يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا كۈچەيتىپ ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ ئائىلىلەرنى پارچىلاپ، بالىلارنىڭ تىرك يېتىملەرگە ئايلاندۇرۇلۇۋاتقانلىقىغا دائىر مىساللار كۆپەيمەكتە، قازاقىستانلىق ئۇيغۇرغا توي قىلىپ 3 پەرزەنتلىك بولغان بولسىمۇ، 10 يىلدىن بېرى ئىزچىل گىراژدانلىق ئىلتىماسى رەت قىلىنىپ كەلگەن مۇيەسسەر مۇھەممەتنىڭ ئائىلىسى شۇلاردىن بىرى. 2016-يىلى ئاۋغۇستتا، قازاقىستان گىراژدانلىق رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىشكە كېرەكلىك ماتېرىياللارنى تولۇقلاش ئۈچۈن يۇرتى ئاتۇشقا قايتقان مۇيەسسەر، دائىرىلەر تەرىپىدىن باشتا لاگېرغا كېيىن تۈرمىگە قامالغان. مۇيەسسەرنىڭ ئاتۇشتىكى بارلىق ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمۇ ئىلگىرى ئاخىر لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن. مۇيەسسەر ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ قىسمەتلىرىنى مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەدىن ئاڭلايلى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭدىن 2-3 يىللار ئىلگىرىلا «تەربىيەلەش» نامىدىكى لاگېرلارنى بەرپا قىلىشقا باشلىغانلىقى ۋە ئەڭ ئاۋۋال بۇنداق جايلارغا دىنىي مەلۇماتقا ئىگە ۋە ياكى چەتئەللەردە ئىسلام ئىلىملىرىنى ئۆگەنگەن ۋە مىسىر قاتارلىق جايلاردا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى قايتۇرۇپ كېلىپ «قايتا تەربىيەلەش» نامىدا ئۇلارغا مېڭە يۇيۇش ۋە ھەر خىل جازا قوللانغانلىقى مەلۇم.
بۇ يىل 33 ياشقا كىرگەن مۇيەسسەر مۇھەممەتنىڭ ئېرى قازاقىستانلىق ئۇيغۇر سەدىردىننىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا، ئۇ ئايالى مۇيەسسەرنى قازاقىستان گىراژدانلىقىغا ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن 10 يىلدىن بۇيان توختىماي تىرىشقان، بۇ يولدا مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەرگە 40 مىڭ دوللاردىن ئارتۇق پۇل خەجلەپمۇ ھېچقانداق نەتىجە چىقمىغان، ئاخىرى قازاقىستان دائىرىلىرىنىڭ تەلەپ قىلغان 14 تۈرلۈك ئىسپاتنى تولۇقلاش ئۈچۈن مۇيەسسەر بۇ قېتىم 2016-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى ئاتۇشقا رەسمىيەت ئۆتۈشكە قايتقان.
ھالبۇكى دائىرىلەر ئۇنى 3 ئايدىن كېيىن لاگېرغا ئېلىپ كەتكەن، ئارقىدىن ئۇنى يەنە تۈرمىگە ئالغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ھېچقانداق جىنايىتى بولمىغان مۇيەسسەرنىڭ 13 يىل بۇرۇن مىسىرغا بېرىپ ئوقۇغانلىقىنى باھانە قىلىپ ئۇنى جازالىغان ئىكەن.
ئىككى يىلدىن بۇيان ئانىسىنى سېغىنغان بالىلىرىغا ھەم ئاتا ھەم ئانا بولۇپ پايپېتەك بولۇۋاتقان ياش ئاتا سەدىردىن، ئۆزىگە ئوخشاش قىسمەتكە ئۇچرىغان قازاقلارنىڭمۇ ئائىلە ئەزالىرىنى خىتاينىڭ لاگېرلىرىدىن قۇتۇلۇشىغا قازاقىستان دائىرىلىرىدىن ياردەم ئالالمىغان بىر ۋەزىيەتتە بۇ ھەقتە ئۆزى ياشاۋاتقان دۆلەتكە ئەرز قىلىشتىنمۇ رايى يانغان بولۇپ، ئاخىرى خەلقئارالىق ئاخباراتلارغا ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىغا ئىسپاتلىق بېرىشنى توغرا كۆرگەنلىكىنى ئېيتىدۇ.
سەدىردىن گەرچە ئۈمىدسىزلىكتە بىر قانچە قېتىم ئۇيغۇر ئېلىگە كىرىشكە تەۋەككۈل قىلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئايالىنىڭ تۈرمىگە مېڭىشتىن بۇرۇن قىلغان «ھەرگىز كەلگۈچى بولماڭ، باشقا ئۇرۇق تۇغقانلارمۇ بالاغا قالىدۇ، سىزمۇ يامان ئاقىۋەتكە قالىسىز، مەن سىز بىلەن ئاجراشتىم دېيىشكە مەجبۇر بولدۇم، بالىلارنى سىزگە تاپشۇردۇم. . . » دېگەن سۆزلىرى ئۇنىڭ يولىنى توسۇپ تۇرماقتا ئىكەن. ئۇ ئايالى مۇيەسسەرنىڭ ئاخىرقى قېتىم ئۈندىداردا ئۆزىگە مەلۇم بىر سېسترانىڭ تېلېفونى ئارقىلىق ئۇچۇر يوللاپ، ئۆزىنىڭ تۈرمىدە ئايلىنىپ قالغانلىقى ئۈچۈن دوختۇرخانىدا ئىكەنلىكى، بۇ يەردىن تۈرمىگە ئېلىپ كېتىلىش ئالدىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقى، ئەنە شۇندىن بۇيان ئالاقىسىنىڭ پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
بىز سەدىردىن تەمىنلىگەن ئۇچۇرغا ئاساسەن، مۇيەسسەر مۇھەممەتنىڭ ئاتۇشتىكى ئائىلىسى تۇرۇشلۇق مەھەللە كومىتېتى بىلەن ئالاقىلىشىپ مۇيەسسەرنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى سورىدۇق، مەھەللە كومىتېتىدىكى بىر ئۇيغۇر ئايال، مۇيەسسەرنىڭ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى ئىنكار قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن ھازىر نەدە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ باشقا سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.
بىز ئاتۇشتىكى بىر قانچە ساقچىخانىلار ئارقىلىق مۇيەسسەرنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىشقا تىرىشقان بولساقمۇ، جاۋاب ئالالمىدۇق.
سەدىردىننىڭ بىر ئاي ئىلگىرى قازاقىستاندىن قورغاس چېگراسىغا بېرىپ، ئاتۇشتىكى ئۇرۇق-تۇغقانلارغا تېلېفون قىلىش ئارقىلىق ئاخىرى، مۇيەسسەر لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئانىسى ۋە ئۆگەي دادىسى، ئىنىسى ۋە باشقا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى، ئۆگەي دادىسى ھەسەن ھاجىنىڭ كېسىلى ئېغىر بولغانلىقتىن يېقىندا قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلگەن. ھەسەن ھاجى كۈيئوغلى سەدىردىنغا تېلېفوندا ئېھتىيات ۋە قورقۇش ئىچىدە «ئەھۋالىمىز ئېغىر، ھەممىسى لاگېردا، بىزگە ئەمدى تېلېفون قىلماڭ» دېگەن.
مۇيەسسەر ۋە ئۇنىڭ ئانىسى ھەم ئۇرۇق -تۇغقانلىرىنىڭ دائىرىلەر تەرىپىدىن لاگېرغا ۋە تۈرمىگە ئېلىپ كېتىلگەنلىكى مەلۇم بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ قايسى تۈرمە ياكى لاگېردا ئىكەنلىكى يەنىلا ئېنىقلانمىدى. سەدىردىن تۈرمىگە كىرىشتىن ئىلگىرى بىر قانچە قېتىم ئايلىنىپ قالغان ئايالىنىڭ ساق -سالامەتلىكىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلماقتا ئىكەن.
0:00 / 0:00