كۆزەتكۈچىلەر: «پاكىتلار ئۇيغۇر ئېلىدا دىنىي ئەركىنلىكىنىڭ داۋاملىق چەكلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە»

0:00 / 0:00

ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ھوقۇقلىرىنىڭ چەكلىنىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاساسلىق دىنىي بۇرچلىرىنى ئادا قىلىشىنىڭمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچراۋاتقانلىقى خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى تەرىپىدىن بىردەك تىلغا ئېلىنىپ كەلگەن. بىراق بۇ يىل خىتاي ھۆكۈمىتى مانا بۇ ئەيىبلەشلەرنىڭ ئەكسىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ھوقۇقلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تەشۋىقاتلىرىنى كۈچەيتتى. ئۇلار، بۇ يىل رامىزان كىرىشتىن ئاۋۋال «شىنجاڭنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ئاقتاشلىق كىتابى» نى ئېلان قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئىبادەت، دىنىي مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەت، ھەج، دىنىي ھېسسىياتى، دىنىي قۇرۇلۇش، ھالال يېمەك-ئىچمەككە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق ھەر خىل دىنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن، يەنە خىتاي ھۆكۈمىتى پاكىستاندىكى نوپۇزلۇق دىنى زاتلاردىن تەركىب تاپقان 4 كىشىلىك ھەيئەتنى ئۇيغۇر ئېلىگە تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا روزى تۇتۇشنىڭ چەكلەنگەن-چەكلەنمىگەنلىكىنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. پاكىستان دىنىي ئىشلار تەكشۈرۈش ئۆمىكى 26‏-ئىيۇندىن 28 ‏-ئىيۇنغا قەدەر ئۇيغۇر رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، پاكىستانغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدا روزىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى دەلىللەيدىغان بىر ئەھۋالنى بايقىمىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە «شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى تولۇق كاپالەتكە ئىگە ئىكەن» دەپ خۇلاسە چىقاردى.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى بولسا بۇ مەسىلىگە قارىتا يېقىندا بىر بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى ھەققىدىكى تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىشىنىڭ دىققەت تارتىشقا تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭمۇ ئىشەنچلىك ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. مەزكۇر ئورگاننىڭ تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجافىسكى بۈگۈن رادىئومىزغا قىلغان سۆزىدە مانا بۇ نۇقتىنى تەكىتلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ھەقىقەتەن دۇنياغا ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايمەن دەيدىكەن، ئۇ ھالدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دىن ۋە ئېتىقاد ئالاھىدە دوكلاتچىسىنى ئۇ يەرگە تەكلىپ قىلىشى كېرەك شۇنداقلا ھەرقايسى دۆلەتلەر دىپلوماتلىرى، مۇخبىرلارنىڭ شەرتسىز ھالدا ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىشىغا رۇخسەت قىلىشى ھەم ئۇيغۇرلارمۇ ئۇلار بىلەن قورقماي تۇرۇپ سۆزلىشەلىشى كېرەك.»

خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەللەرگە قاراتقان تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش بىلەن ئوخشاش ۋاقىتتا، چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى دەلىللىرى ئارقىلىق خەۋەر قىلماقتا. «ئوتتۇرا شەرق خەۋەر ھەپتىلىكى» يېقىندا «خىتايدىكى مۇسۇلمانلار-ئەجدىھا ۋە ھىلال ئاي» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان خەۋەر ماقالىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ھوقۇقلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دەپسەندە قىلىشىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. مەزكۇر ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ گېزىت خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىنىڭ رامزاندا ئوچۇق تۇرۇشقا مەجبۇرلىنىدىغانلىقىنىڭ راست-يالغانلىقىنى سورىغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ گېزىتكە قايتۇرغان رەسمىي جاۋابىدا خىتايدا دىنىي ئەركىنلىكنىڭ قانۇن ئارقىلىق قوغدىلىدىغانلىقىنى، شىنجاڭدا ھېچكىمنىڭ دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك جازالىنىپ باقمىغانلىقىنى، رامىزان مەزگىلىدە ئاشخانىنى ئېچىش ياكى ئاچماسلىقنىڭمۇ رېستوران خوجايىنلىرىنىڭ ئىختىيارلىقىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بىراق، بۇ گېزىتنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر مۇخبىرى ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىپ يۇقىرىدىكى بايانغا زىت ئەھۋاللارنى كۆرگەن. مەسىلەن، قەشقەردىكى بىر ئاشخانىدا كۈتكۈچىلىك قىلىدىغان بىرى مۇخبىرغا دائىرىلەرنىڭ ئۆزلىرىنى ئاشخانىنى ئېچىشقا مەجبۇرلىغانلىقىنى، ھېچقانداق خېرىدار كىرمىسىمۇ ئاشخانىنى پۈتۈن كۈن ئوچۇق تۇتۇشنىڭ تولىمۇ بىمەنىلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن.

نەنجىڭدىكى مەلۇم بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان خوتەنلىك بىر ئۇيغۇر قىزىمۇ مۇخبىرغا مەكتەپ دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ياغلىق چىگىپ، ناماز ئوقۇشتىن چەكلەيدىغانلىقىنى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ياتاقداشلارنى ئۇلارنى كۆزىتىشكە قويىدىغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ نېمە قىلىۋاتقان، نېمە دەۋاتقانلىقىنى، ھەممىنى دائىرىلەرنىڭ بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى، شۇڭا ھەممەيلەننىڭ بىر-بىرىدىن ئېھتىيات قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ «ئۇلارنىڭ ئوقۇتقۇچى ياكى ساقچىلىقى ئېنىق ئەمەس» دېگەن.

ئۇ شۇنداقلا يۇرتى خوتەندىمۇ ساقچىلارنىڭ گۇمانلىق كۆرۈنگەن كىشىلەرنى بولۇپمۇ ئۇيغۇر ياشلارنى خالىغانچە توختىتىپ، ئۇلارنىڭ قول تېلېفونلىرىنى تەكشۈرەلەيدىغانلىقىنى، ئۇ يەردىكى ۋەزىيەت ھەققىدە سۆز قىلىشنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىكلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن.

ھېنرىي شاجافىسكى ئەپەندى بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ھوقۇقلىرىنىڭ چەكلىنىش مەسىلىسىدە بۇ يىل رامىزاندىمۇ ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ سۆزىدە، «ئۇيغۇر دۆلەت كادىرلىرى، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ئوخشاشلا روزى تۇتۇشتىن چەكلەندى. ھۆكۈمەت يەنىمۇ كۆپ ھۆججەتلەرنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق دىنىي پائالىيەتلەرنى چەكلەشنى قانۇنلاشتۇردى» دېدى. ئۇ شۇنداقلا سۆزىدە، خىتايدا پەقەت ئاز قىسىم كىشىلەرنىڭلا ئەمەس، ھەممە كىشىنىڭ دىنغا ئېشىنىش ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئوتتۇرا شەرق خەۋەر ھەپتىلىكىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەزكۇر گېزىتكە يازغان خېتىدە دىنىي رادىكاللىقنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا بولۇپمۇ ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا كەڭ يامراۋاتقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام تەشكىلاتى بىلەن بولغان كۈرەشنىڭ خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتىكى ئاساسلىق نىشانى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

بىراق، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋاشىنگتون ئىشخانىسى دىرېكتورى تى كۇمار ئەپەندى رادىئومىزغا قىلغان سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي رادىكاللىقنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە «دىنغا ئىشىنىش ھەر بىر كىشىنىڭ ئەڭ ئاساسىي ھوقۇقى. روزى تۇتۇش تىنچلىقپەرۋەر بىر ئىش. ئەگەر بىر ھۆكۈمەت بۇنىڭغىمۇ رۇخسەت قىلمىسا، ئۇ ھالدا ئۇ رادىكاللىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە تېخىمۇ زور مەسىلە يارىتىدۇ. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي رادىكاللىقنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا قارشى تۇرىمىز» دېدى.