بىرقانچە كۈندىن بېرى ئۇيغۇر رايونىدىكى بىر قىسىم ھۆكۈمەت تورلىرىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئادەتتىكى پاسپورت بېجىرىشنى قۇلايلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى يولغا قويغانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا.
خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، خوتەن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ چېگرادىن كىرىپ چىقىشنى باشقۇرۇش ئەترىتى پاسپورت بېجىرىشنى تېزلەشتۈرۈش ۋە ئاددىيلاشتۇرۇش ئۈچۈن يېڭىدىن 32 خادىم قوبۇل قىلغان ۋە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ئۈچۈن 17 يېڭى كۆزنەك ئاچقان.
خەۋەرلەردە پاسپورت بېجىرگۈچىلەرنىڭ رازىمەنلىكىمۇ سۈرەتلىك ھالدا كۆرسىتىلگەن. مۇخبىرىمىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خوتەنگە تېلېفون قىلىپ، بۇ ھەقتە ئاھالىلەردىن ئەھۋال ئىگىلىدى. ئاھالىلەردىن 71 ياشلىق بىر كىشى بۇ قولايلىقنىڭ پەقەت ئاز ساندىكى كىشىلەر ئۈچۈن يارىتىلغانلىقى، كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ بۇ ئەۋزەللىكتىن مەھرۇم ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ بۇ ۋەزىيەتكە ئۆز كەچمىشىنى پاكىت قىلىپ كۆرسىتىپ، «دائىرىلەر مېنىڭ پاسپورت ئىلتىماسىمنى يېشىڭ چوڭكەن دەپ رەت قىلدى، ئەمما ھاشارغا ھەيدەيدىغان چاغدا يېشىمنى سوراپمۇ قويمىدى» دەپ شىكايەت قىلدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.