تەشۋىقات چېمپىيونى نىزام نەجىۋۇللا: گەپتە بىرئاز ئاشۇرۇۋەتتىم قورقۇنچ بىلەن...

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئۆتكەن ھەپتە نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرۇپ، بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئاتالمىش دىنىي ئەسەبىيلىك ھەققىدە سۆزلەتكەن ئىدى ۋە بۇلارنى باھالاپ بىر قىسمىنى مۇكاپاتلىغان ئىدى.

مۇخبىرىمىز بۈگۈن بۇلاردىن تەشۋىقات چېمپىيونى نىزام نەجىۋۇللانى زىيارەت قىلدى. ئۇ سۆزىدە شۇ كۈنكى نۇتقىدا بەزى سۆزلەرنى ئاشۇرۇۋەتكەنلىكىنى، بولۇپمۇ تەرەققىيات ۋە ئادالەت ھەققىدىكى بايانلىرىنىڭ رېئاللىققا ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.

پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.