ئۆتكەن ئايدا ئونسۇ ناھىيىسىنىڭ چاغراق يېزىسىدىكى ئېلى ياسىن ۋە ئۇنىڭ ئىككى سىڭلىسى روشەنگۈل ياسىن، ئارزۇگۈل ياسىنلارنىڭ ئاتالمىش قانۇنسىز دىنىي ماتېرىياللارنى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن جورىلىرى بىلەن بىرلىكتە يەتتە يىللىقتىن كېسىلگەنلىكى رادىيومىز تەرىپىدىن ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، بۇ ئەھۋال ۋاشىنگتون پوچتىسى قاتارلىق بىر قىسىم خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە خەۋەر قىلىنغان ئىدى. يېقىندا رايوندىكى ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ رادىيومىزغا يەتكۈزۈشىچە، ئاچا-سىڭىل مەھبۇسلارنىڭ ئەھۋالى ئاخباراتقا چىققاندىن كېيىن ئالاقىدار دائىرىلەر مەزكۇر ئۈچ ئائىلىنىڭ تۈرمە سىرتىدىكى ئەزالىرىدىن ھال سورىغان ۋە نوپۇسسىز بالىلارنى نوپۇسقا، مەكتەپسىز قالغانلارنى مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرغان.
ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ مەكتۇپ ئارقىلىق رادىيومىزغا ئاشكارىلىشىچە، ئونسۇ ناھىيىسىنىڭ چاغراق ۋە توخۇلا يېزىسىدىكى ئاكا ۋە ئاچا-سىڭىل مەھبۇسلارنىڭ ئەھۋالى خەلقئارا ئاخباراتقا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، مەزكۇر ناھىيەدىكى ئالاقىدار دائىرىلەر، مەخسۇس خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، يۇقىرىقى ئۈچ ئائىلىنىڭ تۈرمە سىرتىدىكى ئەزالىرى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ۋە بۇ تەكشۈرۈشنىڭ نەتىجىسىدە، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئاتالمىش غەمخورلۇققا ئېرىشكەن. بىز بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن مەزكۇر يېزىدىكى بىر كەنت سېكرېتارىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ يۇقىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە يېقىندا بۇ ئائىلىلەرگە ئەھۋال سوراپ بارغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ بىر قىسىم قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ھال سوراش ۋە تەكشۈرۈشتىن كېيىن يۇقىرى ئورۇنلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، مەھبۇس ئېلى ياسىننىڭ نوپۇسسىز بىر بالىسىنى نوپۇسقا ئالغان، مەكتەپسىز قالغان ئىككى بالىسىنى مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرغان.
يەنە ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىنىڭ رادىيومىزغا ئاشكارىلىشىچە، ئارزۇگۈل ياسىننىڭ ۋە ھىجرەت گۇمانى بىلەن تۇتۇلغان گۈلمىرە ئىسىملىك مەھبۇسنىڭ مەكتەپ يېشىغا توشمىغان بالىلىرى ئەسلىدە ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مەخسۇس بىر بالا تەربىيىلەش ئورنىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، بۇ بالىلار يېقىندا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ، جۈملىدىن بوۋىسىنىڭ ۋە مومىسىنىڭ قولىغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن. بىز بۇ ئەھۋالنى ئېنىقلاش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك بىر كەنت سېكرېتارغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، ئۇ، بۇ بالىلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا قايتۇرۇلغانلىقىنى دەلىللىدى.
تېلېفون زىيارىتىمىز ئارقىلىق ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلاردىن، مەزكۇر مەھبۇس ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئەھۋالىدىكى بۇ كىچىككىنە ئىجابىي ئۆزگىرىشنىڭ، ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشى دېگەندەك، ۋەقەنىڭ ئاخباراتقا چىقىشى بىلەن مۇناسىۋىتى بار-يوقلۇقى مەلۇم ئەمەس، ئەمما مەزكۇر ئۆزگىرىشنىڭ ۋەقە ئاخباراتقا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن يۈز بەرگەنلىكى ئېنىق. بىز ئوخشاش بىر نەتىجىنىڭ باشقا جايلاردىكى مەھبۇس ئائىلىلىرىدىمۇ يۈز بەرگەن، بەرمىگەنلىكىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، مەكىت ناھىيەسىگە تېلېفون قىلدۇق. ئۆتكەن يىلى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بەش مەھبۇس ئائىلە تاۋابىئاتى ۋەقەنىڭ ئاخباراتقا چىقىشىنىڭ ئۆزلىرىگە ھېچقانداق ئىجابىي ياكى سەلبىي تەسىرى بولمىغانلىقىنى، پەقەت رەسىم ئەۋەتكۈچىگە 5000 سوم جەرىمانە قويۇلغانلىقىنى، بۇ جەرىمانىنى بەش مەھبۇس ئائىلىسىنىڭ ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىپ تۆلىۋەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.