خوتەن لاسكۇيدا خىتايپەرەس سېكرېتارنى پىچاق تىقىپ يارىلاندۇرغان ئىككى گۇماندار ئىزدەلمەكتە

0:00 / 0:00

ئۆتكەن ھەپتە ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرى رادىئومىزغا ئىنكاس يوللاپ خوتەننىڭ لاسكۇي يېزا ئارغول كەنتىدە پەرەنجىلىك بىر ئايالنى ئۆيىگىچە قوغلاپ بارغان ئىككى نەپەر خادىمنى ئايالنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىنىڭ پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرگەنلىكى، نەتىجىدە خوتەن لاسكويدا خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى پاش قىلغان ئىدى.

مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن ئەھۋال ئىگىلەشلىرى داۋامىدا، لاسكۇينىڭ بوستان كەنتىنىڭ سېكرېتارى مەتتۇداخۇننىڭ ئۆتكەن دۈشەنبە كۈنى ئىككى ئىككى گۇماندار تەرىپىدىن پىچاق تىقىپ يارىلاندۇرۇلغانلىق ۋەقەسى ئاشكارىلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ئىككى نەپەر گۇمانداردىن بىرى 19 ياشلىق يارمەمەت ئابدۇللا بولۇپ، تۇتۇش بۇيرۇقىدا گۇماندارلارنى تۇتۇپ بەرگۈچىلەرگە 100مىڭ يۈەندىن 200مىڭ يۈەنگە قەدەر مۇكاپات بېرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. مۇكاپاتنىڭ سوممىسىنىڭ زورلۇقى ۋەقەنىڭ خاراكتېرىنى جىددىي ۋە سەزگۈرلۈكىدىن بېشارەت بەرمەكتە.

1
سوئال: بۇ لاسكۇيدىكى بىر ئوينىڭ تېلېفونىمۇ؟
جاۋاب: شۇنداق.
سوئال: بۇ يېزىدا ئەڭ يېقىندا يۈز بەرگەن ۋەقە نېمە ۋەقە؟
جاۋاب: تەپسىلاتنى ئۇقمىدۇق. يولدا دەرەخكە چاپلاپ قويغان تۇتۇش بۇيرۇقىنى كۆردۇق.
سوئال: تۇتۇش بۇيرۇقىدا نېمە دېيىلىپتۇ؟
جاۋاب: تۇتۇپ بەرگۈچىلەرگە 100مىڭ يۈەندىن 200مىڭ يۈەنگىچە مۇكاپات بېرىمىز دەپتۇ.
سوئال: تۇتۇلماقچى بولغانلار كىم بالىلار ئىكەن؟
جاۋاب: 6-دادۈيلىك (چېكىبۇلۇڭ كەنتلىك) بالىلاركەن، 19-20 ياشلىق بالىلار.
سوئال: قىلغان ئىشى نېمە ئىكەن ئۇ بالىلارنىڭ؟
جاۋاب: مەتتۇداخۇن سېكرېتارنى پىچاق تىقىپ يارىلاندۇرۇپ قويۇپتۇ.
سوئال: سېكرېتار قەيەردە ھۇجۇمغا ئۇچراپتۇ؟
جاۋاب: دادۈينىڭ ئالدىدا ھۇجۇمغا ئۇچراپتۇ دەپ ئاڭلىدۇق.
سوئال: نېمە ئۈچۈن ھۇجۇمغا ئۇچراپتۇ؟
جاۋاب: ھازىر خوتەن ۋىلايىتىدە روپاشلارنى تەكشۈرۈش بولۇۋاتىدۇ، شۇنىڭغا چېتىشلىق بىر ئىش ئوخشايدۇ.

2
سوئال: لاسكۇيدا يۈز بەرگەن ۋەقە ھەققىدە نېمىلەرنى ئاڭلىدىڭىز؟
جاۋاب: ئۇ كۈنى كوچىغا چىقسام ھەر يەردە ساقچىلار يول توسۇپ تۇرۇپتۇ، ساقچى ماشىنىلىرى چىقىرىشىپ يۈرىدۇ، كىشىلەردىن نېمە بولدى دەپ سورىسام، 5-دادۈينىڭ ( بوستان كەنتىنىڭ) سېكرېتارنى يارىلاندۇرۇپ دېدى. ئەتىسى ئاڭلىسام، سېكرېتار مەتتۇداخۇن شەھەرلىك دوختۇرخانىدا ئىكەن. ئىككى كۈندىن بېرى ناھىيە-ۋىلايەتتىن كادىرلار چىقىپ يىغىن ئېچىۋاتىدۇ، بۇنداق ئىش چىقارماڭلار ئۆزۈڭلارنى ۋەيران قىلىسىلەر دەپ تەربىيە بېرىۋاتىدۇ.
سوئال: گۇماندارلار كىملەر ئىكەن، تۇتۇلۇپتىمۇ؟
جاۋاب: تۇتۇش بۇيرۇقىنى كۆردۈم، ئىككى گۇماندار 16 ۋە 19 ياشلىق بالا ئىكەن، 19 ياشلىقىنىڭ ئىسمى يارمەمەت ئابدۇللا، ئىكەن يەنە بىرسىنىڭ كىملىكىنى بىلمىدىم. گۇماندارلارنى تېخى ئىزدەۋاتىدۇ.

يۇقىرىقى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، لاسكۇينىڭ بوستان كەنتىنىڭ سېكرېتارى مەتتۇداخۇن مۇشۇ ئاينىڭ 14-كۈنى يەنى دۈشەنبە كۈنى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان. ئۇ نۆۋەتتە خوتەن شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا داۋالانماقتا. ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدىن گەرچە مەتتۇداخۇننىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش سەۋەبى ئايدىڭلاشمىغان بولسىمۇ، ئەمما يېزىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى جۈملىدىن چىقىرىلغان تۇتۇش بۇيرۇقى ۋەقەنىڭ ئاددىيلا بىر جىنايى ئىشلار ۋەقەسى بولماستىن، بەلكى سىياسىي بىر ۋەقە ئىكەنلىكى، گۇماندارلارنىڭ خىتاينىڭ دىنىي ساھەدىكى چەكلىمىرىگە قارشى مەزكۇر ۋەقەنى سادىر قىلغانلىقى ئېھتىمالغا يېقىن كۆرۈلمەكتە.

رادىومىزغا كەلگەن ئىنكاستا، لاسكويدا يۈز بەرگەن ۋەقەدە ئىككى نەپەر ياردەمچى ساقچىنىڭ پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، ۋەقەنىڭ لاسكۇينىڭ ئارغول كەنتىدە يۈز بەرگەنلىكى بايان قىلىنغان ئىدى. ئىنكاستا ئارغول كەنتىدە يۈز بەردى دېيىلگەن بۇ ۋەقەنىڭ بۈگۈن بىز ئېنىقلىغان بوستان كەنتىدىكى ۋەقە بىلەن بىر ۋەقە ياكى ئەمەسلىكى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.