خىتاينىڭ قەشقەر ۋە خوتەندە دىنىي تەربىيە كۆرگەنلەرنى نۇقتىلىق كۆزىتىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى

0:00 / 0:00

ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرى رادىيومىزغا يوللىغان مەكتۇپتا، شاياردا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەسىلە تاپشۇرۇش ھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرلىكتە، 6 تۈرلۈك كىشىلەرنى مەسىلە تاپشۇرۇشقا نۇقتىلىق قىستاۋاتقانلىقى ۋە ئۇلاردىن 39 خىل سوئال سورىلىۋاتقانلىقى يېزىلغان ئىدى.

مەكتۇپتا دېيىلىشىچە، بۇ ئالتە خىل كىشىلەر، ئايال مېيىت يۇغۇچىلار، قەشقەر ۋە خوتەندە دىنىي تەلىم كۆرگەنلەر، ۋەزىپىسى يوق، ئەمما دىنىي بىلىمى بار تالىپلار، قاتتىق زەربە بېرىشتە ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى جازالانغانلار قاتارلىقلاردۇر.

كۇچادا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىر ساقچى خادىمى، مەكتۇپتا دېيىلگەن يۇقىرىقى ئەھۋاللارنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللىدى.

ئەينى يىللاردا ئۇيغۇر رايونىدا، كېيىن مىسىردا ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا دىنىي تەھسىل كۆرگەن ئۇيغۇر پائالىيەتچى، ياۋروپا شەرقى تۈركىستان بىرلىكىنىڭ رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى قەشقەر ۋە خوتەندە دىنىي تەلىم كۆرۈشنىڭ ئۆزگىچىلىكلىرى ھەققىدە ۋە خىتاينىڭ تۇردىكى كىشىلەردىن ئەندىشە قىلىشىنىڭ سەۋەبلىرى ئۈستىدە توختالدى.

يۇقىرىدا قەشقەر ۋە خوتەندە دىنىي تەلىم كۆرگەنلەرنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن نۇقتىلىق كۆزىتىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.