خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن تارقىتىلىدىغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، 70 نەچچە نەپەر ئاتالمىش ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتقا 4-ئىيۇن «شىنجاڭ ئىسلام ئىنستىتۇتى» مەسچىتىدە زوراۋان-تېررورچىلارنى پاش قىلىش ۋە ئەيىبلەش، «غازات يولىدا شېھىت بولغانلار جەننەتكە كىرىدۇ دېگەن زەھەرنى يوقىتىش» ھەققىدە ۋەز-تەبلىخ قىلىش ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلدى.
ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار ئاساسلىق ساننى ئىگىلەيدىغان ئۇيغۇر ئېلىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيىسىدە شۇنداقلا دىنىي سىياسىتى ۋە تەدبىرلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئاتالمىش ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلاردىن پايدىلىنىپ كەلمەكتە. يېقىندا ئېچىلغان 2-نۆۋەتلىك شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ «دىن خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، دىنىي مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى تۈپ پرىنسىپ-قانۇنلۇق پائالىيەتلەرنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى چەكلەش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، سىڭىپ كىرىشكە قارشى تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىشتە دىنىي ساھەدىكى زاتلار بىلەن دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش لازىم» دەپ ئالاھىدە تەكىتلىگەن ئىدى.
ھازىر نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلى ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەر ئىلمىي ۋەز-تەبلىخ قىلىش ئارقىلىق دىنغا ئىشىنىدىغان بارلىق ئاممىنى دىنىي ئەقىدىلەرنى توغرا چۈشىنىشكە يېتەكلەشنى ئەڭ مۇھىم خىزمەت قاتارىغا قويغان بولۇپ، «شىنجاڭ ئىسلام ئىنستىتۇتى» مەسچىتىدە چارشەنبە ئېچىلغان يىغىندا ئاتالمىش ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار 22-ماي ۋەقەسىنى تۇغدۇرغان جىنايەتچىلەرنىڭ «ۋەيلۇن دوزاخقا مەھكۇم» ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىشقان ۋە دىنىي ساھەنىڭ «ئەسەبىيلىكنى يوقىتىپ»، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى توغرا دىنىي قاراشنى تۇرغۇزۇپ، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىن ئىناقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي قوغداشقا يېتەكلەش ئىرادىسىنى بىلدۈرۈشكەن.
ئۈرۈمچىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئىسلام دىنىي جەمئىيىتى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە، ھەر قايسى شەھەر، ۋىلايەت، رايونلاردىكى مەسچىتلەرگە مەخسۇس ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ بۇندىن كېيىنكى جۈمە قۇتبىسى ۋە باشقا ھەر قانداق ۋەز-تەبلىغلەردە ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ زوراۋان-تېررورچىلارنىڭ جىنايى قىلمىشىنى ئورتاق پاش قىلىپ ۋە ئەيىبلەپ، «غازات يولىدا شېھىت بولغانلار جەننەتكە كىرىدۇ» دېگەن ئىدىيىنى يوقىتىپ «غازات قىلىش ئىسلام دىنىنىڭ شەرىئىتىگە خىلاپ» دېگەن ئۇقۇمنى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچى ئاممىغا كەڭ ۋە مۇنتىزىم تەشۋىق قىلىشنى بۇيرۇغان.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىسلام دىنىغا يوللۇق، قانۇنلۇق ئېتىقاد قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى دىنىي ئاشقۇنلۇق، ئەسەبىيلىك بىلەن ئەيىبلەپ، جاي-جايلاردا دىنىي كەيپىياتنى سۇسلاشتۇرۇش ئۈچۈن قاتتىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال ئېتىقاد پائالىيىتىگىمۇ چەكلىمە قويۇپ، ھەتتا ساقال قويغان ئەرلەرنى ۋە ياغلىق ئاتقان ئاياللارنىمۇ تۈرلۈك ۋاسىتىلەر بىلەن جازالاۋاتقان شۇنداقلا بۇنىڭغا خەلقنىڭ نارازىلىق ئارتقان بىر پەيتتە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاتالمىش ۋەتەنپەرۋەر زاتلارنى قۇرئان كەرىمىدىكى ھەقىقەتلەرنى بۇرمىلاپ خەلققە ئۆزىنىڭ مەۋقەسى بويىچە تەبىر بېرىشكە قىستىشى، ھىجرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر دىنىي زاتلار ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا. بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان ئامېرىكىدىكى پائالىيەتچى مەمەت توختى ئەپەندى «مىڭ يىللارچە ئېتىقادىنى يوقاتمىغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئېتىقاد، ئەقىدىسى دىنسىز كوممۇنىست پارتىيىنىڭ تەبىرى بىلەن ئۆزگىرىپ قالمايدۇ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ دىنىمىزغا قىلغان خىيانەت ۋە ھۇجۇمىنىڭ ئۆزى بىر ئاشقۇنلۇق، ئەسەبىيلىك» دەپ تەنقىد قىلدى.
ئىسلام ئىنستىتۇتىدا ئېچىلغان يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇللىتىپ ئابدۇرەھىم ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ كوممۇنىستىك پارتىيەگە ۋە ئۇنىڭ سىياسەتلىرىگە يېقىندىن ئەگىشىش ئىرادىسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن «تېخىمۇ سەزگۈر، تېخىمۇ ئاقىلانە بولۇپ، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، بارلىق بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، مىللىي ھېسسىياتقا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان سۆز-ھەرىكەتلەرگە قارشى كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك» دېگەن.
مەمەت توختى ئەپەندى ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ پاك ئەقىدىسىنى، مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى ساقلاش ئۈچۈن كۈرىشىۋاتقان، زور رىقابەتكە دۇچ كېلىۋاتقان مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە، دىنىي ساھەدىكى كىشىلەرنى مىللەت ۋە دىن ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنى توغرا تونۇشقا چاقىرىپ «دىنىي ساھەدىكى زاتلار سۆز-ھەرىكىتىدە قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىفنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك، ئاللانىڭ ھۆكۈمىنى تەتۈر تەشۋىق قىلىپ ئايەت، ھەدىسلەرنى خالىغانچە بۇرمىلاپ، «غازات»نى كوممۇنىست خىتاينىڭ تەبىرى بويىچە تەشۋىق قىلىش مۇسۇلمانلىق شەرىپىگىمۇ خىلاپ، بۇنداق قىلغاندا خەلقنىڭلا ئەمەس، بەلكى ئاللانىڭ غەزىپىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئېنىق چۈشىنىش ۋە ئۆزگىگە چۈشەندۈرۈش كېرەك» دەپ تەشەببۇس قىلدى.