سەمەت ئابلا: «ئۇيغۇر ياشلىرىنى ساقلاپ قېلىۋاتقان مۇستەھكەم قورغان دەل دىنىي ئەقىدە»

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئاتالمىش دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش نامىدىكى سىياسىي ھەرىكىتى نۆۋەتتە ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئەۋج ئېلىشقا باشلىدى.

شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مۇشۇ ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلار ۋەكىللىرىنى يىغىپ، «دىننىڭ سىڭىپ كىرىشىگە قارشى تۇرۇش ۋە مۇداپىئەلىنىش» تېمىسىدا سۆھبەت يىغىنى ئاچقان. شۇنداقلا باشقا ئالىي مەكتەپلەردىمۇ داۋام قىلىۋاتقان بۇ خىلدىكى كەڭ كۆلەملىك سىياسىي پائالىيەتلەردە دائىرىلەر ئاساسەن، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلاردىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭدا دىنىي ئەسەبىي ئىدىيىنىڭ مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشىگە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قارشى تۇرۇش كېرەك» دېگەن يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ھەمدە بۇ ھەقتىكى تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرۇلمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.

تەجرىبىلىك مائارىپچى، نورۋېگىيەدىكى ئاكتىپ سىياسىي پائالىيەتچى سەمەت ئابلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش «دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» ھەرىكىتىنىڭ نۆۋەتتە نۇقتىلىق ھالدا ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا كۈچەيتىلىشىنىڭ سەۋەبلىرى ۋە بۇنىڭ تەسىرلىرى ھەققىدە ئۆزىنىڭ كۆز- قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.