غۇلجا شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ياش تۇرسۇن مەمەت نىياز، بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئاۋۋال قولغا ئېلىنغان ۋە سوتلانغان. ئۇ مەزكۇر ئائىلىدىن سىياسىي ياكى دىنىي سەۋەبلىك قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان 2-كىشى. تۇرسۇن مەمەت 2 يىل 2 ئايدىن بۇيان تۈرمىدە يېتىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئائىلىسى ئۇنىڭ قانچە يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىدىن خەۋەرسىز. چۈنكى، سوت ھۆكۈمى ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ئۇقتۇرۇلمىغان.
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، سوت ھۆكۈمىنى مەھبۇسنىڭ ئائىلىسىگە ئۇقتۇرماسلىق «قانۇنسىزلىق». تۇرسۇن مەمەتنىڭ ئانىسى ئايشەم ھەدە زىيارىتىمىزنىڭ قوبۇل قىلىپ، تۈرمىدىكى ئىككى ئوغلىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە توختالدى. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، تۇرسۇن مەمەت كىشىلەرنى ياخشىلىققا دەۋەت قىلىشتىن باشقا، قانۇنغا خىلاپ ھېچقانداق ئىش قىلمىغان.
ئايشەم ھەدە ۋە مەرھۇم نىياز ئاكىنىڭ تۈرمە بىلەن تۇنجى تونۇشۇشى بۇنىڭدىن 6 يىل ئاۋۋال باشلانغان. 2008-يىلى ئۇلارنىڭ 2-ئوغلى غوجا ئەخمەت «سىياسىي جىنايەت» بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان ۋە 6 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. ھالبۇكى، جازا مۇددىتىنى قارا شەھەردىكى بىر تۈرمىدە ئۆتەۋاتقان غوجا ئەخمەتنىڭ تېزرەك تۈرمىدىن چىقىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈپ تۇرغان ئايشەم ھەدە ۋە مەرھۇم نىياز ئاكىنى 2012- يىلى يەنە پېشكەللىك باستى. بۇ قېتىم دائىرىلەر ئۇلارنىڭ 2- ئوغلى تۇرسۇن مەمەتنى «قانۇنسىز دىنىي تەبلىغ» قا قاتناشقانلىق بىلەن قولغا ئېلىپ قاماققا مەھكۇم قىلغان.
ئايشەم ھەدە: تۈرمىدىكى تۇرسۇن مەمەت ۋە غوجا ئەخمەت، دېگەن ئوغۇللىرىم. بىرى، قاراشەھەر بايىنغولىن تۈرمىسىدە 6 يىل بولدى، مۇشۇ 6-ئايدا توشىدۇ.
مۇخبىر: قاراشەھەر تۈرمىسىدىكى 6 يىل بولغان قايسى ئوغلىڭىز؟
ئايشەم ھەدە: غوجا ئەخمەت دېگەن ئوغلۇم. يەنە بىرى توققۇزتارادا تۈرمىدە. ئىككى يىل 2 ئاي بولدى، كۆرسەتمەيدۇ.
مۇخبىر: غوجا ئەخمەتكە 6 يىل بوپتۇ، نېمە سەۋەبتىن كەستى؟ دىنىي مەسىلىگە باغلىدىمۇ ياكى سىياسىي مەسىلىگە؟
ئايشەم ھەدە: سىياسىي، سىياسىي مەسىلىگە باغلىدى.
مۇخبىر: نېمە دەپ ئەيىبلىدى ئۇنى، سوتلىدىمۇ؟
ئايشەم ھەدە: ھەئە، سوتلاپ 6 يىل كەستى.
مۇخبىر: سوتقا قاتناشتىڭىزمۇ سىز؟
ئايشەم ھەدە: 6 يىل كەسكەن بالامنىڭ سوتىغا بارغان. سوتقا بارغاندا ئىشقىلىپ نېمە دېدىكىن تاڭ، كاللاممۇ 70 نەچچىگە كىرىپ قالغاندا تۇتۇۋالالمايدىكەن. بۇ بالىلارنىڭ ئىدىيىسىگە قارىسىڭىز ئۇنداق ئىشلار قىلىدىغاندەك ئەمەس. لېكىن ھۆكۈمەت ئاشۇنداق دەيدىكەنغۇ-تاڭەي!
مۇخبىر: بۇ يىل توشىدىكەن-دە 6 يىل كەسكەن بولسا؟
ئايشەم ھەدە: بۇ يىل 6-ئايدا 6 يىل توشىدۇ.
مۇخبىر: ۋاقتى توشقاندىن كېيىن قويۇپ بېرەر؟
ئايشەم ھەدە 6: يىللىق دېگەن. مۇشۇ 6- ئايدا توشىدىغۇ، ئەمدى.
مۇخبىر 6: يىلدىن بۇيان بېرىپ يوقلاپ باقتىڭىزمۇ تۈرمىگە؟
ئايشەم ھەدە: شۇ ھەر يىلى 9-ئاي، 8-ئايدا بىر قېتىم بارالايمەن.
مۇخبىر: ئۆزىنىڭ ئۇ يەردىكى ئەھۋالى قانداق؟
ئايشەم ھەدە: سالامەتلىكى دەسلەپتە بارسام بەك ناچار ئىدى. كېيىنچە كىچىككىنە ئوڭشىلىپ قاپتىكەن. ئۆزى ئۆگىنىپ قالدىمۇ ياكى كىچىككىنە نېمە قىلدىمۇ، ئەمدى. لېكىن شۇنداق بولسىمۇ ئۆيدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئۆيدىكىدەك بولمايدىكەنغۇ. مۇخبىر: نەرسە-كېرەك ئاپارساڭلار ئالامدۇ؟
ئايشەم ھەدە: ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا مايكا، چۇخەي قاتارلىق نەرسىلەرنى ئاپارساق ئېلىۋاتاتتى. ئىككى يىلدىن بۇيان ئۆزىمىزنىڭ دۇكىنىدىن ئېلىپ بېرىسىلەر، دەپ ئاپارغان نەرسىلەرنى ئالمايدىغان بولدى. ئۆزىنىڭ دۇكىنىدىن كۇسار، چۇخەي، كىيىملەرنى، ھەسەل قاتارلىق بىر نەرسىلەرنى ئېلىپ بېرىپ كەلگەن.
مۇخبىر: ئاخىرقى قېتىم قاچان بېرىپ كۆرۈشتۈڭلار؟
ئايشەم ھەدە 8: -ئاينىڭ 28، 29-كۈنى (2013) ئوغلۇم مېنى ئاپارغانىدى، ئاپارسا، 9-ئاينىڭ 15-كۈنى كېلىڭلار، دېدى. بىزنىڭ ئۇ يەردە ئۇرۇق-تۇغقىنىمىز بولمىسا، 9- ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە ساقلاپ تۇرىدىغان. شۇنىڭ بىلەن كۆرمەي يېنىپ كەلدىم، يىغلاپ. كېيىن ئوغلۇمنى ئەۋەتكەنىدىم، ئەنسىرەپ قالمىسۇن، دەپ. ھەر يىلى كېلىۋاتاتتى بۇ ئاپاملار، نېمە بولدىكى دېمىسۇن، سەن بېرىپ كۆرۈپ كەلگىن، دەپ ئوغلۇمنى ئەۋەتكەن، كۆرۈپ كەلدى. كۆرۈپ كېلىپ، دادامدىن ئەنسىرىمەيمەن، قان بېسىمى يوق، ئاپامدىن ئەنسىرەيمەن، ئېغىر قان بېسىمى بار، دەپ ئاپا سېنىڭدىن بەك ئەنسىرەپ كەتتى، دەپ كەپتىكەن. ئۇ ئەنسىرىمەيدىغان ئادەم تۈگەپ كېتىپ، خۇدايىم مەن ئەمدى ئاللانىڭ) شەپقىتى( بىلەن يۈرۈۋاتىمەن.
مۇخبىر: غوجا ئەخمەت تۇرسۇن مەمەتنىڭ ئىشىدىن خەۋەر تاپتىمۇ؟ ئاڭلىدىمۇ تۈرسۇن مەمەتنىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكىنى؟
ئايشەم ھەدە: ئاڭلىمىدى.
مۇخبىر: تۇرسۇن مەمەتكە 2 يىل بولدى، دېدىڭىز-ھە؟!
ئايشەم ھەدە: ئىككى يىل 2 ئاي بولدى.
مۇخبىر: ئۇنى نېمە سەۋەبتىن قولغا ئالدى؟
ئايشەم ھەدە: ۋاي ئۇقمايمەن! شۇ تەبلىغقا بېرىپسەن دەپ، باققالچىلىق قىلىۋاتقان يېرىدىن ئەكىرىپتىكەن.
مۇخبىر: تەبلىغقا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن.
ئايشەم ھەدە: شۇنداق، تەبلىغقا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن شۇ. بالىلارمۇ، بىزدە ھېچقانداق ئىش يوق، ياخشى بولۇڭلار، ياخشى يولدا مېڭىڭلار، ھاراق-شاراب ئىچمەڭلار، دېگەن ياخشى گەپلەرنى قىلدۇق، دەيدۇ.
مۇخبىر: سىلەرگە ھۆكۈمەت ئۇچۇر بەردىمۇ؟ ئۇنىڭ قەيەردىلىكى، نېمە سەۋەبتىن تۇتۇلغانلىقى ھەققىدە؟
ئايشەم ھەدە: بەردى، ئەكىركىتىپ بىر يىلدىن كېيىنمۇ خۇدايىم، بىر پارچە قەغەز چىقارتىپتىكەن. قەغەزگە قارىساق ئادەمنىڭ كاللىسى يەتمەيدىغانلا بىر گەپلەرنى دەۋاتىدۇ. دۆلەتنى پارچىلايدىغان، دەمدۇ. شۇنداق دېمىسە نېمە، دەپ گەپ تاپىدۇ، ئەمدى.
مۇخبىر: نېمە دەيدۇ، كېسىمىز دېدىمۇ ياكى بولمىسا؟
ئايشەم ھەدە: قايسى ۋاقىتتا سوتلىغانكى؟، مۇشۇ سۈيدۆڭنىڭ تۈرمىسىدە سوتلىغان. شۇ ۋاقىتتا بىز چىققانتۇق. چىقىپ گېپىگە قارىساق ھېچ بىر تايىنى يوق. يامان ئىشقا ئارىلاشقان ھېچقانداق ئىش يوق. ئۇنداق قىلغان، مۇنداق قىلغان، تەبلىغقا بارغان، دېگەن گەپلەرنى قىلدى. شۇ ۋاقىتتا شۇنداق، دەپ سوتلىغان. شۇنىڭ بىلەن ماۋۇ بوز، دېگەن يەرگە يېڭى تۈرمە سالغان، ئوغلۇم شۇ يەردە ئىدى. ئۇ يەردىن ئەمدى بالىلار پاتماي قالدى، دېدىمۇ ياكى نېمە بولدى، ئىشقىلىپ مېنىڭ بالامنى توققۇزتاراغا يۆتكەپ كېتىپتىكەن. ئۇنىڭغىمۇ 2-3 ئاي بولۇپ قالدى.
مۇخبىر: ھازىرغىچە ئۇقمايسىلەر ئۇنى كەسكەن-كەسمىگەنلىكىنى؟
ئايشەم ھەدە: ئۇقمايمىز. مېنىڭ ئاڭلىشىمچە، تۇرسۇن مەمەتنى 10 يىل كېسىپتۇ، دەيدۇ. مەن نېمىشقا 10 يىل كېسىلىمەن، ھۆكۈمەت ئادىلغۇ، مەن يا ئاتىمەن-چاپىمەن دېمىسەم، يامان يولدا ماڭمىسام، مەن بىر-ئىككى يەرگە تەبلىغقا بارغانغا
10 يىل كېسەمسىلەر؟، دەپ بالام قول قويماپتىمۇ، ئىشقىلىپ شۇنداق قىلىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مەركەزدىن ئادەم كېلىپ يېڭى باشتىن سوراپتۇ، دېگەنىدى، شۇنىڭياقى جىمجىتقۇ زادى!
مۇخبىر: بالاڭ 10 يىل كېسىلدى، مۇنداق جىنايەت سەۋەبلىك، دېگەن بىرەر پارچە قەغەزمۇ بەرمىدى قولۇڭلارغا؟
ئايشەم ھەدە: ياق، ئۇنداق قەغەزمۇ بەرمىدى. ئەمدى، بىز بالامغا شۇنداق دەپتىكەن، بالام قول قويماپتۇ، دەپ ئاڭلىدۇق.
مۇخبىر: دېمەك، سىز ھازىر بالىڭىزنىڭ قانچە يىل كېسىلگەنلىكى، نېمە سەۋەبتىن كېسىلگەنلىكىنى بىلمەيسىز، ئىككى يىل بولدى؟
ئايشەم ھەدە: شۇنداق، بىلمەيمەن، 2 يىل 2 ئاي بولدى.
مۇخبىر: سىز ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا بېرىپ باقتىڭىزمۇ، مەسىلەن، سوت، تەپتىش ئورگانلىرىغا؟ مېنىڭ بالام نېمە قىلدى، نېمە قىلغانغا بۇنداق ئۇزۇن يىل كېسىسىلەر، دەپ؟
ئايشەم ھەدە: ۋاييەي مەن نېمە، دەپ بارىمەن جېنىم بالام، مەن نېمە، دەپ بارىمەن، ئۆزۈمنىڭ دەردىدىن ئۆزۈم ئارانلا چىقىۋاتسام. مېنىڭ ئۇنداق يەرلەرگە بېرىشكە چامىم يەتمىسە. ئاللاھ! نېمىگە بۇيرۇسا، شۇ بولسۇن، دەپ ئولتۇردۇم شۇ.
مۇخبىر: قانچە بالىڭىز بار ئىدى ھەدە؟
ئايشەم ھەدە: مېنىڭ 4 قىز، 4 ئوغلۇم بار ئىدى.
مۇخبىر: ئاكىمىز نېمە سەۋەبتىن ۋاپات بولدى؟ بالىلارنىڭ سەۋەبىدىنمۇ قانداق؟
ئايشەم ھەدە: بىر تەرىپى ئىشلىمەيتتى، لېكىن كىچىككىنە ياخشى بولۇپ قالغان. ئانچە-مۇنچە ھارۋىغا سېلىپ، تالاغا ئېلىپ چىقىپ، يۆتلىسەم مېڭىپ خېلى ئوبدان بولۇپ قالغان. بىراق ئاشۇ تۈرسۇن مەمەت 10 يىل كېسىلدى، دېگەننى ئاڭلاپ، شۇ كۈنىلا گەپ قىلالماي باشقىدىن ئېغىرلىشىپ كەتتى. 3 ئاي ئورۇن تۇتۇپ ياتتى. مۇشۇ ئىككى قولىنىلا كۆرسىتىدۇ. شۇنداق قىلىپ گېپىنىمۇ ئۇقماي بۇ يىل 1-ئايدا تۈگەپ كەتتى.
مۇخبىر: ئىككى بارمىقىنى كۆرسەتكىنى شۇ ئىككى ئوغلىنى كۆرسىتىۋاتامدۇ، قانداق؟
ئايشەم ھەدە: ئىككى ئوغلى بىلەن، بالىلار بىلەن كۆرۈشەلمىدىم، دەيدۇ-دە شۇ. بالىلىرىمنى كۆرۈشكە نېسىپ قىلسا، ماڭا يەنە 5 يىل ئۆمۈر بەرسە، دەپ يىغلايتتى.
مۇخبىر: ئىنشائاللا سىزگە نېسىپ قىلار؟
ئايشەم ھەدە: ماڭا نېسىپ قىلار كۆرۈشۈشنى، خۇدايىم.
مۇخبىر: كۆپ رەھمەت سىزگە ھەدە! سىزگە سالامەتلىك، ئامانلىق، ئېسەنلىك تىلەيمەن. سالامەت بولۇڭ، ئاۋارە قىلدىم، خەير-خوش!
يۇقىرىدا ئۇيغۇر ئىلىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق 8 پەرزەنت ئانىسى ئايشەم ھەدە بىلەن، ئۇنىڭ تۈرمىدىكى 2 ئوغلى-غوجا ئەخمەت ۋە تۇرسۇن مەمەتنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. بۇ پروگراممىنى مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى.