بىز ئۆتكەن قېتىملىق بىر پروگراممىمىزدا خىزمەت گۇرۇپپىسى بىلەن جەنۇبتىكى بىر ۋىلايەتكە بىر يىللىق خىزمەتكە چۈشكەن ئۇيغۇر كادىرى غىياسىدىن ئەپەندىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ بىر يىللىق يېزا خىزمەت ھاياتىدىكى كەچمىشى ۋە تەسىراتلىرىنى ئاڭلىغان ئىدۇق.
شۇ قېتىمقى زىيارىتىمىزدە، ئۇيغۇر يېزىلىرىدا قانداق مەسىلىلەر مەۋجۇت؟ خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر قانداق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدۇ؟ قانداق مەسىلىلەرنى بايقىدى؟ دېگەن سوئاللارغا جاۋاب ئىزدەشكە تىرىشتۇق.
بۈگۈن بىز غىياسىدىن بىلەن بولغان سۆھبىتىمىزنى يەنە داۋاملاشتۇرىمىز. ئۆزىنىڭ ھازىر تۇرۇۋاتقان ئورنىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان غىياسىدىن ئەپەندى جەنۇبىي ئۇيغۇر ئىلىنىڭ بەزى رايونلىرىدا «دىنىي باستۇرۇش شۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنكى، خەلق قورقۇپ، ئۆيىدىكى مۇقەددەس دىنىي كىتابلارنى كۆيدۈرۈشكە مەجبۇر بولۇۋاتىدۇ» دېدى.
تۆۋەندە دىققىتىڭلار مۇخبىرىمىز ئەركىننىڭ غىياسىدىن بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە بولسۇن.