خىتاي مۇكاپاتلاۋاتقان «بەشتە ياخشى دىنىي زات» لار نېمە ئىش قىلدى؟

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى 14-ئىيۇن ئۈرۈمچىدە 70 نەپەر «بەشتە ياخشى دىنىي زات»لارنى مۇكاپاتلىغان. شۇ كۈنى يەنە «ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار» سۆھبەت يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، خىتاينىڭ تەلىپىگە لايىق دىنىي زات بولۇشنىڭ شەرتلىرىنى قايتا ئەسكەرتكەن. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى دىنىي سىياسەتلىرىگە ئىزچىل دىققەتتە بولۇپ كەلمەكتە.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 15-ئىيۇندىكى خەۋەرلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت 14-ئىيۇن كۈنى ئۈرۈمچىدە «ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار» سۆھبەت يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە، شۇ كۈنى يەنە ئۇيغۇر ئىلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى خىتايغا قارىتا ساداقىتى كۆرۈنەرلىك بولغان 70 نەپەر «بەشتە ياخشى دىنىي زات»لارنى مۇكاپاتلىغان.

«ئاپتونوم رايوننىڭ بەشتە ياخشى دىنىي زاتلارنى مۇكاپاتلاش توغرىسىدىكى قارارى» ناملىق خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ دىنىي زاتلار ئىسلام دىنى، خرىستىئان دىنى، بۇددا دىنى قاتارلىق ئالتە دىنغا تەۋە بولغانلار ئىچىدىكى ئۇيغۇر، خىتاي، موڭغۇل، تۇڭگان، قازاق، قىرغىز، تاجىك قاتارلىق مىللەتلەر ئىچىدىن كومپارتىيىگە بولغان ساداقەتتە ئۈلگە ياراتقانلار ھېسابلىنىدىكەن. «ئاپتونوم رايون ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى» ناملىق خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى دىنىي زاتلارنىڭ قولى ئارقىلىق ئەلنى تىنچىتىش ۋە ئىدارە قىلىشقا بولغان دىققىتى قايتىدىن كۈچەيگەن. خىتاي ئاخبارات تورىنىڭ 13-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى مۇكاپاتلاش ۋە سۆھبەت يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى، جاڭ چۈنشيەن خوتەن، سانجى قاتارلىق ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ بىر قانچە رايونلىرىنى مەخسۇس زىيارەت قىلىپ، دىنىي زاتلارنىڭ پىكرىنى ئالغان. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، جاڭ چۈنشيەننىڭ دىنىي ساھەدىكىلەرگە بولغان جىددىي مۇئامىلىسى شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدە 28-29-ماي كۈنلىرى خىتاي پايتەختىدە ئۆتكۈزۈلگەن «2-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى» بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە دىنىي زاتلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ دىنىي زاتلارنىڭ رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى ئىستراتېگىيىلىك بىر ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە. د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئاتالمىش دىنىي زاتلارنىڭ سەلبىي رولىغا سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

د ئۇ ق دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇنھاجىم بۇ خۇسۇستا پىكىر بايان قىلغاندا، خىتاي تەقدىرلەۋاتقان بەشتە ياخشى«دىنىي زاتلار» نىڭ ئىسلام ئەقىدىسى ۋە ئۆز خەلقىنىڭ مىللىي ئىرادىسىنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.