ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى يەنىلا ئېغىرلىقىنى بىلدۈردى

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان «شىنجاڭنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ئاقتاشلىق كىتابى» دا، ئۇيغۇر رايونىدا دىنىي كەمسىتىشنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى، ھۆكۈمەتنىڭ روزا تۇتۇش، ناماز ئوقۇش قاتارلىق ھېچقانداق دىنىي پائالىيەتكە ئارىلاشمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

مەزكۇر ئاقتاشلىق كىتاب ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئەڭ نازۇك پەيتى-مۇقەددەس رامىزان ئېيى باشلىنىشقا بىر قانچە كۈن قالغاندا ئېلان قىلىندى. ئۇيغۇر رايونىدا ھەر يىلى رامىزان ئېيىدا قانلىق ۋەقەلەر يۈز بېرىپ تۇرغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەلەرنى ئىزچىل «رادىكال دىنىي كۈچلەر» نىڭ زوراۋانلىق ھەرىكىتى دەپ تەرىپلىسىمۇ، ئەمما كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار بۇ زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى خىتاينىڭ مۇقەددەس ئايلاردا مۇسۇلمانلارنىڭ كۈندىلىك مەنىۋى ھاياتىغا قويغان ئېغىر چەكلىمىسى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى «ئاقتاشلىق كىتابى» دا، پۇقرالارنىڭ دىنىي ھېسسىياتىغا ھۆرمەت قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ رامزاندا ئاشخانا، رېستورانلارنىڭ تىجارىتىگە ئارىلاشقانلىقىنى رەت قىلغان. ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاشخانا، رېستورانلارنىڭ رامىزان مەزگىلىدە ئېچىش-ئاچماسلىقى ئۇلارنىڭ ئىختىيارلىقىدا ئىكەنلىكىنى، مەسچىت ۋە ئائىلىلەردىكى دىنىي ئىبادەت پائالىيەتلىرىنىڭ قوغدىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەمما بەزى غەرب دىنىي ئەركىنلىك ئورگانلىرىنىڭ، د ئۇ ق ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەم بەزى دىنىي زاتلارنىڭ قارىشىچە، «شىنجاڭ دىنىي ئەركىنلىك ئاقتاشلىق كىتابى» دا ئۇيغۇر رايونى دىنىي ۋەزىيىتىنىڭ رېئاللىقى ئەكس ئەتتۈرۈلمىگەن.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك سىياسەت ئانالىزچىسى تىنا مۇفورد پەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ ئاقتاشلىق كىتابىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، «خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا دىنىي باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى رەت قىلىشى يېڭى ئەھۋال ئەمەس» دەپ كۆرسەتتى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاينىڭ مەيلى مەركىزى ھۆكۈمىتى بولسۇن ياكى يەرلىك ھۆكۈمىتى بولسۇن، شىنجاڭدا دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسى ياكى دىنىي ئەركىنلىكنى جازالاش مەسىلىسى مەۋجۇت ئەمەس، دەپ كۆرسىتىشى ئەلۋەتتە يېڭى ئەھۋال ئەمەس. ئەمەلىيەتتە بىز ئۇ يەردىكى ۋەزىيەتنىڭ ئۇنداق ئەمەسلىكىنى بىلىمىز. ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك جازالىنىۋاتقانلىقى بىزگە مەلۇم.
ئۇلار پاراكەندىچىلىككە ئۇچراۋاتىدۇ، ئۇلارغا تەھدىت سېلىنىۋاتىدۇ، ئۇلار جىسمانىي ھۇجۇمغا ئۇچراۋاتىدۇ، تۈرمىگە سولىنىۋاتىدۇ. ئۇلار نۇرغۇن ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قىلىنىۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى مەركىزى ھۆكۈمەت ۋە يەرلىك دائىرىلەرنىڭ قولى بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. قىسقىسى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دەۋاتقىنى بىلەن قىلىۋاتقىنى ئىنتايىن پەرقلىق ئىككى خىل ئىش.»

ئەمما خىتاينىڭ ئاقتاشلىق كىتابىدا، مۇسۇلمانلارنىڭ ھەر خىل مەنپەئەتى قانۇنلار بىلەن قوغدىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇنىڭدا كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى «ئاپتونومىيە قانۇنى»، «جىنايى ئىشلار قانۇنى»، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نىزامى»، «ئېلان- سەنئەت قانۇنى» قاتارلىق تۈرلۈك قانۇنلىرىغا كونكرېت بەلگىلىمىلەرنى قويۇپ، ھالال مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش، ساقلاش، ئىستېمال قىلىش، تەمىنلەش، ئاشخانا-رېستورانلارنىڭ ھالال -ھاراملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە كەڭ دىندار ئاممىنىڭ مەنپەئىتى قوغداپ كەلگەن.

ئەمما بەزى دىنىي زاتلار، خىتاينىڭ مۇسۇلمانلار مەنپەئىتى قوغداپ كېلىۋاتقانلىقىنى رەت قىلدى. سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئولتۇرۇشلۇق ژۇرنالىست، دىنىي زات سىراجىدىن ئەزىزى، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن ئاقتاشلىق كىتابنىڭ مەزمۇنى بىر-بىرىگە ماس كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سىراجىدىن ئەزىزى: «ۋەتەندە بولۇۋاتقان ئەھۋال دىنىي ئۆلىمالار، دىن ئوقۇغانلار، دىنىي تۈس ئالغان كىيىم كىيگەنلەر، ياغلىق ئارتقانلار، ساقال قويغانلار ھەممىسى تۈرمىدە. ئۇنىڭدىن سىرت، مۇشۇ مەككىدە تۇرۇۋاتقان نۇرغۇن ئۆلىمالار بار. ئۆلىمالارنىڭ جىنايىتى پەقەت ئۆزى ئىمام خاتىپ بولغان جامى، مەسچىت جامائىتىنىڭ مىراس، نىكاھ، تالاق ئىشلىرىغا شەرىئەت بويىچە ھۆكۈم قىلغانلىقى ئۈچۈنلا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىپ ئۇلارغا، ھازىر ۋەتەنگە بارالماي تۇرۇۋاتىدۇ.
ئاقتاشلىق كىتابتا دىنىي ئەركىنلىكنى بوغمىدۇق، دېسە، بۇ دىنىي ئەركىنلىكنى بوغقانلىق ئەمەسمۇ؟ بۇ دىنىي ئەركىنلىكنىڭ ئاساسى مەنبەسى ئىسلامدا قۇرئان ۋە ھەدىس، كومپارتىيە ئەمەس. ئىنسانلارغا بۇ مەسىلە ئېنىق بولۇشى كېرەك.» دېدى.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىدىكى تىنا مۇففورد خانىم، خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىگە پەرقلىق نۇقتىلاردىن قاراۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئامېرىكا ئىزچىل خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئۆلچىمىنى نورما قىلىپ كەلگەن.

تىنا مۇفورد مۇنداق دەيدۇ: « ئەلۋەتتە بىز دىنىي ئەركىنلىك نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ، دېگەن مەسىلىگە پەرقلىق نۇقتىدىن قارايمىز. بۇ يەردىكى مەسىلە ئۆلچەمنى كىمنىڭ قويۇش ‏- قويماسلىقى مەسىلىسى ئەمەس. چۈنكى، بىزنىڭ كومىتېت ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىزچىل خەلقئارا ئۆلچەمگە ئەمەل قىلىپ كەلدى.

خەلقئارا ئۆلچەم دۇنيادىكى دىنىي ئەركىنلىك ۋە نۇرغۇن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ئۈچۈن بىر ئابىدە. خىتاي دۇنيادىكى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ بىرى. بىراق ئۇ، خەلقئارا سەھنىدە باشقا دۆلەتلەر ئەمەل قىلىپ كەلگەن ئۆلچەمگە ئەمەل قىلىشنى خالىماي، باشقىلارنىڭ ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان ئۆلچەمگە ئەمەل قىلىشىنى ئارزۇ ئىلىپ كەلدى. ئۇ خەلقئارا ئۆلچەمگە ئەمەل قىلغاندەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئەمەل قىلمايدىغانلىقىنى بىلىمىز. ئۇنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى دۆلەتلەر بىردەك قوبۇل قىلغان خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكىنى رەت قىلىشى، ھەممە ئەمەل قىلىپ كەلگەن قائىدىگە رىئايە قىلمايدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى.»

سىراجىدىن ئەزىزىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ مەزكۇر ئاقتاشلىق كىتابنى رامىزانغا ئۈلگۈرتۈپ ئېلان قىلىشىدىكى مەقسىتى، خەلقئارا جامائەتنىڭ بېسىمىغا تاقابىل تۈرۈشكەن. ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاقتاشلىق كىتابتا دېگەندەك، راست «ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلامدۇ، قىلمامدۇ بۇنى ئالدىمىزدىكى رامزاندا كۆرىمىز» دېدى.

سىراجىدىن ئەزىزى: « ھازىر خەلقئارادا بىزنىڭ ۋەتەندىكى خۇسۇسەن دىنىي ئەركىنلىك، ئىنسان ھەقلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادەت، مەدەنىيىتىنى ئاياغ-ئاستى قىلىش مەسىلىسى ھەققىدە نۇرغۇن دوكلاتلار يېزىلىۋاتىدۇ، يىغىنلار ئېچىلىۋاتىدۇ. تەشۋىقات ۋە مېدىيادا كۆپ نەرسىلەر بېرىلىۋاتىدۇ.
مۇشۇنىڭ تەسىرى بولسا كېرەك، خىتاي ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن، ھېلىقى ئەرەبچىدە بىر گەپ بار، ئالدىغا قېچىش دەيدىغان. ھەقىقەتتىن قېچىش ئۈچۈن كىشىلەر ئالدىغا قاچىدىغان گەپ ئەمدى. بۇمۇ شۇ ئالدىغا قېچىش سىياسىتى بولسا كېرەك، خىتاينىڭكى.
ئەمما بۇ ئاقتاشلىق كىتابنى چىقىرىش بىلەن بىر مىللەتنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى، ئۇلارنىڭ تارتقان جاپا-مۇشەققىتى بىر كۈندىلا ھەل بولۇشى ناتايىن. ئەمەلىيەتتە زادى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە، ئىبادەت ئەركىنلىكىگە رەسمىي كاپالەتلىك قىلىنامدۇ- قىلىنمامدۇ، بۇنى كۆرىمىز» دەپ كۆرسەتتى.

ئەمما، خىتاي ھۆكۈمىتى «شىنجاڭنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ئاقتاشلىق كىتابى» دا يەنە، دىنىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ قوغدىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. رايوندا ھېيتگاھ جامەسى، موڭغۇل قالماق بۇتخانىسى، قىزىل مىڭ ئۆي قاتارلىق قوغدىلىۋاتقان ئاپتونوم رايون ۋە دۆلەت دەرىجىلىك دىنىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ 109 غا يېتىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدىكى 46 ئورۇن دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان دىنىي مەدەنىيەت مىراسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ باشلىقى تۇرغۇن پىدا، پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنىدا تەكىتلەپ،، ئۇيغۇر رايونىدا دىنىي ئەركىنلىك مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىگە يەتتى» دېگەن.