خوتەن شەھىرى يۈزىنى ياپقان ئاياللار سانىنى 0 گە چۈشۈرۈش ئۈچۈن چارلاش خادىملىرىنى كۆپەيتمەكچى

0:00 / 0:00

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا قارشىلىق نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھەر قايسى دەرىجىلىك ئورۇنلاردا ئامانلىق كۈچلىرى قوشۇنىنى ھەسسىلەپ زورايتىۋاتقانلىقى مەلۇم.

يېڭى يىل كىرىشى بىلەن خوتەن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى جەمئىيەتتىن بىراقلا 300 نەپەر ئامانلىق قوغدىغۇچى ۋە چارلاش خادىمى قوبۇل قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تارقاتتى، خوتەن ساقچى دائىرىلىرىدىن ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، خوتەن شەھىرىگە كۆپەيتىلىش ئالدىدا تۇرغان بۇ ئامانلىق كۈچلىرىگە دائىرىلەر «خوتەن شەھىرىدە يۈزىنى ياپقان ئاياللار سانىنى 0 گە چۈشۈرۈش» نى ئاساسلىق ۋەزىپە قىلىپ يۈكلىمەكچى ئىكەن.

مەلۇم بولغاندەك يېقىندا لوپ ناھىيىسىنىڭ پارتكوم سېكرېتارلىرىدىن خوتەن شەھىرىنىڭ پارتكوم سېكرېتارلىقىغا يۆتكەپ كېلىنگەن چېن يۇەنخۇا خوتەن شەھىرىدە خىزمەت باشلىشى بىلەن پارتىيە، ھۆكۈمەت كادىرلىرىغا 2014-يىللىق خىزمەت يىغىنى چاقىرىپ، يىغىندا يېقىندا خوتەن شەھىرىگە چارلاش ئاپتوموبىلىدىن 10 نى ئەكەلگەنلىكىنى، بۇلار مەخسۇس ھېجابلانغان، جىلباب كىيىم كىيگەن مۇسۇلمان قىز-ئاياللارنى خالىغانچە تۇتۇپ ئاپىرىپ دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھەمدە ئۇلارنىڭ تېگى-تەكتىنى سۈرۈشتە قىلىپ، بۇنداق كىيىمنى كىيىشكە زادى كىمنىڭ تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە يىل ئاخىرغىچە، خوتەن شەھەر ئىچىدە يۈزىنى يۆگەيدىغان بىرمۇ ئادەم قويمايمەن دەپ سۆزلىگەن.

يېڭى يىل كىرىشى بىلەن بۇ پارتكوم سېكرېتارى خوتەندىكى دوختۇرخانا، ئاممىۋى قاتناش ۋە باشقا ھەر قانداق ئاممىۋى سورۇنلار ۋە ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرىدا بىردەك ھېجابلانغان، جىلباب كىيگەن ئاياللارنى قوبۇل قىلماسلىق، مۇلازىمەت قىلماسلىق ھەمدە بايقىغان ھامان شەخسى ئۇچۇرىنى ئىگىلەپ مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەرگە يەتكۈزۈشنى مەزمۇن قىلغان ئۇقتۇرۇشنى تارقاتقان ئىدى.

خوتەن ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ تورىنىڭ 2-يانۋار تارقاتقان ئۇقتۇرۇشىغا قارىغاندا، خوتەن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى، 2500 سوم مائاش بىلەن 300 نەپەر ئامانلىق خادىمىنى ئىككى ئاي ئىچىدە جىددىي قوبۇل قىلىدىكەن. مەزكۇر خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېلانىدا، تولۇق ئوتتۇرىدىن يۇقىرى سەۋىيىدىكى، 35 ياشتىن تۆۋەن بولۇش شەرتى بىلەن جەمئىيەتتىن ئامانلىق قوغداش ۋە چارلاش خادىملىرى قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

خوتەن ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بىراقلا 300 نەپەر ئامانلىق خادىمىنى كۆپەيتىشىگە سەۋەب بولغان ئامىللارنى سوراپ كۆرۈش ئۈچۈن، ئادەم قوبۇل قىلىش ئېلانىدىكى خوتەن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ نومۇرىغا تېلېفون ئۇلىدۇق، تېلېفوننى ئالغان ساقچى تەپسىلىي ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلدى:

ئۇيغۇر ئېلىدا ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەرنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش باھانىسىدە ھەر دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى ۋە مەھەللە ئىش كومىتېتلىرىغا قوبۇل قىلىنىۋاتقان ساقچى ۋە چارلاش خادىملىرىنىڭ دائىرىلەر تەرىپىدىن ئاساسەن قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى باستۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش باھانىسىدە ئۆي ئاختۇرۇش ۋە كوچا چارلاشقا ئوخشاش ۋەزىپىلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ كوچىلاردىكى ساقال قويغان ئەرلەر ۋە يۈزىنى ياپقان ئاياللارنى مەخسۇس نىشان قىلغان قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىشتا يېڭى خادىملارنى ئىشقا سېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.، خوتەن شەھىرىدىكى ساقچىخانىلاردىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزدىنمۇ، بۇ قېتىم خوتەندە بىر تۇتاش قوبۇل قىلىنىدىغان يېڭى خادىملارنىڭمۇ مەخسۇس يۈزىنى ياپقان ئاياللارنى نىشان قىلغان چارلاشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقى ئاشكارىلاندى، يەنى مەلۇم ساقچىخانىنىڭ بىر ئۇيغۇر ساقچىسى يېڭى قوبۇل قىلىنغانلارنىڭ شەھىرىدىكى 11 ساقچىخانىغا ۋە مەھەللە ئىش باشقۇرۇش ئورۇنلىرىغا تارقاقلاشتۇرۇلۇپ، 24 سائەت نۆۋەتلىشىپ چارلاشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ لوپتىن يۆتكىلىپ كەلگەن شۇجىنىڭ يۈزىنى ياپقان ئاياللار سانىنى 0 چۈشۈرۈش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.