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان مانا مۇشۇنداق تۈزۈملەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ رامزان ئايلىرىنى ياقا يۇرتلاردا ئۆتكۈزۈشىگە ياكى بىراقلا يۇرتنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشىگە سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. بۈگۈن، ئامېرىكىدا نەشردىن چىقىدىغان بلۇمبېرگ گېزىتىنىڭ مۇخبىرى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن ئېلىپ بارغان زىيارىتىگە ئاساسەن تەييارلىغان ماقالىسىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرت ئاتلاپ چىقىپ ئىبادەت قىلىشقا مەجبۇر قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئالماتادىكى بىر چوڭ مەسچىتنىڭ ئىمامى ئۇنىڭغا رامزان مەزگىلىدە بۇ مەسچىتنىڭ ئالدىراش بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى، چۈنكى ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلەرنىڭ مەخسۇس رامىزاندا روزا تۇتۇپ، دۇئا قىلىش ئۈچۈن قازاقىستانغا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
مۇخبىر، ئۇيغۇرلارنىڭ پەقەت ئەركىن ھالدا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن مۇشۇنداق كىلومېتىرلارچە يول ئېلىپ، چېگرا ئاتلىشىغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىسلام رادىكاللىرىغا، تېررورلۇققا چېتىۋېلىشىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتى سەۋەبلىك يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىدىكى شىددەت تۈسىنى ئالغان نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكىنى، بىراق قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بولسا دىنىي ئەركىنلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.
ئالماتادىكى بىر ئۇيغۇر مۇخبىرغا قىلغان سۆزىدە، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا تۇغقانلىرى بارلىقى، ئۇلارنىڭ ھال-ئەھۋالىنىڭ ئىنتايىن ياخشىلىقى، بىراق ھەرخىل بېسىم سىياسىتى سەۋەبلىك ئۇلارنىڭ قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىغا ھەۋەس قىلىدىغانلىقى، شۇڭا ھەتتا قازاقىستانغا كۆچۈپ كېلىشنى ئارزۇ قىلىۋاتقانلىقى قاتارلىقلارنى ئېيتقان. بۇ ئۇيغۇر يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ئېلىدا دىننى سىياسىيلاشتۇرۇۋەتكەنلىكىنى، ھەر بىر كىشىنىڭ دىنغا ئىشىنىش ئەركىنلىكىنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئەمەس، ئۆزى تەرىپىدىن بەلگىلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
يەنە بىر ئۇيغۇر بولسا، ئۆزىنىڭ قازاقىستاندىكى نەچچىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى، بىراق شۇنداق تۇرۇقلۇق رۇس ئاغىنىلىرى بىلەن موتسىكلىتلىق ساياھەت قىلىپ ئۇيغۇر ئېلى چېگراسىدىن كىرمەكچى بولغاندا، چېگرا دائىرىلىرى تەرىپىدىن قاتتىق تەكشۈرۈلگەنلىكىنى، بىراق ئۆزى بىلەن بىللە كەلگەن رۇسلارنىڭ تەكشۈرۈلمىگەنلىكىنى، ساقچىلارنىڭ ئۇنىڭ يېنىدىكى لېنتىلارنى بىرمۇ-بىر تەكشۈرۈپ، گۇمانلىق نەرسە تاپالمىغاندىن كېيىن ئاندىن ئۇنى چېگرادىن ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن.
بۇ ھەپتە ئىچىدە غەربلىك كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان يەنە بىر مەسىلە بولسا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سابىق رەئىسى نۇر بەكرىنىڭ بېيجىڭغا يۆتكەپ ئەپ كېتىلىشى بولدى. رويتېرس ئاگېنتلىقى قاتارلىق مەتبۇئاتلار نۇر بەكرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «تارتۇقلانغانلىقى» نى بىلدۈردى. ئۇلار خەۋىرىدە، نۇر بەكرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى رەئىسلىكى ۋەزىپىسىنى ئۆتەش جەريانىدا ئۆزىنىڭ خىتاي كومپارتىيىسىگە قانچىلىك دەرىجىدە سادىقلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەنلىكىنى، بۇ سەۋەبلىك ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشىپ، ئادەتتە بىر ئاز سانلىق مىللەت ئالدىراپ ئېرىشەلمەيدىغان مەنسەپكە ئېرىشكەنلىكىنى بايان قىلغان.
ئۆتكەن ھەپتە نۇر بەكرى خىتاي دۆلەتلىك تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقى، ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن ئىدى. رويتېرس خەۋىرىدە، خىتايدا بۇنداق مۇھىم ئورگانلارنىڭ باشلىقلىرىنىڭ ئاساسەن خىتاي مىللىتىدىن تەيىنلىنىپ كەلگەنلىكىنى، ئەمما نۇر بەكرىگە ئوخشاش بىر ئۇيغۇرنىڭ بۇ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشىنى، ئۇنىڭ سادىقلىقىنىڭ يەنە بىر ئىپادىسى، دېگەن. ئۇلار يەنە، نۇر بەكرىنىڭ بۇ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشى، خىتاي ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدەك بىر مول ئېنېرگىيە مەنبەسىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە مۇھىملىقىنى كۆرسىتىپ بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇندىن كېيىن ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى كونتروللۇقىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدىغانلىقىنىمۇ كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.