خىتاينىڭ دىنىي رادىكاللىقنى يوقىتىش ھەرىكىتىدە ئۇيغۇر قىز، ئاياللىرى نىشانغا ئېلىنغان

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2017.06.20
hijap-romal-yaghliq-reshatka-jaza.jpg تۆمۈر رېشاتكىلىق ھويلىغا سولانغان ھىجاپلانغان ئۇيغۇر ئاياللىرى.
RFA/Ruqiye

ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇرۇق-تۇغقان ۋە ئاچا-سىڭىللىرى دىنىي ئەسەبىيلىك دېگەن باھانىدە تۇتقۇن قىلىنغان ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنىڭ يەتكۈزۈشىچە، يېقىنقى ئىككى ئايدا، خىتاي ھۆكۈمىتى مەخسۇس دىنىي رادىكاللىققا قارشى قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆي ئاختۇرۇش، يانفونلىرىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا دىنغا مۇناسىۋەتلىك سۈرەت ياكى مەزمۇنلار بايقالغانلارنى، ھىجابلانغان ئاياللارنى قارا-قويۇق تۇتقۇن قىلىپ، تېز ئارىدا جازا كۆرمەكتە ئىكەن، جازا بېكىتىلمىگەنلىرىنى بولسا ئايلاردىن بۇيان «رادىكاللىقنى تۈگىتىش تەربىيىلەش كۇرس» لىرىغا يىغىۋالغان بولۇپ، غەيرىي رەسمىي تۈرمە شەكلىدىكى بۇ كۇرسلار ئاساسەن ھەممە كەنتلەردە تەسىس قىلىنغان. بۇ خىل غەيرىي رەسمىي تۈرمىلەردە قىز-ئاياللارنىڭ سانىنىڭ پەۋقۇلئاددە كۆپ ئىكەنلىكى ئىنكاس قىلىندى.

بۇ ھەقتىكى ئىگىلەشلىرىمىز داۋامىدا، ئېنىق سانلىق مەلۇماتقا ئىگە بولالمىغان بولساقمۇ، ئەمما ھىجابلىق ئاياللارنى تۇتۇشقا كەنت ساقچىخانىلىرى مەسئۇل بولۇشىغا قارىماستىن، ئۇلارنى مەخسۇس ئايرىم بىر كاتېگورىيەگە كىرگۈزۈپ تۇتۇپ تۇرۇشقا كەنت ھۆكۈمەت ئورگانلىرى مەسئۇل بولۇۋاتقانلىقى دەلىللەندى.

رادىيومىزغا يېقىندىن بۇيان چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار يازما ۋە تېلېفون ئارقىلىق ئۇچۇر يەتكۈزۈپ، نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى، بولۇپمۇ رامىزان ھارپىسىدىن باشلاپ دىنىي تەلىمگە ئىگە، ئىسلامى يوسۇندا ياشاۋاتقان، ھىجابلانغان، ساقال قويغان كىشىلەرنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى سەۋەبلىك ياكى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە دىنىي مەزمۇنلارنى كۆرگەن ياكى يوللىغانلىقى ئۈچۈنلا تۇتقۇن قىلىنىپ، بەزىلىرىنىڭ ئىز-دېرىكى بولمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئىنكاسلاردا ھەممىدىن كۆپ، ئۇيغۇر قىز، ئاياللارنىڭ، ئانىلارنىڭ، ئائىلىسىدىن، بالىلىرىدىن مەجبۇرىي ئايرىلىپ، دائىرىلەر تەرىپىدىن قېرى-ياش دېمەيلا كەنتلەردىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرى، ئاتالمىش رادىكاللىقنى تۈگىتىش كۇرسلىرىغا ئېلىپ كېتىلىپ، ئايلارچە سولاپ قويۇلۇۋاتقانلىقى ھەمدە سىرت بىلەن ئالاقىسىنىڭ پۈتۈنلەي ئۈزۈۋېتىلگەنلىكى قاتارلىق ئەھۋاللار بولماقتا. يېقىندا ھەتتا، بىر قازاق زىيالىي خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دىنىي رادىكاللىققا قارشى نامىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇشلىرىدا ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان قازاق ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ قېچىپ قۇتۇلالمىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

بىز تۈركىيەدىن ئىنكاس قىلغۇچى بىرىنىڭ تەمىنلىگەن ئۇچۇرىغا ئاساسەن، ئائىلىسىدىن ئايالى ۋە ئاچىسى ھىجابلانغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇپ كېتىلىپ، بىر ئايدىن بۇيان كۆرۈشتۈرۈلمىگەنلىكى ئۈچۈن ناھىيىگىچە ئەرز قىلىپ بېرىپمۇ تۇتقۇن قىلىنغان ئايالى ۋە ئاچىسىنىڭ خەۋىرىنى ئالالمىغان خوتەن بىر ئۇيغۇر بىلەن ئالاقىلەشتۇق، ئەمما ئۇ، ئۆزىنىڭ ۋە تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ نام شەرىپىنى ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ بېشىغا تېخىمۇ چوش بالا-قازا كېلىشى مۇمكىن دەپ ئويلاۋاتقانلىقىنى، شۇڭلاشقا دائىرىلەرنىڭ تەھدىتى تۈپەيلى سۈكۈت قىلىپ خەۋەر كۈتۈشتىن باشقا ئامالى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، كەنت دائىرىلىرىدىكى ئورگان كادىرلىرى بىر ھەپتە ئاۋۋال ئۆي تەكشۈرۈشكە كىرگەندە، ھىجابلانغان ھالدا ناماز ئوقۇۋاتقان ئايالى ۋە ئاچىسىنى بايقاپ تۇتۇپ كەنتكە ئېلىپ كەتكەن. شۇندىن بۇيان ئۇلارنىڭ خەۋىرىنى ئالالمىغان. ئەمما، دائىرىلەر ئۇنىڭغا تولا كېلىپ ئاۋارە قىلماسلىقنى ئاگاھلاندۇرۇپ، 3 ئايدىن كېيىن قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

خوتەن لوپ جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىدىن بىر ئۇيغۇر ساقچى تېلېفوننى ئېلىپ، ھازىرقى ئاساسلىق ۋەزىپىنىڭ دىنىي رادىكاللىقنى تۈگىتىش ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەن بولسىمۇ، مۇناسىۋەتلىك تۇتقۇنلار سانى ۋە ئۇلارنىڭ نەدە، قاچانغىچە تۇتۇپ تۇرۇلىدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

لوپ ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تارمىقىدىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىن زىيارىتىمىز قوبۇل قىلغان بىر ساقچى، يېقىنقى بىر ھەپتە جەريانىدا ھىجابلىق، ياغلىق ئارتقان ئاياللارنى تەكشۈرۈش ۋە تۇتۇش جىددىي ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئۈچۈن، كەنتلەردە ئورگان كادىرلىرى يېتىشمەي، ھازىر ساقچىلارنىڭمۇ مەخسۇس شۇلارنى چارلاش ۋە تۇتۇشقا سەپلىنىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئۇلارنى تۇتۇپ تۇرۇش، تەربىيىلەشكە كەنت ئورگانلىرى ئۆزلىرى مەسئۇل بولغاچقا، بۇ تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا 3 ئايالدىن باشقا ئايال يوقلۇقىنى ئېيتتى.

لوپتىكى بىر كەنتتە ئاياللارنى رادىكاللىققا قارشى كۇرستا تەربىيىلەشكە قاتنىشىۋاتقان بىر ياش ئايال كادىر بىلەن ئالاقىلەشتۇق، يېڭى خىزمەتكە چۈشكەن بۇ قىز كۆپ نەرسە دېيىشكە پېتىنالمىغان بولسىمۇ، ئاياللارنىڭ ئايرىم ئۆگىنىش قىلىۋاتقانلىقىنى، كەنتتىكى ئاياللارنى كەنت ئايال كادىرلىرىنىڭ تىزىملىكى بويىچە قەرەللىك تەكشۈرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى، مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىنى ئۆگىنىش كۇرسلىرىغا يوللاپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئەمما باشقا سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرمەي تېلېفوننى ئۈزدى.

18-ئىيۇن ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ئۈندىدار سۇپىسىدا «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت ۋە رادىكاللىقنىڭ 26 خىل ئىپادىسى» نى تارقاتقان بولۇپ، ئۇنىڭدا ھەتتا ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە قانۇنلۇق ياكى قانۇنسىز بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەر قانداق دىنغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تارقاتقاندىن باشقا كۆرگەنلەرنىڭمۇ قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

بۇرۇن دائىرىلەر يۈزىنى ياپقان، جىلباپ، نىقاب، ھىجاب قاتارلىقلارنى كىيگەنلەرنى دىنىي رادىكاللىق كاتېگورىيەسىگە ئالغان بولسا، بۇ يېڭىلىغان چەكلەش تەدبىرىدە، لېچەك تاقىغانلارنىمۇ، ھەتتا تۈركىيە بايرىقىنىڭ سۈرىتى بار كىيىملەرنى، ئاي يۇلتۇز بەلگىسى بار زىننەت بۇيۇملارنى تاقاشنىمۇ تەقىپلەش كاتېگورىيەسىگە رەسمىي كىرگۈزگەن ۋە يەنە ئاياللارنىڭ سورۇنلاردىن پايدىلىنىپ دىنىي تەبلىخ قىلىشى ۋە ئاڭلىشىمۇ قانۇنسىزلىق سانىلىدىكەن.

بۇنىڭ ئالدىدا، دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى دوختۇرخانا، ھۆكۈمەت ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرى، ماي قاچىلاش پونكىتلىرى، ھەتتا ئاممىۋى قاتناش قوراللىرى، كۈتۈپخانىلارغا ئوخشاش ئىجتىمائىي سورۇنلارغىمۇ ھىجابلىق ئايللارنىڭ كىرىشىنى چەكلەيدىغان مەخسۇس ئۇقتۇرۇش ۋە تەدبىرلەرنى ئېلان قىلغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل يېڭىدىن چىقىرىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىلا ئىجرا قىلىۋاتقان «رادىكاللىقنى يوقىتىش»، «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» يەرلىك تەدبىرىنى ئىجرا قىلىشقا باشلىغاندىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان تەقىبلەش دائىرىسىنىڭ يەنىمۇ كېڭەيتىلگەنلىكى مەلۇم. ئەمما بۇ ھەقتە دائىرىلەر ۋە يەرلىكتىن ئەھۋال ئىگىلىشىمىز يېقىندىن بۇيان تېخىمۇ زور كاشىلا ۋە توسقۇنلۇققا ئۇچرىماقتا. بۇ خىل ئەھۋاللار رايوندا رامىزان كىرگەندىن بۇيان ۋەزىيەتنىڭ يەنىمۇ كەسكىنلەشكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.