ئامېرىكا دىنىي ئىشلار ئەمەلدارى: خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا تۈپ دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقىغا خىلاپلىق قىلدى
2016.07.11

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئانالىزچىسى تىنا مۇفورد، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا تۈپ دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقىغا خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، روزا تۇتۇش-تۇتماسلىق ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ شەخسى ئەركىنلىكى، بالىلارنىڭ روزا-تۇتۇش-تۇتماسلىقىنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئەمەس، بالىلارنىڭ ئائىلىسى قارار قىلىشى كېرەك.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرقانداق سەۋەب بىلەن باشقىلارنىڭ روزا تۇتۇشىغا ئارىلاشماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن تىنا مۇفورد خانىم ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى پوزىتسىيەسىنى ئۇنىڭ 6-ئىيۇل روزا ھېيت كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىغا دائىر سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرگەندە شەرھلەپ ئۆتتى.
تىنا مۇفورد مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ھۆكۈمىتى پۇقرالىرىنىڭ سالامەتلىكىگە كۆڭۈل بۆلگەندەك، ئۇلارنى ئاسراپ، شەپقەت كۆرسىتىۋاتقاندەك قىلسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بۇ يەردە يەنىلا تۈپ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە سەل قارىغانلىقى مەلۇم.
مۇسۇلمانلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلەش دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە كۆرۈلگەن ئەھۋال ئەمەس. روزا-تۇتۇش تۇتماسلىق ئۇ شەخسنىڭ ئۆزىگە باغلىق. بالىلارغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ تۇتۇش تۇتماسلىقى ئائىلە ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ قارارىغا باغلىق مەسىلە. بۇ دىنىي ئەركىنلىكنىڭ تۈپ پرىنسىپى. نېمىنىڭ پايدىلىق، پايدىلىق ئەمەسلىكىنى ئۇلار ياخشى بىلىدۇ. بۇنى ھۆكۈمەت تاللاپ بەرمەسلىكى كېرەك.»
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى 6-ئىيۇل ئېلان قىلغان باياناتىدا، «كومىتېتىمىز (USCIRF) خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا يۈرگۈزگەن رامزان مەزگىلىدىكى چەكلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلىدۇ» دەپ تەكىتلىگەن.
باياناتتا، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى رەئىسى توماس رېس، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئىشچى -خىزمەتچىلەر، ئوقۇتقۇچىلار ۋە بالىلارنىڭ روزا تۇتۇشى، ئىبادەت بىلەن شۇغۇللىنىشىغا چەكلىمە قويغانلىقىنى تەنقىدلەپ، «ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي ئىبادەت بىلەن شۇغۇللىنىشىغا چەكلىمە قويۇلۇۋاتقانغا ئۇزۇن يىللار بولدى. خۇسۇسەن ئۇلار رامزان ئايلىرىدا ئېغىر كۈلپەتكە ئۇچراپ، بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ‹شىنجاڭدا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا دىنىي ئەركىنلىك كەڭ قويۇۋېتىلدى› دېگەن پىكرىنى يالغانغا چىقىرىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ دىنى ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولغىنى يوق. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز پۇقرالىرىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى رەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئاساسى قانۇنى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىگە ئۆلچەملەرگە خىلاپلىق قىلدى» دېگەن ئىدى.
ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك خاتىرىسىنى ئاقلاپ، بۇ جەھەتتىكى تەنقىدلەرنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلدى. ئۇ، بۇ يىل رامزان ھارپىسىدا ئېلان قىلغان «شىنجاڭنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ئاق تاشلىق كىتابى» دا، مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئىبادەت، دىنىي مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەت، ھەج، دىنىي ھېسسىياتى، دىنىي قۇرۇلۇش، ھالال يېمەك-ئىچمەككە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق ھەر خىل دىنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ قوغدىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئەمما تىنا موفارد، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ئۆلچىمىنى بازارغا سېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ئەگەر خەلقئارا ئۆلچەمنى ئاساس قىلسا، ئۇيغۇر رايونىدا دىنىي ئەركىنلىك يوقلۇقى» نى بىلدۈردى.
تىنا مۇفورد: «خەلقئارا ئۆلچەمنىڭ ئۆزىنى ئاساس قىلسا، شىنجاڭدا دىنىي ئەركىنلىك يوق، بۇ ناھايىتى ئېنىق. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئۆلچىمىنى بازارغا سېلىۋاتقاندەك قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۆلچىمىنىڭ خەلقئارا ئۆلچەملەردىن يىراق ئىكەنلىكىدە ھېچقانداق گۇمان يوق.
مەسىلەن، روزا تۇتۇش مەسىلىسىنىڭ ئۆزىگە قاراپ باقايلى، ئەگەر سىز شەخسلەرنىڭ ئۆز ۋىجدانىغا ئەگىشىپ، رامىزاندا روزا تۇتۇشتەك ئىنتايىن مۇھىم دىنىي پەرىزىنى ئادا قىلىشىغا يول قويمىسىڭىز، دېمەك ناھايىتى ئېنىقكى، سىز دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ خەلقئارا ئۆلچىمىگە ئەمەل قىلمايۋاتىسىز» دېدى.
بەزى مۇتەخەسسىسلەر، خىتاي چوڭ دۆلەت بولسىمۇ، ئەمما خەلقئارا ئۆلچەملەرگە ئەمەل قىلىش مەسىلىسىدە ئۇنىڭ بەزى ئافرىقا دۆلەتلىرىگە يەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ قاراشنى ئامېرىكا مارىلاند فروستبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى، پروفېسسور ما خەييۈن ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويدى.
ما خەييۈن مۇنداق دەيدۇ: «گەرچە ئۇ (خىتاي) نوپۇس، زېمىن ۋە ئىقتىسادى چوڭ دۆلەت بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ خەلقئارا ئۆلچەملەرگە ئەمەل قىلىش جەھەتتىكى ئەھۋالى ئادەتتىكى ئافرىقا دۆلەتلىرىگە يەتمەيدۇ. خۇسۇسەن كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش جەھەتتىكى ئەھۋالى. شۇڭا، سىز ئۇلارنىڭ ئىش ھەرىكىتىنى خەلقئارا ئۆلچەم بىلەن سېلىشتۇرسىڭىز، ئۇلارنى سېلىشتۇرۇشقا ئامالسىز قالىسىز، چۈنكى، دۇنيادىكى بىر قانچە دىكتاتور دۆلەتتىن باشقا باشقا بارلىق دۆلەتلەردە ئاياللار ۋە بالىلار قوغدىلىدۇ. شۇڭا، ھازىر نىڭشيا، گەنسۇ، شىنجاڭ قاتارلىق مۇسۇلمان رايونلىرىدا مەيدانغا كەلگەن مۇسۇلمانلارغا قارشى سۆز-ھەرىكەتلەر بىر خىل ‹سىياسىي ھايانكەشىك›، ‹بىلىمسىزلىك› كە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇنىڭ باشقا بۇ يەنە، ئەمەلدارلارنىڭ دىققەتنى باشقا ياققا بۇراپ، شەخسىي خىيانەتچىلىكىنى يېپىشنىڭ بىر چارىسى.»
ما خەييۈن بۇ قارىشىنى يېقىندا رادىئويىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا تەكىتلىگەن ئىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ دىنىي سىياسىتى، خىتايدا مۇسۇلمانلارغا قارشى كەيپىياتنىڭ كۈچىيىشى، بۇ كومپارتىيەسى ئىچىدىكى سىياسىي گۇرۇھلار كۈرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
ما خەييۈن، پارتىيە ئىچىدىكى بەزى گۇرۇھلارنىڭ توقۇنۇش پەيدا قىلىپ، ئۆزىنىڭ سىياسىي ئورنىنى مۇستەھكەملەشنىڭ پېيىدا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ما خەييۈن: «ھازىرقى خىتاي ۋەزىيىتى ناھايىتى ئوسال. شۇڭا، ئۇلار ھەرقانداق بىر نەرسىنى باھانە قىلىپ، توقۇنۇش ۋە جىددىيلىك پەيدا قىلالايدۇ. ئۇلار جىددىيلىك ۋە توقۇنۇش پەيدا قىلىشقا باھانە تاپسا، ئۆزلىرىنى قۇتۇلدۇرغان بولىدۇ» دەپ كۆرسەتتى.
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ باياناتى پاكىستان دىنىي تەكشۈرۈش ئۆمىكى 26-ئىيۇن ئۇيغۇر رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، پاكىستان دىنىي ئىشلار مىنىستىرلىقىغا تەكشۈرۈش دوكلاتى سۇنغان، ئۇ تەكشۈرۈش دوكلاتىدا دىنىي ئەركىنلىكنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا چەكلەنگەنلىكىنى رەت قىلغان مەزگىلدە ئېلان قىلىنغان ئىدى.
تىنا مۇفورد دۈشەنبە كۈنى مۇخبىرىمىزغا بەرگەن باياناتىدا، پاكىستان دىنىي ئۆمىكىنىڭ تەكشۈرۈشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق ئورۇنلاشتۇرۇشى، كونترول قىلىشى بىلەن ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
تىنا مۇفور مۇنداق دەيدۇ: «ماڭا شۇ نەرسە ئېنىقكى، پاكىستان ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ زىيارىتى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن پىلانلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھەم ئۇنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان. ئۇلار مەزكۇر چەتئەل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ زىيارىتىگە ناھايىتى ئوبدان تەييارلىق قىلغان ھەم ئۇستىلىق بىلەن ئويۇن قويۇپ، ئۇ يەردىكى ھەقىقىي ئەھۋال ۋە رېئاللىقنى ياساپ كۆرسەتكەن. ئېھتىمال، پاكىستان ۋەكىللەر ئۆمىكى پۇقرالارنىڭ دىنىي ئىبادىتىنى 'ئەركىن 'قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن. بىراق بۇ ھەرگىز شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا قانداق ئىشلارنىڭ بولىۋاتقانلىقىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. ئېھتىمال ناھايىتى ئوبدان ئويۇن قويۇلدى.»