«شىنجاڭ ئاق تاشلىق كىتابى» دىكى «قانۇنلۇق دىنىي ئېتىقاد قوغدالدى» تەشۋىقاتى ئىنكاس قوزغىدى
2017.06.05
1-ئىيۇن خىتاي دۆلەت كابىنېتى ئېلان قىلغان «شىنجاڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابتا، ئۇيغۇر قاتارلىق ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەرنىڭ ئاتالمىش «قانۇنلۇق دىنىي ئېتىقاد» پائالىيەتلىرى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانلىقى، «قانۇنسىز دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرىگە زەربە بېرىلگەنلىكى» تەكىتلەنگەن.
خەلقئارا تاراتقۇلاردا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرىنى «قانۇنسىز دىنىي ئېتىقادنى چەكلەش» نامىدا باستۇرۇۋاتقانلىقى تەنقىدلىنىۋاتقاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «كىشىلىك ھوقۇق ئاق تاشلىق كىتابى» نى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان دىنىي سىياسىتىنى ئاقلىشى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئىنكاسىنى قوزغىدى.
خىتاي دۆلەت كابىنېتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنىڭ 7-ماددىسىدا ئۇيغۇر دىيارىدا «دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان» لىقى تەكىتلىنىپ، «دۆلىتىمىز شىنجاڭدا قانۇنلۇق دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرىنى قوغدىدى، قانۇنسىز، ئاشقۇنلۇق ئىدىيىنى تەرغىب قىلىدىغان دىنىي پائالىيەتلەرگە قەتئىي زەربە بېرىپ، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نورمال دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرى قانۇنىي جەھەتتىن قوغداشقا ئېرىشتى، پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى قانۇنىي كاپالەتكە ئىگە قىلىندى» دېگەن بايانلار بېرىلگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر ئاق تاشلىق كىتابتا، خىتايدا پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانلىقىنىڭ مىسالى سۈپىتىدە، «خىتايدا ئىسلام دىنى، بۇددا دىنى ۋە خرىستىئان دىنىغا ئائىت كىتاب-ژۇرناللارنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن نەشر قىلىنىۋاتقانلىقى، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس كىتابى قۇرئان كەرىمنىڭلا نەچچە قېتىملىق نەشر نۇسخىسىنىڭ بارلىقى، «شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى» ناملىق ژۇرنالنىڭ ئۇيغۇر،خىتاي، قازاق تىللىرىدا نەشر قىلىنىدىغانلىقى، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەستىقلىنىپ ئېچىلغان ئۇيغۇر،قازاق تىللىرىدىكى مۇسۇلمانلار تورىدا ئىسلام دىنىي ئەقىدىلىرى تەشۋىق قىلىنىدىغانلىقى، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا دىنىي گۇرۇپپىلاردىن 112-سىنىڭ بارلىقى، شۇنداقلا 2001-يىلدىن بۇيان رايوندىكى ئىسلام دىنىي ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرىدىن 70 تىن ئارتۇق كىشىنى مىسىر، پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئەۋەتىپ، ئىسلام دىنىي تەتقىقاتى ساھەسىدە بىرقانچە قېتىملىق خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئېچىلغانلىقى قاتارلىقلارنى نەقىل ئېلىپ، رايوندىكى دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاق تاشلىق كىتابىدا خىتايدىكى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ ئىپادىسى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغان يۇقىرىقى نۇقتىلار چەتئەللەردىكى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ جىددىي ئىنكاسىنى قوزغىدى.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلىكنىڭ رەئىسى، سىياسىي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇندىن ئىلگىرىمۇ بۇ خىل ئاق تاشلىق كىتابلارنى ئېلان قىلىپ كەلگەنلىكى ۋە بۇ خىل ئاتالمىش ئاق تاشلىق كىتابلارنى ئېلان قىلىشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر ئاق تاشلىق كىتابىدا ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرىنى باستۇرۇش قىلمىشىنى ئاقلاپ قوللانغان ئاتالمىش«قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە زەربە بېرىش» دېگەن ئاتالغۇنى قوللىنىشتىكى مەقسەت ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل ئاق تاشلىق كىتابلارنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان دىنىي باستۇرۇش سىياسىتىنى خەلقئارادا قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دىنىي ئىشلار كومىتېت مۇدىرى تۇرغۇنجان ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ئاتالمىش ئاق تاشلىق كىتابتا تەكىتلەنگەن «مۇسۇلمانلارنىڭ قانۇنلۇق دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى، قانۇنسىز دىنىي ئېتىقاد قىلمىشلىرىغا زەربە بېرىلدى» دېگەن ئىبارىنىڭ ئۆزىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرىنى باستۇرغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
تۇرغۇنجان ئەپەندى بۇ خىل ئاتالغۇنىڭ پەقەت خىتايغا ئوخشاش كوممۇنىست ھۆكۈمەت تەرىپىدىنلا تىلغا ئېلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، خەلقئارادا ھېچبىر زامان ھېچقانداق بىر دىنىي ئېتىقادنىڭ «قانۇنسىز، قانۇنلۇق» دەپ ئايرىلمايدىغانلىقى، پەقەت خىتايدەك كوممۇنىست ھۆكۈمەتنىڭلا دىنىي ئېتىقادقا قارىتا ئۆلچەم بېكىتىپ، «دىننى كومپارتىيىنىڭ نەزەرىيىسى ۋە خىتاي دۆلىتىنىڭ مەنپەئىتىگە خىزمەت قىلىدىغان قورالغا ئايلاندۇرۇش» قا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
دىنىي ئۆلىما تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى يەنە، خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئاشكارىلانغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر» نامىدا باستۇرغانلىقىغا ئائىت مىساللارنىمۇ نەقىل ئالدى.
تۇرغۇنجان ئەپەندى بايانىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنسىز دىنىي ئېتىقادنىڭ 75 خىل ئىپادىسى نامىدا ئېلان قىلغان ھۆججىتىدە تىلغا ئېلىنغان ئاتالمىش قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ ئۆرنەكلىرى دەپ ئېلان قىلىنغان، ياش ئەۋلادلارغا دىنىي ئېتىقاد تەلىملىرى بېرىش، ئاياللار مۇسۇلمانلارنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە كىيىنىشى، ئەرلەرنىڭ ساقال قويۇشى، ھۆكۈمەت كادىرلىرى ۋە مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش قاتارلىق دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىق، ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىگە ئىسلامى يوسۇندىكى ئىسىملارنى قويماسلىق، روزا -رامىزان مەزگىلىدە رېستورانلارنى تاقىۋېتىشكە رۇخسەت قىلماسلىق، جامەت سورۇنلىرىدا ناماز ئوقۇشنى چەكلەش، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقىدىسى بويىچە يېمەكلىكلەرنى ھالال-ھارام دەپ ئايرىشنى مىللىي ئىتتىپاقلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلمىشى دەپ باستۇرۇش، مەسچىتلەردىكى ئىمام-خاتىپلارنىڭ خەلق تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىگە سادىق ئاتالمىش ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلاردىن تەيىنلەش، ئىمام-خاتىپلارنىڭ مەسچىت جامائىتىگە قىلىدىغان دىنىي ۋەزلىرىنىڭمۇ ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈش قاتارلىقلارنى نەقىل ئېلىپ، يۇقىرىقى ئەھۋاللار ئاللىقاچان خەلقئارا تاراتقۇلاردا ئاشكارىلىنىپ، قاتتىق ئەيىبلەشكە ئۇچراۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ھەل خىل باھانە-سەۋەبلەر بىلەن ئەڭ قاتتىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ باستۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
رادىيومىز قاتارلىق خەلقئارا تاراتقۇلاردا ئاشكارىلانغان ئەھۋاللاردا، خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرىنى چەكلەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان بۇ خىل چەكلىمىلەرنىڭ دائىرىسى بارغانچە كېڭەيگەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى.
ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن، بولۇپمۇ 2014-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رامىزان چەكلىمىلىرىگە نارازىلىق سەۋەبىدىن قەشقەر يەكەننىڭ ئېلىشقۇ-خاڭدى يېزىلىرىدا روزا ھېيت مەزگىلىدە يۈز بەرگەن 28-ئىيۇل نارازىلىق قوزغىلىڭى، خىتاي ھۆكۈمىتىگە سادىق دىنىي ئۆلىما قەشقەر ھېيتگاھ جامىسىنىڭ ئىمامى جۈمە تاھىرنىڭ 30-ئىيۇل روزا ھېيتنىڭ 1-كۈنى پىچاقلىنىپ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى قاتارلىقلاردىن كېيىن، دائىرىلەر «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە زەربە بېرىش» نامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرىنى باستۇرۇشنى ھەسسىلەپ كۈچەيتكەن. 2015-يىلدىن 2016-يىلى يىل بېشىغىچە قەشقەر قاتارلىق جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى يېزىلاردا ئادەم ئاز مەسچىتلەرنى چېقىش نامىدا 200 دىن ئارتۇق يېزا مەسچىتىنى چېقىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان. 2015-يىلى «قانۇنسىز دىنىي ئېتىقادنىڭ 75 خىل ئىپادىسى» ناملىق ھۆججەتنى ئېلان قىلغان بولسا، 2017-يىلى 1-ئاپرېلدىن باشلاپ «دىنىي ئاشقۇنلۇق ۋە ئۇنىڭغا قا زەربە بېرىش قانۇن-بەلگىلىمىلىرى» نى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرىنى باستۇرۇشنى قانۇنلاشتۇرغان. 2017-يىلى كىرگەندىن بۇيان ئۇيغۇرلاردىكى ئىسلامى ئىسىملارنى قويۇش ئادىتىنى «دىنىي ئەسەبىيلىكنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئىسىملارنى چەكلەش» نامىدىكى ھۆججەتنى ئېلان قىلىپ، ئىلگىرى قويۇلۇپ بولغان دىنىي مەزمۇندىكى ئىسىملارنى ئۆزگەرتىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدا 16 ياشتىن تۆۋەن ياشتىكى ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەسلىدىكى دىنىي ئىسىملىرىنى ئۆزگەرتىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.