خەلقئارا مەتبۇئاتلار ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي بېسىمغا ئۇچراش مەسىلىسىگە دىققەت قىلماقتا

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانى ئالدىدىكى ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ۋە قەشقەر ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ ئىمامى جۈمە تاھىرنىڭ ئۆلۈمىگە مۇناسىۋەتلىك دەپ قولغا ئېلىنغان كىشىلەرنىڭ كۆرۈنۈشلىرىنى ئوتكەن ھەپتە ئېلان قىلغان.

خىتاينىڭ مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن تارقىتىلغان كۆرۈنۈشلەردە، بۇ ئۇيغۇر ياشلار ئۆزلىرىنىڭ جىھاد ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جىنايەتچىلەرنى ئامما ئالدىدا جىنايىتىنى بايان قىلدۇرۇشى غەربتىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە غەرب ئاخباراتلىرىنىڭ بىردەك دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇلار بۇ كىشىلەرنىڭ قانداق شارائىت ئاستىدا ئۆزىنىڭ ئاتالمىش جىنايىتىنى «ئىقرار» قىلىۋاتقانلىقىنىڭ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. مەسىلەن، بۇ ھەقتە لوس ئانجېلىس ۋاقتى گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە «تېررورلۇق ۋەقەسىگە چېتىشلىق دەپ قولغا ئېلىنغانلارنىڭ جىنايىتىنى نېمىشقىدۇر مۇستەقىل ھالدا تەكشۈرۈش ۋە بېكىتىش مۇمكىن ئەمەس» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان. خەۋەردە، خىتاي ھۆكۈمىتى يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى خەلقئارا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا، جىھاد تەشكىلاتلىرىغا چېتىۋالسىمۇ، بىراق قولغا ئېلىنغان كىشىلەر ھەققىدە دۆلەت ئاخباراتلىرى ئېيتقاندىن باشقا ھېچقانداق مۇستەقىل ئۇچۇر يوقلۇقى بايان قىلىنغان. خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن:
-قەشقەر ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ ئىمامى جۈمە تاھىرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىگە چېتىلىپ قولغا ئېلىنغان 19 ياشلىق نۇرمەمەت ئابدىلى خىتاينىڭ مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرىغا سۆز قىلىۋاتقاندا، خۇددى ماشىنا ئادەملەرگە ئوخشاش ئۆزىنىڭ جىھاد تەشۋىق قىلىنغان ۋىدىئولارنى كۆرگەنلىكىنى ۋە شۇڭا بۇ ئىمامنى ئۆلتۈرمەكچى بولغانلىقىنى ئېيتتى. بىراق، بۇ كىشىلەرنىڭ ئېيتقانلىرىنى مۇستەقىل ھالدا دەلىللەپ، جەزملەشتۈرۈش مۇمكىن بولمىدى. چۈنكى چەتئەللىك ژۇرنالىست ياكى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنىڭ ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈشىگە يول قويۇلمىدى. بۇ كىشىلەرنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ ئۆزىنى ئاقلىغۇدەك ئادۋوكاتىمۇ يوق ئىدى.

لوس-ئانجىلىس ۋاقتى گېزىتى خەۋىرىدە بۇ كىشىلەرنىڭ ئامما ئالدىدا ئوچۇق-ئاشكارا ئىقرار قىلدۇرۇلۇشىدىكى سەۋەبنى مۇلاھىزە قىلىپ يەنە مۇنداق دېگەن :
-خىتاي ھۆكۈمىتى بەلكىم «قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى» نىڭ ئۈنۈملۈك داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن. بىراق ئۇلار شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، غەرب دۆلەتلىرى ھۆكۈمەتلىرىنى ۋە غەربلىك كۆزەتكۈچىلەرنى ۋەقەلەرنىڭ خىتاينىڭ بېسىم سىياسىتىدىن كېلىپ چىققان ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ يەرشارى خاراكتېرلىك مىللىتان ھەرىكەتلەرگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىگە قايىل قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، نۇرغۇنلىغان چەتئەللىك كۆزەتكۈچىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىنى، مەدەنىيىتىنى ۋە دىنىنى چەكلەش سىياسەتلىرىگە بولغان نارازىلىقتىن ۋە ياكى رايوندىكى مۇستەقىللىق ئىدىيەسىنىڭ كۈچىيىشىدىن كېلىپ چىققان نارازىلىق، دەپ قارايدۇ.

خەۋەردە بۇنىڭغا ۋاشىنگتوندىكى جەيمىس توۋن ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى جەيكوب زېننىڭ مۇلاھىزىسى مىسال قىلىنغان. جەيكوب زېن سۆزىدە «خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان بۇ ۋىدىئو كۆرۈنۈشلىرى ۋە ماتېرىياللار خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۇجۇملار خەلقئارا تېررور ھەرىكىتىگە چېتىشلىق، دېگەن سۆزىنى كۈچەيتىپ بېرىشى ۋە ھەتتا خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆزى ۋەقە پەيدا قىلىۋاتىدۇ، دېگەن گۇمانلارنى يوق قىلىشى مۇمكىن. بىراق، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەرىكەتلەرنىڭ پۈتۈنلەي قولدا ياسالغان ۋە ناھايىتى ئاددىي ئۇسۇللار ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغانلىقى ۋە ئۇنىڭدا خەلقئارا جىھاد تەشكىلاتلىرىنى ئىشارەت قىلىدىغان ھېچقانداق بىر سىمۋول ياكى بەلگىنىڭ بولماسلىقى بۇ مىللىتان ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۆز ئىچىدە شەكىللەنگەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا» دېگەن.

لوس-ئانجېلىس ۋاقتى گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان مەزكۇر خەۋەردە يەنە، سىنگاپوردىكى نەنياڭ تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تېررور مۇتەخەسسىسى روھان گۇناراتنانىڭ مۇلاھىزىسىگىمۇ يەر بېرىلگەن. ئۇ سۆزىدە گەرچە دۆلەت ئاخباراتلىرىدا بۇ كىشىلەرنىڭ بۇنداق ھەرىكەت قىلىشىدىكى سەۋەب تىلغا ئېلىنمىسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە نىسبەتەن ئۇزۇندىن بۇيان داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان نارازىلىق مەۋجۇتلۇقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان غەزەپ ۋە ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ياشاپ كەلگەنلىكىنى، شۇڭا رادىكال ئىدىيىلەرنىڭمۇ ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئىتتىكلا تارقىلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ئىلگىرى ساقچىخانىلارغا، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ھۇجۇم قىلغان بولسا بۇ قېتىم جۈمە تاھىرغا ھۇجۇم قىلىشىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتتىكى بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى دەپ قاراشقا بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار سادىر قىلىۋاتقان ۋەقەلەرگە دىنىي رادىكالىزم سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەممە يېرىدە، ئىدارە-ئورگانلاردا، مەكتەپلەردە ۋە ھەتتا يەسلىلەردە «دىنىي رادىكالىزمغا قارشى تۇرۇش» نى قاتتىق تەكىتلىمەكتە. بىراق چەتئەللىك كۆزەتكۈچىلەر مانا بۇنى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا رادىكاللىقنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىدىكى سەۋەب دەپ قارىغان. بۇ ھەپتە ئىچىدە يەنە «ئاسىيا كاتولىكلىرى خەۋەرلىرى» تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى خەۋەردە مۇشۇ مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. «خىتاي شىنجاڭدىكى دىن كۇرسىغا ھۇجۇم قىلىپ، بىر قانچە كىشىنى قولغا ئالدى» تېمىسىدا بېرىلگەن خەۋەردە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىنقى ئايدا بىر يەر ئاستى قۇرئان كۇرسىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى ۋە ئۇ كۇرستا ئوقۇۋاتقان 82 بالىنى «قۇتقۇزۇۋالغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى بايان قىلىنغان. ئۇلار خەۋىرىدە، ئىسلام دىنى گەرچە خىتايدا ئېتىراپ قىلىنىدىغان 5 دىننىڭ بىرى بولسىمۇ، ئەمما مۇسۇلمان ئۇيغۇر ئېلىدا ئىسلام دىنى ئوقۇتۇشىنىڭ قاتتىق چەكلىنىدىغانلىقىنى، مەكتەپلەردە دىن ئوقۇتۇشىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتقان. ئاسىيا كاتولىكلىرى خەۋەرلىرىنىڭ مۇخبىرى ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، مۇخبىر خەۋەردە ئالدى بىلەن ئۆزى بىلەن سۆزلەشكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقايسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن قورقۇپ ئۆز ئىسمىنى بېرىشنى خالىمىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن. خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن:
-ئۆزىنىڭ ئىسمىنى بېرىشنى رەت قىلغان 30 ياشلاردىكى بىر ئۇيغۇر ياش «ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى كەمسىتىش ۋە شۇنداقلا دىننى نورمال ئوقۇشقا يول قويماسلىق-ئۇيغۇرلاردا بولۇپمۇ ئۇيغۇر ياشلىرىدا رادىكال ئىدىيىلەرنىڭ كۈچىيىشىنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەبچىسى، مېنىڭ نۇرغۇن دوستلىرىممۇ بۇنىڭ ئىچىدە» دېدى. ئۆزىنىڭ ئىسمىنى بېرىشنى رەت قىلغان يەنە بىر ئۇيغۇر ماڭا «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان بۇنداق چەكلىمە سىياسىتى ئەمەلىيەتتە ئىسلامنىڭ تېخىمۇ كەڭ تارقىلىشىغا سەۋەب بولۇۋاتىدۇ. ھۆكۈمەت بولۇپمۇ ياشلارنىڭ مەسچىتكە كىرىشىگە يول قويمايدۇ. بىراق ئۇلار دىننى ئۆگىنىشى كېرەك. ئۇنداق قىلمىسا، چوڭلار قېرىپ تۈگەۋاتسا، ئاخىرى يوقاپ كەتمەمدۇ» دېدى.

يۇقىرىدىكى ماقالىدە، بۇ ئىككى نەپەر ئۇيغۇرنىڭ سۆزىگە مىسالەن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بەزى شەھەرلەردە مەخسۇس ھالدا قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى پاش قىلغانلارنى مۇكاپاتلاش تۈزۈمى يولغا قويۇلغانلىقى، 18 ياشتىن كىچىكلەرنىڭ، دۆلەت كادىرلىرى، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسچىتكە كىرىشىنىڭ چەكلىنىدىغانلىقى ۋە يېقىندا تەخمىنەن 300 دىن ئوشۇق كىشىنىڭ دىنىي رادىكاللىققا چېتىلىپ قولغا ئېلىنغانلىقى بايان قىلىنغان ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇنداق سىياسەتلەر ئارقىلىق رادىكاللىققا يول ئېچىپ بېرىش بىلەن ئەيىبلەپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.