تۈركىيە دىنىي ئىشلار مىنىستىرى ئۈرۈمچىدە دىنىي ئېتىقادنىڭ مۇھىملىقى ۋە دىنىي ئەركىنلىكنىڭ تىنچلىقنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى

0:00 / 0:00

تۈركىيە دىنىي ئىشلار مىنىستىرى مەھمەت گۆرمەز 2013-يىلى 9-سېنتەبىر، دۈشەنبە كۈنى رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن 8 كىشىلىك بىر ھەيئەت بىلەن ئۈرۈمچىگە يېتىپ باردى.

مەھمەت گۆرمەز ئۈرۈمچىدە نۇر بەكرى بىلەن ئۇچراشتى ۋە دىنىي ئېتىقادنىڭ مۇھىملىقى ھەم دىنىي ئەركىنلىكنىڭ تىنچلىقنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەھمەت گۆرمەز نۇر بەكرى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەت جەريانىدا، دىنىي ئەركىنلىكنىڭ ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسى ۋە ۋىجدان ئەركىنلىكىنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

پروفېسسور مەھمەت گۆرمەز سۆزىدە يەنە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي دىنىي ئىشلار ئىدارىسى ۋە خىتاي ئىسلام جەمئىيىتى بىلەن مۇھىم مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتمىگەن تەقدىردە، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەردە توغرا نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

مەھمەت گۆرمەز دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: ئىنسان ئۆزىنىڭ دىنىي ئېتىقادى بىلەن ياشاش توغرىسىدا قانچىلىك ئەركىن بولسا بىرلىكتە تىنچلىق ئىچىدە ياشاشمۇ شۇنچىلىك كۈچلۈك بولىدۇ. دىنىي ئېتىقادقا ئەڭ كىچىك بىر بېسىم يۈرگۈزۈلسە جەمئىيەتتە ھۇزۇر ۋە تىنچلىق يوقايدۇ.

ئانادولۇ خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، مەھمەت گۆرمەز ئۈرۈمچىدىكى ئىسلام جەمئىيىتىنى ۋە ئىسلام ئىنستىتۇتىنى زىيارەت قىلدى. ئىسلام ئىنستىتۇتىدا مەھمەت گۆرمەز ئەپەندىنى ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز كۈتۈۋالدى. مەھمەت گۆرمەز ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىنىپلىرىنى زىيارەت قىلىپ ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى مەسچىتتە بىرلىكتە ناماز ئوقۇدى.

مەھمەت گۆرمەزنىڭ كېيىنكى زىيارەت بېكىتى قەشقەر بولۇپ، قەشقەر زىيارىتى جەريانىدا قەشقەر ھېيتگاھ مەسچىتىدە ئۇيغۇر جامائىتىگە سۆز قىلىدىكەن. مەھمۇت قەشقىرىنىڭ مەقبەرىسىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن قەشقەر زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، تۇڭگان مۇسۇلمانلارنىڭ يۇرتى بولغان نىڭشا تۇڭگان ئاپتونوم رايونىنىڭ يىنچۈئەن شەھىرىدە ئېچىلغان تۈرك-ئىسلام مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىدىكەن. ئۇ يەردە تۇڭگان مۇسۇلمانلار بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن بېيجىڭغا بېرىپ خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن دىنى ئىشلاردا ھەمكارلىق ئورنىتىش توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بارىدىكەن.

خەۋەرلەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئەمەلدارلىرى پروفېسسور مەھمەت گۆرمەزنىڭ ئۈرۈمچى ۋە قەشقەر زىيارىتى جەريانىدا خىتايدىكى تۈرك مۇخبىرلارنىڭ مەھمەت گۆرمەزنىڭ زىيارىتىگە قاتنىشىشى كېرەك ئەمەس دېگەن ۋە مۇخبىرلارنىڭ قاتنىشىشنى ئۇيغۇن كۆرمىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

تۈركىيە دىنىي ئىشلار مىنىستىرى مەھمەت گۆرمەز ئەپەندىنىڭ ئۈرۈمچى زىيارىتى توغرىسىدا بۈگۈن تۈركىيەنىڭ پۈتۈن ئاخباراتلىرى ۋە تېلېۋىزىيە قاناللىرى خەۋەر تارقاتتى. ئەمما خىتاي ئاخباراتلىرىدا تەپسىلىي ئۇچۇر بېرىلمىگەنلىكى ئىگىلىرى سۈرۈلدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئۆتكەن يىلى خىتاي دىنىي ئىشلار ئىدارىسى بىلەن تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى ئوتتۇرىسىدا دىنىي تەلىم تەربىيە ۋە دىن خىزمەتلىرى ساھەلەردە ئورتاق خىزمەت قىلىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا كېلىشىم تۈزۈپ ئىمزالانغان. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەھمەت گۆرمەز مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، ئۇيغۇر دىيارىدا قۇرئان كەرىم بېسىپ تارقىتىش، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى دىنىي تەلىم تەربىيە بېرىش، دىنىي خىزمەت-پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا خىتاي تەرەپ بىلەن ھەمكارلىق قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە دىنىي ئىشلار رەھبىرى مەھمەت گۆرمەز باشچىلىقىدىكى ھەيئەتنىڭ ئۈرۈمچى زىيارىتى ۋە نۇر بەكرىگە دىنىي ئەركىنلىكتىن سۆز قىلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى ئۈچۈن پايدىسى بولامدۇ؟ خىتاينىڭ دىنىي بېسىم سىياسىتىنىڭ بىر ئاز بولسىمۇ ئازىيىشىغا تۈرتكە بولارمۇ؟ بۇ زىيارەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا قانداق سەلبىي ياكى ئىجابىي تەسىرى بولىدۇ؟ بۇ ھەقتە پىكىر قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.