ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر: خىتاينىڭ ISIS نى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا داۋاملىق بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئېھتىماللىقى زور

0:00 / 0:00

نۆۋەتتە، ئامېرىكا كەڭ خەلقئارا ئىتتىپاق تەشكىللەپ، ISIS ئىراق-شام ئىسلام دۆلىتىگە قارشى ھەرىكەتكە ئۆتتى. ئامېرىكىنىڭ پىلانى خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ خەلقئارا ئىتتىپاق قۇرۇپ، مەزكۇر رادىكال گۇرۇھقا قارشى قويۇش.

ئاقساراينىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى سۇزان رايىس، خىتايغا قىلغان زىيارىتىدە بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاينى ISIS قا قارشى تۇرۇشقا ئۈندىگەن. خىتاي ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى پوزىتسىيىسىنى ھازىرغا قەدەر ئاشكارىلىمىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ بۇنىڭغا ئىجابىي سىگنال بەرمەكتە.

«ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، بىر ئامېرىكا ئەمەلدارى، ئامېرىكا-خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ قانداق ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشنى داۋاملىق مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن، خىتاينىڭ ISIS قا قارشى خەلقئارا ئىتتىپاققا قاتنىشىش ياكى مەلۇم شەكىلدە ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشى، بەزى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى ئەندىشىگە سالغان. ئۇلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي «11‏-سېنتەبىر ۋەقەسى» نى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرغاندەك، ISIS قا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق باستۇرۇشى مۇمكىن.

بۇ توغرىلىق مۇخبىرىمىز ئەركىن ئامېرىكىدا ئولتۇرۇشلۇق مۇستەقىل پائالىيەتچى، ۋەزىيەت ئانالىزچىسى مەمەت توختى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى.