ئىگىلىشىمىزچە، خىتاي دائىرىلىرى نۆۋەتتە دىنىي ساھەدە مەلۇم تەسىرگە ئىگە ئۇيغۇرلارنى «ياۋا ئىمام» ياكى «ياۋا ئاخۇن» دېگەن ناملار بىلەن قاتتىق زەربە بېرىشكە باشلىغانلىقى مەلۇم.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە مېڭىسى يۇيۇلغان بىر قىسىم «قىزىل ئاكتىپ» لارنى تەشۋىقات سەھنىسىگە ئېلىپ چىقىپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە «دىنسىزلاشتۇرۇش» دولقۇنى قوزغىغان.
10-نويابىر كۈنى قەشقەر شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى 22 نەپەر ئۇيغۇرغا «قانۇنسىز دىنىي تەبلىق بىلەن شۇغۇللانغان» دېگەن جىنايەت بىلەن جازا ھۆكۈم قىلغاندا، خىتاي تاراتقۇلىرى تۇنجى قېتىم «ياۋا ئاخۇن» دېگەن يېڭى ئاتالغۇنى كۆتۈرۈپ چىققان.
رويتېرس ئاگېنتلىقى 11-نويابىر بۇ ھەقتە ئىنكاس بىلدۈرۈپ، «جۇڭگو دائىرىلىرى نۆۋەتتە ئاتالمىش ‹ياۋا ئىمام› لارنى زەربە نىشانى قىلماقتا» سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلدى.
مەلۇم بولۇشىچە، يەكەن ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن يەكەندە خىزمەت تەكشۈرۈشتە بولغاندا خەلق ئىچىدىكى «ياۋا ئاخۇن» ياكى «ياۋا ئىمام» لارغا قاتتىق زەربە بېرىشنى تەكىتلىگەن.
خىتاي تاراتقۇلىرى «ياۋا ئاخۇن» ياكى «ياۋا ئىمام» دېگەن ئاتالغۇلارنى تىلغا ئالغاندا، ئۇلارنىڭ «خەلق ئىچىدىكى مەلۇم تەسىرگە ياكى چاقىرىق كۈچىگە ئىگە، ئەمما قولىدا ھۆكۈمەت تەرەپتىن بېرىلگەن كىنىشكىسى بولمىغان دىنىي ئۆلىمالار» ئىكەنلىكىنى ئىشارە قىلغان.
ئەجەبلىنەرلىكى شۇكى، دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىدا ئاتالمىش «ياۋا ئىمام» لارغا قارشى زەربە بېرىش خاراكتېرلىك تەشۋىقات ئۇرۇشى قوزغاش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە كومپارتىيەنى، دىنسىزلىقنى ھىمايە قىلىدىغان بىر قىسىم تىپلارنى سەھنىگە ئېلىپ چىققان.
يېقىندا شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ياش مۇخبىرى خەمىت مەمەت خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيەسىدە نۇتۇق سۆزلەپ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن يېتىشتۈرۈلگەن «قىزىل ئاكتىپ» لارنىڭ ھېكايىسىنى خىتايدىكى مىليونلىغان كۆرۈرمەنلەرگە ئاڭلاتقان. خىتاي تاراتقۇلىرى ئۇنىڭ نۇتقىنى «ياخشى مۇخبىر سۆزلىگەن ياخشى ھېكايە» دەپ تەرىپلىگەن.
ئۇنداقتا، دائىرىلەر كۈچەپ بازارغا سېلىۋاتقان شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى «سىياسىي ئاكتىپ» لارنىڭ ئېغىزى ئارقىلىق تەشۋىق قىلىۋاتقان «ئۈلگىلىك تىپ» لار زادى قانداق كىشىلەر؟
سەككىز يىلدىن بۇيان ئۆز ھويلىسىدا قىزىل بايراق چىقىرىپ، خىتاي كومپارتىيەسىنى ھىمايە قىلىپ كەلگەن، ھەتتا ئۆلگەندە «مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىدا ئەمەس، بەلكى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى يېتىشنى ئارزۇ قىلىدىغان» 70 ياشلىق قۇربان ئۆمەر دەل ئاشۇنداق كىشىلەر تىپىدىن.
ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆز ھېكايىسىنى ئۆزى بايان قىلدى.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.