قۇربان ھېيت كېلىشتىن بۇرۇن، خىتاي دائىرىلىرى قاراماي شەھىرىدە ھەر قايسى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا كۈچىيىپ بېرىۋاتقان دىنىي ئەقىدىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىش ئۈچۈن، قاراماي شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ھەر قايسى مەكتەپلەردە «ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلماسلىق ۋەدىنامىسى» گە ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنى قول قويدۇرۇشقا مەجبۇرلىغان.
ۋەدىنامىدە ئوقۇغۇچىلاردىن ھېچقانداق دىنغا ئىشەنمەسلىك، ھەر قانداق دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىق، دىنىي تۈس ئالغان كىيىملەرنى كىيمەسلىك، قانۇنسىز دىنىي ئوقۇشلۇق، تەشۋىقات بۇيۇملىرىنى كۆرمەسلىك ھەمدە تارقاتماسلىق، دىنىي تۈسكە ئىگە ئۇن-سىن بۇيۇملىرىنى كۆرمەسلىك، ئاڭلىماسلىق ھەمدە تارقاتماسلىق ھەققىدە ۋەدە ئالغان بولسا، ئاتا-ئانىلارنى ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنى دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىغا ئاپارماسلىق، دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتناشتۇرماسلىق، ھەتتا روزى ھېيت ۋە قۇربان ھېيت بايرام مەزگىلىدىكى دىنىي مۇراسىملارغا قەتئىي قاتناشتۇرماسلىق توغرىسىدا ۋەدىنامىگە قول قويدۇرغان.
ئىگىلىشىمىزچە، قۇربان ھېيت مەزگىلدە خىتاي دائىرىلىرى قاراماي شەھىرىدىكى ھەر قايسى مەسچىت ئەتراپىغا، كىرىش ئېغىزلىرىغا ساقچى ھەمدە مائارىپ، قانۇن ئورگانلىرىدىن ئۇيغۇر كادىرلارنى ئاجرىتىپ ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ ھېيت نامىزىغا كىرىشىنى توسقان.
بىز بۇ توغرىسىدا ئەھۋال ئىگىلەش ئۈچۈن قاراماي شەھىرىدىكى بىر قىسىم ئاھالىلەرگە تېلېفون قىلىپ، قاراماي شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى تارقاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلماسلىق ۋەدىنامىسىگە بولغان قارىشىنى ئالدۇق.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان شەھەر ئاھالىلىرى بۇ مەسىلىگە قارىتا كۆز قارىشىنى ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئاڭلاتتى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر قاراماي شەھەر ئاھالىسى، قۇربان ھېيتتىكى ئوقۇغۇچى بالىلارنى مەسچىتكە كىرگۈزمىگەن ئەھۋاللارنى ئۆزى كۆرگەنلىرىنى ۋە قاراماي مائارىپ ئىدارىسى چىقارغان «ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلماسلىق ۋەدىنامىسى»گە جەمئىيەتتىن بولغان ئىنكاسلارنى ئاڭلاتتى.