خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى: خىتاي دىنىي ئېتىقادنى بوغىدىغان قانۇنلىرىنى بىكار قىلىشى شەرت

0:00 / 0:00

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قۇربان ھېيت ھارپىسىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينى دىنىي ئېتىقادنى بوغىدىغان يېڭى قانۇنلىرىنى بىكار قىلىشقا چاقىردى. ماقالىدە ئەگەر مەزكۇر ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەن دىنىي ئىشلار مىزانى ماقۇللانسا بۇنىڭ خىتايدا دىنىي پائالىيەتنىڭ بارلىق تۈرلىرىنى مۇتلەق كونتروللۇققا ئالىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ماقالىدە يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يېقىندا ماقۇللىغان «رادىكاللىقنى تۈگىتىش مىزانى» ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ھوقۇقلىرىغا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دەخلى-تەرۇز قىلدى، دەپ ئەيىبلەندى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى شەرقىي ئاسىيا بۆلۈمى دىرېكتورى روسېين رىف تەرىپىدىن 31-ئاۋغۇست ئېلان قىلىنغان «خىتاي نېمە ئۈچۈن دىنىي ئېتىقادنى بوغىدىغان يېڭى قانۇنلىرىنى بىكار قىلىشى شەرت ؟» ماۋزۇلۇق ماقالىدە، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى، تىبەت بۇددىستلىرى ۋە خىتاي خرىستىئان مۇرىتلىرىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنىڭ بېسىمغا ئۇچراش مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، ئەمما نۇقتىلىق ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىنى، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ھەجگە بېرىشىنىمۇ قاتتىق چەكلەۋاتقانلىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.

ماقالىدە «دۇنيادىكى مىليونلىغان مۇسۇلمانلار ھەجىگە تەييارلىنىۋاتقاندا، خىتايدىن ئۆز ئالدىغا ھەجگە بېرىشنى ئارزۇ قىلىۋاتقانلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئورنىغا تۈرمىگە بارىدىغاندەك تۇرىدۇ. بۇ يىلنىڭ بېشىدا خىتاي دائىرىلىرى 200 دەك ئۇيغۇرنى ئۆز ئالدىغا سەپەرگە چىققانلىقى ئۈچۈن قولغا ئالدى. ھۆكۈمەت ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىنى ‹تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش› نامى ئاستىدا قاتتىق قوللۇق بىلەن چەكلەپ كەلمەكتە» دەپ كۆرسىتىلگەن.

روسېين رىف خانىم ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى چەكلەش يۈزىسىدىن بۇ يىل مارتتا، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپلا يولغا قويغان «رادىكاللىقنى تۈگىتىش مىزانى» غا ئوخشاش يەرلىك قاتتىق تەدبىرلەرنى ئېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي كىيىم-كېچەكلىرىنى كىيىشى، ئاياللارنىڭ ھىجابلىنىشى، ئەرلەرنىڭ ساقال قويۇشى، پەرزەنتلىرىنى دىنىي ئەقىدىلەر بىلەن تەربىيىلىشى، مەسچىتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئۆشرە -زاكات يىغىشنىمۇ چەكلىگەنلىكىنى بايان قىلغان.

ئۇ يەنە، ئۇيغۇرلار دىيارىدا يۇقىرىلارنىڭ ئۆرپ-ئادەت كاتېگورىيەسىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىمۇ ئېتىبارغا ئېلىنماستىن، بۇ ئەھۋاللارنىڭ ھەر قاندىقىنىڭ رادىكاللىق سانىلىپ، «جىنايەت» كە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى تەكىتلىگەن. بۇنىڭغا يېقىندا بىر ئۇيغۇر كادىرنىڭ دىنىي زاتلار ئالدىدا تاماكا چېكىشتىن ئەيمەنگىنىنىڭمۇ «رادىكاللىقنىڭ ئىپادىسى» سانىلىپ، جازالانغانلىقىنى مىسالغا ئالغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2016-يىلى سېنتەبىردە 2005-يىلىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىپ كەلگەن «دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش نىزامى» غا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى ئېلان قىلغان قىلدى.

بۇ نىزامنىڭ ئۆزگەرتىلگەن نۇسخىسىغا «تارقاق ھەج قىلغۇچىلارغا 200 مىڭ سوم جەرىمانە قويۇش» دېگەنگە ئوخشاش مەزمۇنلار كىرگۈزۈلۈپ، دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارغا قارىتىلغان قانۇنىي، مەمۇرىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتلەردىكى جازالارنىڭ ئېغىرلاشتۇرۇلغانلىقى مەلۇم.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ بۇ يىللىق دىنىي ئەركىنلىك توغرىسىدىكى دوكلاتىدا قەيت قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2016‏-يىلى 7‏-سېنتەبىردە چىقارغان «دىنىي ئىشلار باشقۇرۇش نىزامى» دائىرىلەرگە زور ھوقۇقلارنى بېرىپ، ئۇلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلەرنى نازارەت قىلىش، كونترول قىلىش، بەزى دىنىي ئىبادەتلەرنى چەكلەش ھوقۇقىنى كېڭەيتكەن.

دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە يەنە، نەتىجىدە «مەزكۇر نىزام ئاتالمىش ‹سىڭىپ كىرىش ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش› دېگەن نام بىلەن، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ، خۇسۇسەن بۇددىست تىبەتلەر، مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار ۋە يەر ئاستى خرىستىئان چېركاۋلىرىنىڭ قاتتىق باستۇرۇلۇشىغا يول ئاچقان.»

روسېين رىف خانىم ماقالىسىدە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرىقى ئەندىشىسى قايتا ئەسكەرتىپ «ئەگەر مەزكۇر ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەن دىنىي ئىشلار مىزانى ماقۇللانسا بۇنىڭ خىتايدا دىنىي پائالىيەتنىڭ بارلىق تۈرلىرىنى مۇتلەق كونتروللۇققا ئالىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.

ئۇ يەنە، خىتاينى دىنىي ئېتىقادنى بوغىدىغان يېڭى قانۇنلىرىنى بىكار قىلىشقا چاقىرىپ «خىتاي ھۆكۈمىتى دىنىي ئەركىنلىكنى بوغىدىغان بۇ قانۇنلارنى بىكار قىلىشى شەرت، چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل دىنىي ئېتىقادنى چەكلەيدىغان قانۇن ۋە ‹دىنىي ئىشلار باشقۇرۇش نىزامى› لىرىنى بىكار قىلمىغاندا، خىتايدا يەنىمۇ كۆپ دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار ئۆلۈم جازاسىغا ئۇچرىشى مۇمكىن» دېگەن.

تەتقىقاتچى روسېيىن ماقالىسىدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «تېررورلۇق» ۋە «ئەسەبىيلىك» كە قارشى تۇرۇش نامىدىكى دىنىي باستۇرۇشنىڭ ئۇيغۇر رايونلىرىدا ئالاھىدە ئېغىرلاشقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «دىنىي ئەركىنلىك كاپالەتكە ئىگە قىلىنمىغان تەقدىردە، رايوندىكى زىددىيەت ئەكسىچە تېخىمۇ ئۆتكۈرلىشىپ كېتىدۇ» دېگەن ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى دىنىي پائالىيەتلەرنى كونترول قىلىشنى، چەكلەشنى ۋە دىنغا ئىشەنگۈچىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىۋاتقان بارلىق قانۇن-تۈزۈملىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا چاقىرغان.

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي ئېتىقاد چەكلىمە سىياسەتلىرى ئىزچىل ھالدا خەلقئارالىق تەشكىلات ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلمەكتە.

بۇنىڭ ئالدىدا ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى 15-ئاۋغۇست كۈنى «2016-يىللىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتى» نى ئېلان قىلدى.

مەزكۇر دوكلاتتا ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادقا مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلىرى، جۈملىدىن خىتايدىكى دىنىي ئېتىقاد ئەھۋالى تەپسىلىي باھالىنىپ «خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل ھالدا پۇقرالارنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىپ كەلمەكتە» دەپ خۇلاسە چىقىرىلغان ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دىنىي ئىشلار كومىتېتى رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋەزىيىتىنىڭ خەلقئارالىق جەمئىيەتلەرنىڭ كۆزىتىشى ئاستىدا ئىكەنلىكىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئۈمىد بەرسىمۇ، ئەمما ھەر قانداق دىنىي پائالىيەتلەرنى تەقىبگە ئېلىپ كېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا پەرقلىق ھالدىكى قاتتىق بېسىم سىياسەتلىرىنى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ، خىتاينىڭ تۇيغۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرىنى بەجا كەلتۈرۈشىگىلا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتى، مەدەنىيەت، ئۆرۈپ ئادەتلىرى بويىچە ياشىشىغىمۇ يول قويمايۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان چەكلىمىلەرنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئېتىقادىدىن ۋاز كەچتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ئابدۇغېنى ئەپەندى مۇلاھىزىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئېتىقادىنى چەكلەشنى مەقسەت قىلغان زۇلۇم سىياسەتلىرى، دىنغىلا قارىتىلغان چەكلىمىلا ئەمەس، بەلكى دىننى باھانە قىلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر قانداق ھوقۇقىنى سۈپۈرۈپ تاشلاشنى كۆزلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ئىچى ۋە سىرتىدىكى ۋەزىيىتى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ بەلگىلىك دىققىتىنى قوزغاۋاتقان بولسىمۇ، مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ۋە ئىسلام تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇنىڭغا نىسبەتەن پاسسىپ پوزىتسىيىدە بولۇپ كەلگەنلىكىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ئويلىغانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇنىڭدا مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى، دۆلەت مەنپەئەتىنى دىنىي ۋە ئىنسانىي مەسئۇلىيەتتىن ئۈستۈن كۆرگەنلىكى سەۋەب بولغاندىن باشقا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئۆزىنىڭ دەۋاسىنى ئاڭلىتىشتا ئاجىزلىق قىلغانلىقىنىمۇ ئېتىراپ قىلىشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.