بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىلمۇ ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ روزا تۇتۇشىغا داۋاملىق چەكلىمە قويۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان.
ئۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى بىرقانچىلىغان يەرلىك ھۆكۈمەت تورلىرىدىمۇ رامىزان ھەققىدە مەخسۇس ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىنىپ، ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزا تۇتۇشقا بولمايدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.
كورلا شەھەرلىك ھۆكۈمەت تورىدا ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان بىر ئۇقتۇرۇشتا: «پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، دۆلەت مەمۇرلىرى، ئوقۇغۇچىلار ۋە ياش قورۇمىغا تولمىغانلار بىردەك روزا تۇتۇشقا ياكى دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ» دېيىلگەن.
تېخى ئۆتكەن ھەپتە خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى «شىنجاڭنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئەھۋالى» ناملىق ئاقتاشلىق كىتاب ئېلان قىلىپ، «شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى جەھەتتىن ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىغانلىقى» نى كۆرسەتكەن ئىدى.
رامىزان مەزگىلىدە داۋاملىق چەكلىمىلەر قويۇلۇۋاتقانلىقىغا ئائىت ئۇچۇرلار تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنىپ www.uyghurnet.org تور گېزىتىدە شۇنداقلا تۈركىيەدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنىپ تارقىتىلغاندىن كېيىن، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ئارىسىدا غۇلغۇلا پەيدا قىلدى.
ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر خەۋەر-تەتقىقات مەركىزى مەسئۇلى ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى ئۆزلىرىنىڭ رامىزان مەزگىلىدە يەنىلا چەكىلىمىلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىغا ئائىت ئۇچۇرلارغا ئىگە بولغانلىقىنى بىلدۈردى
بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قەيسەرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى روزى ئېيى يېڭى باشلانغان بۈگۈنكى كۈنلەردە ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردىن مەيۈسلىنىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ھەققىدىكى ئاق تاشلىق كىتابىنى ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتتىن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان دىنىي بېسىم سىياسىتىنى يوشۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭغا قارشى تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ خىتاي يولغا قويۇۋاتقان دىنىي بېسىملارنىڭ ئەمەلىيىتىنى تۈركىيە جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ، قەيسەرىگە بۇرۇن كەلگەن ئۇيغۇرلار بىلەن يېقىندا مالايشىيا ۋە تايلاند ئارقىلىق كەلگەن ئۇيغۇرلار بۇرۇنقى يىللاردىكىگە ئوخشاشلا چوڭ ئىپتار زىياپەتلىرى ئۆتكۈزۈشنى ئويلاۋاتقانلىقىنى، رامىزاندا ئۆز-ئارا ئىپتارلىشىپ، بىر-بىرى بولغان قېرىنداشلىقنى كۈچەيتىشكە ئىنتىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى» رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى خىتاينىڭ رامىزان ئېيىدا ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇش قاتارلىق دىنىي پائالىيەتلىرىگە چەكلىمە قويۇشنى يەنىلا داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە بۇ مۇقەددەس رامىزان ئېيىنىڭ ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلىك ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشىگە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغاندىن كېيىن، بىر ئايلىق رامىزان پىلانى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.
تۈركىيەدە رامىزان ئېيى، ئۆز -ئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغان، ئېزىلىۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ دەرد، پەريادلىرىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىپ ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلىدىغان بىر ئاي.
ئۆتكەن يىلى رامىزان ئېيىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى كۈنتەرتىپكە كېلىۋاتقاندا بەزى تۈرك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئۇيغۇر دىيارىدا دىنىي بېسىمنىڭ ئۇنچىلىۋالا دەرىجىدە ئېغىر ئەمەسلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەندىن كېيىن، بىر قىسىم تۈركىيە پارتىيە-گۇرۇھلىرى ۋە ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ نارازىلىق ئىنكاسىنى قوزغىغان ئىدى. بۇ قېتىمقى رامىزان مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پائالىيەتلىرىنىڭ يەنىلا بېسىمغا ئۇچراش مەسىلىسى ئۇيغۇر جەمئىيەتلىرى ۋە كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققەت نەزىرىدە بولماقتا.