ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە خەلقئارادا تەنقىد قىلىنىۋاتقان «تېررورلۇق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك» ئىدىيىسى مەۋجۇتمۇ؟

0:00 / 0:00

شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان دىنىي زىيالىي ئابدۇللا ئەھەد خوتەن ۋىلايەتلىك مىللەت-دىن ئىشلىرى ئىدارىسىدىكى كادىرلار تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «خوتەندىكى قېرىنداشلار، بىز دىنىي ئەسەبىيلىككە قاچانغىچە يول قويىمىز؟» ناملىق ئوچۇق خەتكە قارىتا ئۆز كۆز قارىشىنى بايان قىلدى.

خوتەن ۋىلايەتلىك ئاتالمىش مىللەت-دىن ئىشلىرى كومىتېتىدىكى كادىرلار نامىدا 2014-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى ئېلان قىلىنغان «خوتەندىكى قېرىنداشلار، بىز دىنىي ئەسەبىيلىككە قاچانغىچە يول قويىمىز؟» ناملىق ئوچۇق خەت ئىدارە ئورگاننىڭ رەسمىي مەسئۇلىنىڭ نامىدا ئەمەس، ئالتە خىتاي، يەتتە ئۇيغۇر نامىدىن ئېلان قىلىنغان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى داۋا قىلغاندەك، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە «تېررورلۇق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك» ئىدىيىسى زادى مەۋجۇتمۇ ئەمەسمۇ؟ بۈگۈنكى كۈندە خەلقئارادا تەنقىد قىلىنىۋاتقان «تېررورلۇق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك» ئىدىيىسىنىڭ خەلقئارادا بىرلىككە كەلگەن ئۆلچىمى بىلەن خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارغا قارشى داۋا قىلغان ئاتالمىش «تېررور، ئۈچ خىل كۈچ» ئۇقۇمىنىڭ ئۆلچىمى ئارىسىدىكى پەرقلەر نەدە؟ ئىسلام دۇنياسىدا تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان «دىندا ئوتتۇراھال يول تۇتۇش» يۈكسەك ئىدىيىسى بىلەن خىتاي دائىرىلىرى تەشۋىق قىلىۋاتقان «جەمئىيەتتىكى قويۇق دىنىي كەيپىياتنى ئاجىزلىتىش» ماھىيەتتە ئاتېئىزم تەتۈر تەشۋىقاتىنىڭ ئوخشاشمايدىغان تەرەپلىرى قايسى؟

دىنىي زىيالىي ئابدۇللا ئەھەد يۇقىرىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ‏دەرۋەقە، ئۇيغۇرلار مىڭ يىلدىن بىرى ئېتىقاد قىلىپ كېلىۋاتقان ئىسلام دىنى بولسا تىنچلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان، تىنچلىقنى سۆيىدىغان ۋە ئۇنى قەدىرلەيدىغان ھەمدە مىللىي كېڭەيمىچىلىك ۋە قوشنا دۆلەتلەرگە تاجاۋۇز قىلىپ بېسىۋېلىشنى، مۇستەبىتلىك تۈزۈمنى، ئاتېئىزم-خۇداسىزلىق ئىدىيىسىنى كۈچلۈك تەنقىد قىلىدىغان بىر دىن. «قۇرئان كەرىم» بارلىق ئېتىقادچىلارنىڭ ئەمەل قىلىدىغان ھەرىكەت مىزانى بولۇپ، ئۇ تىنچلىققا چاقىرىق قىلىپ، زوراۋانلىققا، ئىستىبدات تۈزۈمگە قارشى تۇرىدۇ. بارلىق ھاياتلىققا ھۆرمەت قىلىدۇ، مۇسۇلمانلار بىلەن تىنچ ئۆتۈشنى خالىغان غەيرىي مۇسۇلمانلار ئارا ھەمدە ئوخشىمىغان مىللەتلەر ئۆز-ئارا، ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتۈشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. شۇنداقلا خىتاي دائىرىلىرىگە ئوخشاش ئاتېئىزم بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ يېقىن قوشنىسى بولغان شەرقى تۈركىستانغا، تىبەتكە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ ئۇلارنىڭ دىنىنى، ئەركىنلىكىنى بوغۇپ، كوممۇنىزم خۇداسىزلىق ئىدىيىسىنى يەرلىك ئاممىغا مەجبۇرىي تېڭىپ، مېڭە يۇيۇش تەتۈر ئىنقىلابى قوزغىغان، ئاممىنىڭ ئېتىقادى، تەبىئىي بايلىقى، مىللىي كىملىكى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادىتىگە ئارىلىشىۋېلىپ، خەلقىنىڭ ھاياتىغا تەھدىت سېلىۋاتقان تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەش قىلىشنىمۇ بۇيرۇيدۇ.

مۇقەددەس «قۇرئان كەرىم» دە مۇنداق دېيىلىدۇ: «ئى مۆمىنلەر! ئىسلام دىنىغا پۈتۈنلەي كىرىڭلار (يەنى ئىسلام دىنىنىڭ پۈتۈن ئەھكاملىرىغا بويسۇنۇڭلار، بەزى ئەھكاملىرىغا ئەمەل قىلىپ، بەزى ئەھكاملىرىنى تەرك ئەتمەڭلار)، ئاللاغا ئىشەنمەيدىغان شەيتاننىڭ يوللىرىغا (ۋە ئىغۋاسىغا) ئەگەشمەڭلار، شەيتان سىلەرگە ھەقىقەتەن ئاشكارا دۈشمەندۇر (2-سۈرە بەقەرە 208-ئايەت)»؛ «ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار»(5-سۈرە مائىدە 2-ئايەتنىڭ بىر قىسمى)؛ «ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن بىر ئەر، بىر ئايالدىن، (ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن ئىبارەت) بىر ئاتا، بىر ئانىدىن ياراتتۇق، ئۆز-ئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق(49-سۈرە ھۇجرات 13-ئايەتنىڭ بىر قىسمى)».

دىنىي زىيالىي ئابدۇللا ئەھەد «ئەمەلىيەتتە، شەرقى تۈركىستانلىقلار ھېچ بىر زامان خىتاينىڭ بىرەر غېرىچ زېمىنىنى بېسىۋالمىدى بەلكى يوقىتىپ قويغان دۆلىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تاجاۋۇزچى خىتايلارنى قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن ھەرخىل قارشىلىقلارنى بىلدۈردى. خەلقئارادىكى كۆپ سانلىق دۆلەتلەر ئېتىراپ قىلغىنىدەك، شەرقى تۈركىستانلىقلار ئېلىپ بېرىۋاتقان قارشىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكىتى «تېررورلۇق، زوراۋانلىق» ھەرىكىتى بولماستىن، بەلكى ئەركىنلىك، ئازادلىق ئۇرۇشى، بۇ ئۇرۇش تاكى خىتاي دائىرىلىرى شەرقى تۈركىستاننى تاشلاپ ئۆز يۇرتلىرىغا چېكىنىپ چىقىپ كەتكەنگە قەدەر داۋاملىشىدۇ» دەپ كۆرسەتتى.

ئۇ سۆزىدە، مەزكۇر ھەرىكەتلەرنىڭ تېررورلۇق بىلەن ھېچ بىر ئالاقىسى يوقلۇقىنى، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بۈگۈنكى كۈندە خەلقئارادا تەنقىد قىلىنىۋاتقان «تېررورلۇق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك» ئىدىيىسى مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كوممۇنىزم خۇداسىزلىق ئىدىيەسىنىڭ ئىسلام ئىدىيىسى بىلەن تامامەن بىر-بىرىگە قارشىلىقىنى، شۇڭا ئۇلار پارتىيە ئەزالىرىنىڭ دىنغا چوقۇنماسلىقىنى، روزا، نامازغا ئوخشاش دىنىي پائالىيەتكە قاتناشماسلىقىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

ئابدۇللا ئەھەد سۆزىدە «ئەجەبا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قۇرئاندىن ئايەتنى ئۆز خاھىشىچە خالىغان ئورۇندا بۇرمىلاپ دەلىل كەلتۈرۈۋاتقانلىقىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ سىياسىي مەنپەئىتىگە توغرىلاپ تەپسىر قىلىۋاتقان، كوللېكتىپ سەپسەتە يېزىۋاتقان بەزى موللىلار بىلمەسمۇ؟ ئاللادىن قورقمىغان بۇ موللىلار دوزاختىنمۇ قورقمايدۇ. ئىسلام دىنى بىلەن كوممۇنىزم ئىدىيىسىنىڭ بىر-بىرىگە تامامەن قارمۇ-قارشىلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئىسلامنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مۇستەملىكىسىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلار-دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئاللانىڭ غەزىپىگە يولۇقۇپ ھالاك بولغۇچىلاردۇر» دەپ كۆرسەتتى.