كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى: خىتاينىڭ دىنىي باشقۇرۇش يېڭى نىزامى دىنىي ئەركىنلىكنى تېخىمۇ قاتتىق بوغىدۇ

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016.10.03
meschit-yashanghan-yash-terbiye.jpg جۈمە نامىزىدىن كېيىن، ياشانغان دىنىي ئۆلىما مەسچىت سىرتىدا بىر ياش بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزمەكتە. 2014-يىلى 23-ماي، ئۈرۈمچى.
AFP

«خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى» ناملىق گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى‏ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش نىزامىنى تەنقىدلەپ، ئۇنىڭ خىتايدىكى خرىستىئانلار، بۇددىستلار ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى تېخىمۇ قاتتىق چەكلەشكە ئۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

مەزكۇر تەشكىلات ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مەزكۇر نىزامنىڭ دىنىي ئەركىنلىككە قىلىنغان ھۇجۇم ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «بۇ يېڭى نىزام بولۇپمۇ تىبەت ۋە موڭغۇل بۇددىستلىرىغا شۇنداقلا مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارغا زور ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇنىڭدا دىنىي ئېتىقادنىڭ ھەر قانداق شەكلىنى 'تاشقى كۈچلەرنىڭ قولى' ياكى ' بۆلگۈنچىلىك' دېگەن ناملاردا چەكلەشكە ۋە مەنىي قىلىشقا بولىدۇ» دېيىلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر ئىجرا قىلىۋاتقان «دىنىي ئىشلار باشقۇرۇش نىزامى» 2006‏-يىلى چىقىرىلغان ئىدى. بۇ قېتىم كونا نىزامغا بەزى تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، ئۇنىڭغا «پۇقرالارنى چېگرا سىرتىدىكى دىنىي كۇرس، دىنىي يىغىن، دىنىي پائالىيەتلەرگە تەشكىللەش، مەكتەپ ئورۇنلىرىدا دىن تارقىتىش، دىنىي پائالىيەت ئۆتكۈزۈش، دىنىي تەشكىلات ۋە دىنىي سورۇنلارنى قۇرۇش مەنئى قىلىش....» قاتارلىق يېڭى مەزمۇنلار قوشۇلغان.

ئۇنىڭغا يەنە، «توردا دىنىي مۇلازىمەتنى چەكلەش، دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش، بۆلگۈنچىلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، چەتئەل كۈچلىرىنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى توسۇش، تېررورلۇق ھەرىكەتلەرگە قارشى تۇرۇش....» قاتارلىق مەزمۇنلار كىرگۈزۈلگەن ئىدى.

گېرمانىيە خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتىنىڭ ئاسىيا ئىشلار دىرېكتورى ئۇلرىخ دېلىئۇس دۈشەنبە كۈنى رادىئومىزغا بەرگەن باياناتىدا، بۇ نىزامنىڭ موڭغۇل، تىبەت ۋە ئۇيغۇر رايونلىرىدا دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ بۆلگۈنچىلىك ۋە تاشقى كۈچلەرگە باغلىنىپ باستۇرۇلۇشىغا يول ئاچىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇلرىخ دېلئىۇس: «بىز شۇنداق قارايمىز، تىبەت ۋە موڭغۇل بۇددىستلىرى ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى مەسىلىسىدە بۇ يېڭى نىزام شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە ئىچكى موڭغۇل رايونلىرىدىكى دىنىي ئەركىنلىكنى تېخىمۇ قاتتىق بوغىدۇ. چۈنكى، بۇ يېڭى قائىدە-تۈزۈمدە دائىرىلەرگە دىنىي ئەركىنلىكنى چەكلەش، دىنىي پائالىيەتلەرنى خالىغانچە مىللىي بۆلگۈنچىلىك ياكى چەتئەل كۈچلىرىگە باغلاپ بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى بېرىلگەن.

شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنى بىلگەنلەر ئۈچۈن شۇ نەرسە ناھايىتى ئېنىق، بۇ يېڭى نىزام سەۋەبلىك بۇ رايوندا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ۋە دىنىي ئىبادەت ئىمكانسىز ئەھۋالغا كېلىپ قالىدۇ. چۈنكى، سىزنىڭ ھەرقانداق دىنىي ھەرىكىتىڭىزنى ئاتالمىش بۆلگۈنچىلىككە باغلاش مۇمكىن» دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «دىنىي ئىشلار باشقۇرۇش نىزامى» كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ، خىتاي خرىستىئان دىنىي گۇرۇھلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپلا قالماي، خىتاينىڭ گەنسۇ، چىڭخەي، نىڭشيا قاتارلىق ئۆلكە،رايونلىرىدىكى تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.

ئامېرىكا مارىيلاند ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى، پروفېسسور ما خەييۈن ئەپەندى خىتاينىڭ دىنلارنى قانۇنلۇق دىنىي پائالىيەت، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت، دەپ ئايرىشىنىڭ ئۆزى چوڭ ئىختىلاپ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ما خەييۈن مۇنداق دەيدۇ: «ئۇنىڭ بۇ دىنىي نىزامى ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى بىلەن ھەر قايسى تەرەپلەر بۇنىڭغا كۈچلۈك تەكلىپ پىكىرلەرنى ياغدۇرۇۋەتتى. چۈنكى، بۇ نىزام بارلىق دىنلارغا شۇ قاتاردا مۇسۇلمانلارغا چېتىلغان. دۆلەت ئىچىدە بىر )تۇڭگان( ئىمام بۇنىڭغا ناھايىتى ئۇزۇن پىكىر يېزىپ، سىلەرنىڭ بۇ بەلگىلىمىنى چىقىرىشىڭلار دىننى كونترول قىلىشمۇ ياكى دىننى تېخىمۇ ياخشىراق باشقۇرۇشمۇ، دەپ سورىغان. ئەمەلىيەتتە باشقۇرۇش بىلەن كونترول قىلىش ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ناھايىتى نازۇك بىر نەرسە. بىر تەرەپتىن ئالغاندا، بۇ نىزام پۈتۈنلەي كونترول قىلىشنى مەقسەت قىلغان. مۇشۇنىڭ ئۆزى بىلەن چاتاق. ئۇ قانۇن بىلەن باشقۇرۇش دېسىمۇ، ئەمما سىز قانۇن بىلەن باشقۇرۇشنى ھەممە يەردە ئىجرا قىلالمايسىز. چۈنكى، نېمىنىڭ قانۇنلۇق دىنىي پائالىيەت، نېمىنىڭ قانۇنسىز دىنىي پائالىيە تىكەنلىكى ناھايىتى چوڭ ئىختىلاپ.»

پروفېسسور ما خەييۈن يەنە، دىنىي پائالىيەتلەرنى قانۇنلۇق ياكى قانۇنسىز، دەپ ئايرىشنىڭ ئۇزۇن مەزگىلدە قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلار بىلەن دىنىي مۇرىتلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «مەيلى خرىستىئان ياكى مۇسۇلمان دۆلەت بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىدا قانۇنلۇق دىن، قانۇنسىز دىن، دەيدىغان نەرسە بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ ئەمەلىيەتتە سىياسىي بىر چەك-چېگرا. سىز ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئوخشاش دۆلەتلەرگە قاراپ باقسىڭىزمۇ، ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى قارارى ئەمەلىيەتتە سىياسىي قارار، ئۇ دىنىي قارار ئەمەس. سەئۇدى ئەرەبىستانمۇ ئىراندىن قېلىشمايدۇ. دىنىي مەزھەپلەرنى قانۇنلۇق، قانۇنسىز، دەپ ئايرىش دىنىي قارار ئەمەس، سىياسىي قارار.
خىتاينىڭ بۇنداق قىلىشى مەلۇم نۇقتىدىن سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئىراندىن پەرقلەنمەيدۇ. بۇنىڭدا بىرىنچى، دىننى پۈتۈنلەي سىياسىيلاشتۇرۇپ، نىمىنىڭ قانۇنلۇق، نىمىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى دۆلەت ئېيتىپ بېرىدۇ. بۇ ئىجرا قىلىنغاندا ناھايىتى چوڭ مەسىلە پەيدا قىلىدۇ. چۈنكى، سىز بىر دىنسىز دۆلەت تۇرۇپ، باشقىلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى بېكىتىپ بېرىۋاتىسىز. بۇنىڭ خىتاي تارىخىدىكى فېئودال خاندانلىقلارمۇ قىلىپ باقمىغان. شۇڭا، بۇ ئۇزۇن مەزگىلدە قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلار بىلەن دىنىي مۇرىتلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى كۈچەيتىدۇ.»

گېرمانىيە «خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى» باياناتىدا، خىتاينىڭ ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئارقىلىق، سىياسىي رادىكاللىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئورنىغا، دىنىي ئېتىقادنى چەكلەپ، ئۇيغۇرلاردا كونسېرۋاتىپ دىنىي چۈشەنچىنىڭ كۈچىيىشىنى، دىنىي ئاشقۇنلۇقنىڭ كۈچىيىشىگە ئىلھام بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇنىڭدا، «بېيجىڭدىكى دىنسىز ھاكىمىيەت دىنىي ئېتىقاد ئاساسىدا سىياسىي رادىكاللىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك بولسىمۇ، ئەپسۇسكى ئۇ بۇنىڭ نەق تەتۈرىنى قىلىۋاتىدۇ. ئۇ دىنىي چەكلىمىنى كۈچەيتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تېخىمۇ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرايدۇ. بۇ نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى قۇرئاننىڭ زامانغا لايىق چۈشەندۈرۈلۈشىدىن يىراقلىشىپ، ئۇلارنى تېخىمۇ كونسېرۋاتىپ چۈشەنچىگە يېتەكلەيدۇ. نەتىجىدە، يېڭى نىزام ۋاسىتىلىك ھالدا ئىسلامى ئاشقۇنلۇققا ئىلھام بېرىدۇ» دېيىلگەن.

«خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى» نىڭ ئاسىيا ئىشلار دىرېكتورى ئۇلرىخ دېلىۇس، قاتتىق دىنىي كونتروللۇق خىتاي جەمئىيىتىگە بىخەتەرلىك ئاتا قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئەلۋەتتە ئۇنى تېخىمۇ بىخەتەر قىلالمايدۇ. بەلكى ئۇنىڭ ئەكسىچە ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ. بىزنىڭچە كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ ئەڭ ئىنچىكە تەپسىلاتلىرىنى خالىغانچە كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇش كىشىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغايدۇ. بىزنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بېرى كۆرگەنلىرىمىز بۇنى ئىسپاتلاپ تۇرىدۇ. بىز بۇ يىل 4‏- ۋە 5‏-ئايلاردا بىر خەلقئارا يىغىنغا باردۇق، ئۇيغۇر قاتناشقۇچىلارنىڭ بۇرۇنقىدىن زور دەرىجىدە كۆپىيىپ كەتكەنلىكىنى كۆردۇق.

مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە، يىللاردىن بېرى بىز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دىنىي ئېتىقادى رەت قىلىنغانسېرى، ئۇلاردا دىندارلىق شۇنچىلىك كۈچىيىپ باردى. ئۇلاردا دىندارلىق كۈچىيىپلا قالمىدى، بەلكى ئۇلاردىكى كونسېرۋاتىپ دىنىي چۈشەنچىگە قىزىقىش كۈچەيدى. بۇنى يېقىنقى 20-30 يىلغا سېلىشتۇرساق كۆرگىلى بولىدۇ. مەن بۇرۇن ئۇيغۇرلارنى ئىسلامنىڭ لىبېرال ئېقىمى، دەپ قارايتتى. ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئۇيغۇرلارنى كونسېرۋاتىپلاشتۇردى.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.