ماكودونىيە تېتوۋا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى «دىن ۋە زوراۋانلىق» يىغىنىدا ئۇيغۇرلاردىكى دىنىي ئېتىقاد مەسىلىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2015.10.20
Din-Zorawanliq-muhakime-yighin.jpg ماكودونىيە تېتوۋا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «دىن ۋە زوراۋانلىق» نامىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 16-ئۆكتەبىر.
RFA

ماكودونىيە تېتوۋا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېچىلغان «دىن ۋە زوراۋانلىق» ناملىق خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد مەسىلىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، يىغىندا ئۆزىنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى قاتارلىق خەلقئارا ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرىدا ئېلان قىلىنغان پاكىتلىق ماتېرىياللار ئاساسىدا دوكلات تەييارلاپ، شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرى ھەتتا دىنىي يوسۇندا كىيىنىشىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن دىنىي رادىكاللىق ۋە خەلقئارا تېررور ھەرىكەتلىرىگە باغلاپ باستۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنى بۇ ۋەزىيەتكە دىققەت قىلىشقا چاقىرغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلشات ئەپەندى بايانىدا 16-ئۆكتەبىر جۈمە كۈنىدىن 18-ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنىگىچە، ماكودونىيىنىڭ پايتەختى سكوپىيا شەھىرىدىكى تېتوۋا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېچىلغان «دىن ۋە زوراۋانلىق» تېمىسىدىكى يىغىن ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ، ئاۋسترىيەنىڭ ۋيېنا ئۇنىۋېرسىتېتى، ئىنىسبېرگ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ماكودونىيەدىكى دۆلەتلىك تېتوۋا ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئۈچ ئۇنىۋېرسىتېت بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرغان بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا ئاۋسترىيە، ماكودونىيە، ئامېرىكا، گېرمانىيە، فىرانسىيە، تۈركىيە، رۇسىيە، ئۇكرائىنا، رۇمىنىيە، تاتارىستان قاتارلىق 10 نەچچە دۆلەت ۋە رايونلاردىن كەلگەن دىن تەتقىقاتى ساھەسىدىكى 200 دىن ئارتۇق تەتقىقاتچى ۋە پائالىيەتچىلەر قاتناشقانلىقىنى، يىغىنغا قاتناشقان ئىسلام دىنىي ۋە خرىستىئان دىنىي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ نۇقتىلىق ھالدا «دىن بىلەن زوراۋانلىقنىڭ مۇناسىۋىتى» مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، نۆۋەتتە خەلقئارادا يۈز بېرىۋاتقان زوراۋانلىق تېررورلۇق ۋەقەلىرى ئىچىدە پەقەت 17% نىڭلا دىن بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، ۋە بۇ قارشىلىقلارنىڭ يۈز بېرىشىنى دىنىي ئەقىدىلەر ئەمەس، بەلكى شۇ دۆلەت ھەم ھۆكۈمەتلەرنىڭ دىنىي سىياسىتى، مىللىي سىياسىتى قاتارلىقلار كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلشات ئەپەندى يەنە ئۆزىنىڭ يىغىندا بەرگەن دوكلاتى ھەققىدە توختىلىپ، «خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ زۇلۇمى ئاستىدىكى ئۇيغۇر مىللىتى ۋە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان دىنىي چەكلىمە ۋە زۇلۇملار» دەپ تېما قويۇلغان دوكلاتىدا، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى، ئامېرىكا ئاۋازى ۋە باشقا خەلقئارا ئاگېنتلىقلاردا يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان يەرلىكتىن ئىگىلەپ بېرىلگەن پاكىتلىق خەۋەرلەر ۋە ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، چەتئەللەردىكى دىنىي تەشكىلاتلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تور بېكەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلاردىن پايدىلىنىپ، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى دەۋرىدە بولۇپمۇ، شى جىڭپىڭ تەختكە چىققاندىن بۇيان ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان دىنىي جەھەتتىكى باستۇرۇش ئەھۋالىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلشات ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان دىنىي زۇلۇم مەسىلىسى يىغىننىڭ جۈمە كۈنىدىكى سەھىپىسىنىڭ قىزغىن مۇزاكىرە تېمىسىغا ئايلانغان. يىغىنغا قاتناشقان دىنىي ساھەدىكى تەتقىقاتچىلار ئىلشات ئەپەندىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ۋەزىيىتى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي باستۇرۇش سىياسىتى ھەققىدە ھەر خىل سوئاللارنى سوراپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەتقىقاتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ۋەزىيىتى ھەققىدە نۇقتىلىق ئىزدىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى خەلقئارا دىنىي جەمئىيەتلەر ۋە تەتقىقاتچىلار ھەم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان دىنىي ئېتىقاد چەكلىمىلىرى ھەققىدىكى تېخىمۇ كۆپ ۋە كەڭ بولغان كونكرېت پاكىتلىق ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىشىنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەتقىقات ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە قاراتقان دىنىي سىياسىتىدىكى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا تولىمۇ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئىلشات ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.