4-مارت كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن «خىتايدا ئەۋج ئېلىۋاتقان زور كۆلەملىك دىنىي زىيانكەشلىك» تېمىسىدىكى يىغىنغا «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك يۇمىلاق ئۈستىلى» نىڭ رەئىسى گرېگ مىشېل رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن سۆز ئېلىپ، خىتايدىكى دىنىي ئېتىقادنىڭ ئۆتكەن نەچچە ئون يىل مابەينىدە ئىزچىل تۈردە ئوخشىمىغان دەرىجىدە تەقىبلەرگە دۇچ كەلگەنلىكىنى، ئەمما نۆۋەتتىكى دىنىي باستۇرۇش ھەرىكىتىنى خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالغاندىن بۇيانقى ئەڭ قەبىھ باسقۇچ، دەپ قاراشقا بولىدىغانلىقىنى، چۈنكى ھازىر دىنىي ئېتىقادى بولغانلىكى كىشىلەرنىڭ لاگېرلارغا، تۈرمىلەرگە ياكى باشقا يىغىۋېلىش ئورۇنلىرىغا قامىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بۇ جايدا تۈرلۈك قىيناش ۋە ئۆلۈمگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.
يىغىندا ئامېرىكانىڭ خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئىشلىرى بويىچە باش ئەلچىسى سام بروۋنبەك سۆز ئېلىپ خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىك ساھەسىدە مىسلىسىز قاتتىق بولغان كونتروللۇقنى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ يالغۇز خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىغىلا ئەمەس، يەنە خەلقئارالىق ئەھدىنامىلەرگىمۇ خىلاپ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى. ئۇ يەنە خەلقئارا جەمئىيەتنى بۇ خىل زۇلۇمنى كۆزىتىشكە ۋە بۇ ھەقتە پىكىر قىلىشقا چاقىردى. ئارقىدىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزالىرىدىن جىم مەكگوۋېرن سۆز قىلىپ، خۇددى مۇشۇ قېتىمقى يىغىندا مەدەنىيەت تەركىبى، مىللىي تەركىبى ۋە مەۋقەسى ئوخشاش بولمىغان دىنىي جامائەتنىڭ ۋەكىللىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئورتاق ھالدا زۇلۇمغا قارشى ئوتتۇرىغا چىققاندەك قانچە كۆپ كۈچ ئوتتۇرىغا چىقىپ ئورتاق مەقسەت ئۈچۈن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلسا بۇنىڭ خىتاي پەيدا قىلىۋاتقان زۇلۇملارنى چەكلەشتە زور ئۈنۈمى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇ يىغىن ئەھلىگە، ئەزەلدىن «ئۇلۇغ مەملىكەت» سىياقىدا تۇيۇلۇپ كەلگەن خىتاي دۆلىتىنىڭ ھازىر ساقچى دۆلىتى بەرپا قىلىش ئارقىلىق پۈتكۈل جەمئىيەتتە ۋەھىمە پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ماھىيەتتە بۇ «ئۇلۇغ» مەملىكەتنىڭ نەقەدەر «ئاجىز» ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ، سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى جون كېننېدىينىڭ: «ئۆز خەلقىنىڭ ئاشكارا ھالدا ھەقىقەت ۋە سەپسەتىگە ھۆكۈم قىلىشىدىن ۋايىم يەيدىغان دۆلەت ماھىيەتتە ئۆز خەلقىدىن قورقىدىغان دۆلەتتۇر» دېگەن سۆزىنى نەقىل كەلتۈردى ھەمدە بۇنى خىتايغا تەتبىقلاشقا بولىدىغانلىقىنى ئىشارە قىلدى.
بۇ قېتىمقى يىغىننى تەشكىللىگەن ئورۇنلارنىڭ بىرى بولغان «خىتاي پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن ليەنچاۋ مۇنبەردىن ئورۇن ئېلىپ، خىتايدىكى دىنىي زۇلۇمنى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا دىنىي جامائەتنىڭ ھازىرقى قىسمەتلىرىدىن روشەن كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.
بولۇپمۇ ئۇ خىتاي دۆلىتىنىڭ ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدىكى يۇقىرى تېخنىكالىق نازارەت سىستېمىسى ئارقىلىق ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ 24 سائەتلىك ئىش-پائالىيىتىنى كۆزىتىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ رازىمەنلىكى بولمىغان ئەھۋالدا ئۇلارنىڭ بارلىق بىئولوگىيەلىك ئەۋرىشكىلىرىنى توپلاپ بولغانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ، بىر قىسىم ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتايغا سېتىپ بەرگەن يۇقىرى تېخنىكالىق ئۈسكۈنىلىرىنىڭ بۇنىڭدا زور رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
خەن ليەنچاۋ يەنە ئىنسان ھەقلىرى ساھەسىدىكى ئوتتۇز نەچچە تەشكىلات بىرلىكتە ئىمزا قويۇپ ئامېرىكا سودا مىنىستىرى ۋىلبۇر روس ئەپەندىگە مەكتۇپ يوللىغانلىقىنى، بۇ مەكتۇپتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى زور تۇتقۇن ۋە باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكى، شۇ سەۋەبتىن بىر قىسىم ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ بۇ جايدىكى زىيانكەشلىككە شېرىك بولۇپ قېلىشىنى چەكلەش تەلەپ قىلىنغانلىقىنى، سودا مىنىستىرى بولغان روس ئەپەندىنى بۇ جەھەتتە ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە دەۋەت قىلغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.
يىغىننىڭ سوئال-جاۋاب بۆلىكىدە يىغىن مەيدانىدىكى مۇخبىرلار ۋە ھەر ساھەدىن كەلگەن كىشىلەر خىتايدىكى دىنىي زۇلۇمغا دائىر ئەھۋاللار ھەققىدە سوئال سورىدى. ئامېرىكانىڭ خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئىشلىرىدىكى باش ئەلچىسى سام بروۋنبەك ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزاسى جىم مەكگوۋېرن بۇ سوئاللارغا تېگىشلىك جاۋابلارنى بەردى. سوئاللارنىڭ كۆپىنچىسى يەنىلا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەت ھەققىدە بولدى. شۇ قاتاردا ئوتتۇرىغا چۈشكەن سوئاللارنىڭ بىرى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلمايۋاتقانلىقىنى، ئەكسىچە كەسپىي تەربىيەلەش مەكتەپلىرىدە ئوقۇتۇپ ئۇلارغا ھۈنەر-تېخنىكا ئۆگىتىۋاتقانلىقىنى، بۇ ‹مەكتەپ›لەرنىڭ قانداقتۇر لاگېر ياكى قىيناش ئورنى ئەمەسلىكىنى تەكىتلەۋاتىدۇ. سىز بۇنىڭغا نېمە دەيسىز؟» دە دەپ سورالدى.
جىم مەكگوۋېرن بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇ جايدا نېمىلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقىدىن تولۇق خەۋەردار ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق يالغان-ياۋىداقلارنى توقۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇنىڭ رېئاللىقنى ئۆزگەرتەلمەيدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇنداق تەشۋىقاتلىرىنىڭ ھېچكىمنى ئالدىيالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. سام بروۋنبەك بۇنىڭغا قوشۇمچە قىلىپ ئۆتكەن جۈمە كۈنىدىكى ب د ت يىغىنىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى خۇددى مۇشۇ گەپلەرنى ئەينەن تەكرارلىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ دەرھاللا تۇتقۇن قىلىنغان ۋە غايىب بولغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئىسىملىكىدىن بىر قاتار كىشىلەرنى تاللاپ ‹ئەگەر بۇ كىشىلەر ئاشۇ كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپىگە ئېلىپ كېتىلگەن بولسا ماڭا بۇلارنىڭ ھازىر قايسى مەكتەپتە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىڭلار› دېگەنلىكىنى، ئەمما خىتاي ۋەكىللەرنىڭ ھازىرغىچە بۇنىڭغا جاۋاب بەرمىگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى.
يىغىننىڭ ئىككىنچى بۆلىكىدە بىر قىسىم گۇۋاھچىلار ئۆزلىرى شاھىت بولغان كەچمىشلەر ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي زىيانكەشلىكىنى جانلىق بايان قىلىپ بەردى. شۇ قاتاردا ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى» نىڭ مۇدىرى ئۆمەر قانات ۋە ئۇيغۇر كارخانىچىلار تورىنىڭ قۇرغۇچىسى قۇززات ئالتاي بىرلىكتە سۆزگە چىقتى.
ئۆمەر قانات سۆزىدە نۇقتىلىق قىلىپ لاگېرلاردىكى مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتى، جىسمانىي قىيناش ھەققىدە ئىخچام مىساللارنى كەلتۈرۈپ، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى «ۋاشىنگتون پوچتىسى» ۋە باشقا داڭلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاللىقاچان «ئۇيغۇرلارغا قارشى زور كۆلەملىك مەدەنىيەت ۋە ئىرقىي تازىلاش» دەپ يەكۈن چىقىرىپ بولغانلىقىنى، تارىختا سېسىق نامى پۇر كەتكەن سوۋېتچە شەكىلدىكى گۇلاگلارنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدا كۆپلەپ قۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن «ھەرگىز قايتىلانمىسۇن» دەپ ئاتالغان قاباھەتلىك تارىخنىڭ ئاللىقاچان يېڭىۋاشتىن باشلىنىپ بولغانلىقىنى، ئەمدىلىكتە بۇ ئىشلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قاراپ يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ: «مەيلى دۆلەتلەر بولسۇن ياكى تەشكىلاتلار بولسۇن ئەمدىلىكتە رەسمىي ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتىدىغان پەيت كەلدى» دەپ كۆرسەتتى.
ئۆمەر قانات بىلەن بىرگە سۆزگە چىققان قۇززات ئالتاي دادىسىنىڭ رەسىمىنى كۆرسەتكىنىچە ئۆزىنىڭ شەخسىي كەچۈرمىشلىرىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا ھازىر مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلارغا قامىلىۋاتقانلىقىنى، پۈتكۈل ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «خەلق مەيدانى» نىڭ بوشاپ قالغانلىقىنى، بۇ جايلارنى ئاۋات قىلىپ كەلگەن كىشىلەرنىڭ ھازىر بىردەك قاماقتا ئىكەنلىكى، بۇ ئىنسانلار ئارىسىدا ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ مۇدىرلىرى، تەبىئىي پەنلەرنىڭ پروفېسسور ۋە دوكتورلىرى بارلىقىنى، بۇ كىشىلەرنىڭ ھېچقانداق «كەسپىي تەربىيە» گە ياكى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا موھتاج ئەمەسلىكىنى، ئەمدىلىكتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «پىلانلىق تۇغۇت» سىياسىتى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئايال جىنسى كەم بولۇشتەك ئەھۋالنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھىمايىسىز قالغان قىز-ئاياللىرىنى خىتاي كۆچمەنلىرىگە مەجبۇرلاپ تويلاشتۇرۇش ئارقىلىق تولدۇرۇۋاتقانلىقىنى، لاگېر ۋەھىمىسىنىڭ بۇ ئىشلار ئۈچۈن ئالتۇندەك پۇرسەت بولۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق لاگېرلار مەسىلىسىنىڭ يەنە بىر تەرىپىنى يىغىن ئەھلىگە تەسۋىرلەپ بەردى.
يىغىندا يەنە فالۇنگوڭچىلار، خىتاي خىرىستىيانلىرى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇشىغا ھەمدەمدە بولغان سابىق ساقچى خادىمى قاتارلىقلار دىنىي زىيانكەشلىكنىڭ كۆپلىگەن شەكىللىرىنى ئۆز كەچمىشلىرى ئاساسىدا بايان قىلىپ بەردى. يىغىن ئارىلىقىدا بىز ئاۋام پالاتا ئەزاسى جىم مەكگوۋېرننى ئايرىم زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭدىن ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قەدەر كۆڭۈل بۆلۈشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە سورىدۇق. ئۇ بۇ ھەقتە جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بىز ھىمايە قىلىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى ئۈچۈن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىشى لازىم، دەپ قارايمەن. نېمىشقا دېسىڭىز بىزنىڭ دۆلىتىمىز بولغان ئامېرىكا ئەنە شۇنداق بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشى سەۋەبلىك دۇنياغا ئاپىرىدە بولغان. ئاشۇ كىشىلەر ھۆرلۈك ئىزدەش ۋە ئۆزلىرى ئەگەشكەن ئېتىقادلارنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن بۇ دۆلەتنى قۇرۇپ چىققان. مانا بۇ بىزنىڭ ئەسلىدە قانداق ئىنسانلار ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ھەقىقەتلەردۇر. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ياكى باشقا مەملىكەتلەر بولسۇن ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلىدىكەن، بىزنىڭ بۇنىڭغا قارىتا ئۆزىمىزنىڭ ئوخشىمايدىغان قاراشلىرىمىزنى ئىپادىلەش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ. شۇڭا ئىنسان ھەقلىرى ئامېرىكا ئۈچۈن ھەرقاچان بىر مۇھىم تېما بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئەمدى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى نېمە ئۈچۈن ئامېرىكىغا نىسبەتەن مۇھىم بولۇپ قالدى دېسىڭىز، بىزنىڭ بۇ جايدا ئۇيغۇر جامائىتى ياشايدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ھازىر ئۆزلىرىنىڭ خىتايدا قالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن زور پەرىشانلىققا مۇپتىلا بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا بىزنىڭ قىلىۋاتقانلىرىمىز پۈتۈنلەي قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ئىشلاردۇر. تېخىمۇ مۇھىمى، باشقىلار زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقاندا ئامېرىكىدىكى ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئاشۇ كىشىلەرنى ئىنسان، دەپ ئويلايدىغان ھەرقانداق كىشى بۇ ھەقتە سۆز قىلىشى لازىم. بۇنداق ۋاقىتتا سۈكۈت قىلىۋېلىش ئوغرىغا ھەمدەمدە بولغانغا باراۋەر قىلمىشتۇر».
بۇ قېتىمقى يىغىن ئارقىلىق ھەر ساھە كىشىلىرىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي زىيانكەشلىك قىلمىشىنىڭ ئەھۋالى ھەمدە بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق بەدەللەرنى تۆلەۋاتقانلىقى ھەققىدە جانلىق مەلۇماتلار بېرىلدى. شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ھازىر قانداق خەتەرلىك باسقۇچقا يۈزلىنىۋاتقانلىقى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگىمۇ يەنە بىر قېتىم ۋاسىتىلىك ھالدا بىلدۈرۈلدى.
0:00 / 0:00